دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى خەلقئارا ھەمكارلىقى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا يازما سۆز قىلدى
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-06-25 19:06:37

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 6 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى خەلقئارا ھەمكارلىقى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا يازما سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مېنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسىتىم − يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئوچۇق ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. سەككىز يىلدىن بۇيان، 140 دۆلەت جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى. ھەرقايسى تەرەپلەر سىياسەت جەھەتتە ئالاقىلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، زور بىر تۈركۈم ئەمەلىي ھەمكارلىشىدىغان، خەلققە بەخت يارىتىدىغان تۈرلەرنى قوزغىتىپ، ھەر تەرەپلىمە، بىرىكمە تىپتىكى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، ئورتاق تەرەققىياتنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى ياراتتى. تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، بىز ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىشەنچ ۋە كۈچ تارقىتىپ، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتۇق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت ھەمكارلىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئوچۇق، يېشىل، پاك، ھەمكارلىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش ھەمكارلىق نىشانىغا كۈچ چىقىرىش كېرەك. جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنى تېخىمۇ كۆپ بازار پۇرسىتى، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى، ئېشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، تېخىمۇ زىچ بولغان «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش