شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ دۇنيا مۇھىت كۈنى باش تېمىلىق پائالىيەتنىڭ پاكىستاننىڭ ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئون يىل يولغا قويۇشتىكى باشلىنىش يىلى، پاكىستاننىڭ «ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» باش تېمىسىدىكى دۇنيا مۇھىت كۈنى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەر شارى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق يۇرت - ماكانى. ئېكولوگىيە گۈللەنسە مەدەنىيلىك گۈللىنىدۇ. ئىنسانلار تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەتكە ماسلىشىپ، تەبىئەتنى قوغداپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان يېڭى ئەندىزىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ يوقىلىشى، چۆللىشىشنىڭ ئېغىرلىشىشى ۋە ئىنتايىن ناچار ھاۋا رايىنىڭ تەكرار كۆرۈلۈشى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا كەسكىن خىرىس ئېلىپ كەلدى. دۇنيا جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، خەلقئارا جەمئىيەت مىسلىسىز يۈكسەك ئىرادە ۋە ھەرىكەت بىلەن ئادىل، مۇۋاپىق، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يەر شارىۋى مۇھىت تۈزەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى تارىختىن بۇيان ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ بىرلىكىنى قەدىرلەپ كەلگەن. جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزىدۇ. جۇڭگو يەرشارىۋى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قاتناشقۇچىسى، تۆھپە قوشقۇچىسى، باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەتئىي ھالدا كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە كۈچ چىقىرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، يەر شارىۋى مۇھىت تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ. جۇڭگو بۇ يىل «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداش زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، يەر شارىۋى مۇھىت تۈزەشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ.
1972 - يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنىنى دۇنيا مۇھىت كۈنى قىلىپ بېكىتكەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت يىرىك پىلان مەھكىمىسى ھەر يىلى بىر ئەزا دۆلەتنى تاللاپ دۇنيا مۇھىت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ يىللىق دۇنيا مۇھىت كۈنىنىڭ باش تېمىسى «ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش».