دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا تاجىكىستان زۇڭتۇڭى، ئىتالىيە زۇڭلىسى بىلەن تېلېفونلاشتى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-09-09 18:08:00

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ تاجىكىستاننىڭ پات ئارىدا مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، جۇڭگو - تاجىكىستان مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى نامايان قىلغان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە زىچ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشتەك قوشنىدارچىلىق مېھرىنى نامايان قىلغان بولۇپ، ئۆزئارا تايىنىشقا بولىدىغان جانجىگەر ھەمراھلار. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىچكى خاس مەزمۇنغا باي تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، يىمىرىلمەس خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ داۋاملىق تۈردە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىساد - سودا، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى تاجىكىستانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ، تاجىكىستان تەرەپنىڭ يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ چېگرا پورتى بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - تاجىكىستان يۈك تىرانسپورت چوڭ تومۇرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ داۋالاش - تېببىي ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغاندىن بۇيان قانات يايدۇرغان خىزمەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، تاجىكىستان تەرەپنىڭ رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ ھەم بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەۋپسىزلىك ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

راخمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاجىكىستان بىلەن جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتى سىجىل، پۇختا، ساغلام تەرەققىي قىلدى. تاجىكىستان تەرەپ ئۇلۇغ، دوستانە جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان تاجىكىستان تەرەپنى خالىس، سەمىمىي ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، بولۇپمۇ جۇڭگو تەرەپنىڭ ۋاقتىدا تەمىنلىگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ياردىمى تاجىكىستان تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا كۈچلۈك مەدەت بولدى. تاجىكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىقتىساد - سودا، خەۋپسىزلىك، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاجىكىستان - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يېڭى ئىچكى خاس مەزمۇن قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ تاجىكىستان تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق تۈردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىدا زىچ ھەمكارلىقنى ساقلاشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ يەنە ئافغانىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشقا قوشۇلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئىتالىيە زۇڭلىسى دىراگى بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئىتالىيە مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق جەريانىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا زوقلىنىپ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتلاردا ئۆزئارا ياردەم بەردى. جۇڭگو تەرەپ ئىتالىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئىتالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - ئىتالىيە دوستلۇقىنى قوغداپ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتكە ئىگە دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات مۇناسىۋىتىدە ئۈلگە تىكلەشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ كېلەر يىلىدىكى جۇڭگو - ئىتالىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى پائالىيىتىنى ئورتاق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، بولۇپمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 2026 - يىللىق مىلان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ ياخشى ئۆتكۈزۈشى، بۇنى پۇرسەت بىلىپ ئىككى دۆلەتنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى ۋە كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىتالىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئىتالىيەنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى سۈپىتىدە يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە ھەمكارلىقى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا پائال تۈرتكە بولغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. ھازىر يەر شارىۋى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، 20 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارا ئىقتىساد ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسلىق سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سىغدۇرۇشچان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلاردا تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يەر شارى ئىدارە قىلىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە ئىتالىيە تەرەپنىڭ بۇ جەھەتتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، ئىتالىيە تەرەپنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رىم باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.

دىراگى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىتالىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، ئىتالىيە تەرەپ ئىتالىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىتالىيە - جۇڭگو مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى پائالىيىتىنى ئورتاق ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىتالىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىتالىيەنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن پائال تىرىشچانلىقى ۋە تۆھپىسىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىدىكى مۇھىم تەسىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسىدا ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش