دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ رۇەن چۇنفۇنىڭ ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-07-28 17:57:58

لى كېچياڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ فەن مىڭجېڭنىڭ ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇەن چۇنفۇغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام تاغ - دەريالىرى تۇتاش سوتسىيالىستىك قوشنا دۆلەتلەر بولۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئورتاق مەنپەئىتى كەڭ. 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇم ئاپىتى ئالدىدا، ئىككى تەرەپ ئورتاق غايە - ئېتىقادنى قەتئىي ساقلاپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق ئەسلىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنغا ئىگە قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 13 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو - ۋىيېتنام ئىككى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم قويدى. مەن جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ۋىيېتنامدىكى رەھبىرىي يولداشلار بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشنى خالايمەن.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، فەن مىڭجېڭنىڭ ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: زۇڭلى فەن مىڭجېڭ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوستانە ھەمكارلىق ئاساسىنى پۇختىلاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش