دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا سېررالېئون زۇڭتۇڭى، كونگو (كىنشاسا) زۇڭتۇڭى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىلەن تېلېفونلاشتى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-05-09 16:32:47

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىئاۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو - سېررالېئون دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. يېرىم ئەسىردىن بۇيان، مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، جۇڭگو - سېررالېئون ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنى قوللىدى، ئېبولا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق ئېغىر، زور يۇقۇملارغا دۇچ كەلگەن جىددىي پەيتلەردە ھەمىشە قەتئىي بىر سەپتە تۇردى. ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ساقلىدى، ياخشى قېرىنداش، ياخشى دوست بولدى. جۇڭگونىڭ سېررالېئونغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى، جۇڭگو ياردەم بەرگەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە ۋاكسىنا سېررالېئوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىدە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى، جۇڭگو تەرەپ سېررالېئون تەرەپ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سېررالېئون تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2021 - يىلى جۇڭگو - سېررالېئون ئىككى دۆلەت، ئىككى پارتىيە ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن مۇھىم بىر يىل. ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە سېررالېئوننىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قۇربىنىڭ يېتىشىچە مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بىر - بىرىنى قوللاپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغدىشى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سېررالېئون تەرەپ بىلەن جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدە ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، مۇنبەر بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ.

بىئاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ۋە سېررالېئون - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. جۇڭگونىڭ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە گەۋدىلىك مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى جۇڭگونى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇپلا قالماي، يەنە دۇنيا تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو تەرەپنىڭ سېررالېئون تەرەپنى ئىقتىساد، جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ئەمەلىي ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو سېررالېئون ۋە ئافرىقا خەلقىنىڭ ھەقىقىي، ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ياخشى دوستى. سېررالېئون تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. سېررالېئون تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سېررالېئون - جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ، سەھىيە، ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كونگو(كىنشاسا) زۇڭتۇڭى زىسېكدى بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كونگو(كىنشاسا) جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، ئۆزئارا قوللاش، ئۆزئارا ئىشىنىش ئىككى دۆلەتنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - كونگو مۇناسىۋىتىگە باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ كەلدى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى، كونگو تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، كونگو تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە بېرىش - كېلىش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. كونگو تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو - كونگو ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى سۇپا قۇردى، يېڭى مەنزىل ئاچتى. جۇڭگو تەرەپ كونگو تەرەپ بىلەن كېيىنكى قەدەمدىكى ھەمكارلىقنى ئورتاق پىلانلاپ، ئىقتىساد - سودا، ئۇل ئەسلىھە، داۋالاش - سەھىيە، يېزا ئىگىلىك، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - كونگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، سودا، سېلىنما قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىشىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش باشتىن - ئاخىر جۇڭگو تەرەپنىڭ قەتئىي ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. جۇڭگو تەرەپ كونگو(كىنشاسا)نىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىنى قوللايدۇ، كونگو تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى سەھىيە، تىنچلىق، خەۋپسىزلىك، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى قوللايدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىرىكمە كۈچنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

زىسېكدى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن كونگو(كىنشاسا) ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. كونگو بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر، كونگو تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، كونگو - جۇڭگو دوستلۇقىغا قەتئىي كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئافرىقىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھىغا ئايلىنىدۇ. كونگو تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، بايلىق، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن ماددىي ئەشيا، ۋاكسىنا قاتارلىق ياردەملەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئافرىقا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇھىت قوغداش، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە ئافرىقا - جۇڭگو ھەمكارلىق مۇنبىرىدە يېڭى تەرەققىياتلارنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ باخنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس باخنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. يۇقۇم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق تەنھەرىكەت كاتتا مەرىكىلىرىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتتى. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا داۋاملىق ماسلىشىپ، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقىگە بىخەتەر قاتنىشىشىنى قوغدايدىغان ئۈنۈملۈك توسۇقنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈش نىشانىنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، بارلىق مۇسابىقە مەيدان - سارايلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتتى، مۇسابىقىنى تەشكىللەش ۋە مەيدان - سارايلارنى يۈرۈشتۈرۈش تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، مۇسابىقە مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتى تېز ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ قار ئۈستىدىكى تۈرلەر، مۇز ئۈستىدىكى تۈرلەرنى سىناش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇسابىقىگە ئالاقىدار ئاچقۇچلۇق مۇھىم ئامىللارنى ئۈنۈملۈك تەكشۈردى. جۇڭگو تەرەپ كېيىنكى يېرىم يىلدىكى تۈرلۈك سىناق مۇسابىقىلىرىنى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كاتتا مەرىكىسى، پۈتۈن يەر شارىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر ئادىل مۇسابىقىلىشىدىغان سەھنە. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىشنى پائال قوللىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز. جۇڭگو تەرەپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆز قەرەلىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە تولۇق ئىشەنچى بار، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بىر نۆۋەتلىك ئىخچام، بىخەتەر، قالتىس ئولىمپىك تەنھەرىكەت كاتتا مەرىكىسى قىلىپ ئۆتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.

باخ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى تەرەققىياتتا پەخىرلىنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ باشلامچىلىق بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدە مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ياخشى ھەمكارلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ھازىر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى مۇھىم باسقۇچتا تۇرماقتا. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى «ئولىمپىك نىزامنامىسى»دە چىڭ تۇرۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق زىچ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاشنى خالايدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دۇنياغا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئۈلگە بولىدىغان كۈچنى نامايان قىلىپ، دۇنيا قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش