دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > قانۇن

ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ئەر ئۈچ ئاپتوموبىلنى سوقۇپ قېچىپ كەتتى، خەلق ساقچىلىرى يەتتە سائەتتە دېلونى پاش قىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇتۋاقتى:2023-04-27 11:10:09

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر فاڭ جياۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ لىڭيۈ) 4- ئاينىڭ 19- كۈنى سائەت 7دە، بىڭتۇەن 14- شىسى كۈنيۈ شەھىرى لۇڭبويۈەن ئولتۇراق رايونىدا بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى يۈزبەردى. ئۈچ كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى، ۋەقە سادىر قىلغان ئاپتوموبىل قېچىپ كەتتى. شۇ كۈنى سائەت 9دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، خوتەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئاممىنىڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرىنى دەرھال دېلو يۈزبەرگەن نەق مەيدانغا ئەۋەتتى.

  خەلق ساقچىلىرى ئاممىۋى كۆزىتىش ئاپپاراتى ھەم ئەتراپتىكى ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىر ئاق رەڭلىك پىكاپنىڭ ئوڭ تەرىپىدە سۈرۈلۈپ كەتكەن ئىزنىڭ بارلىقىنى، ئىنتايىن گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇچۇرنى دەلىللىگەندىن كېيىن، شۇ كۈنى سائەت 14لەردە، خەلق ساقچىلىرى ۋەقە سادىر قىلغان ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى لى ×نى قولغا چۈشۈردى. خەلق ساقچىلىرى لى ×نى تەكشۈرۈپ ئۆلچىدى، نەتىجىدە ئۇنىڭ قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى mg/100ml45 ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

  دەلىل- ئىسپات ئالدىدا لى × ھاراق ئىچىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەپ ھادىسە تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتكەنلىك پاكىتىنى تاپشۇردى. شۇ كۈنى لى × بەش بوتۇلكا پىۋا ئىچىپ، سەھەر سائەت 1دە دوستىنى ئاپتوموبىل بىلەن ئولتۇراق رايونغا ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، ئۆزى يالغۇز ئاپتوموبىلدا سائەت 7گىچە ئولتۇرۇپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايونغا قايتىش ئۈچۈن ماڭغان. يولدا يان تېلېفونى ئېھتىياتسىزلىقتىن سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتكەن، ئۇ ئېگىلىپ يان تېلېفونىنى ئېلىۋاتقاندا رولى سول تەرەپكە ئۇرۇلۇپ بىر ئاپتوموبىلنى سوقۇۋەتكەن، كېيىن دەرھال رولنى ئوڭ تەرەپكە ئۇرۇپ يەنە باشقا ئاپتوموبىللارنى سوقۇۋەتكەن.

  «شۇ چاغدا بەك جىددىيلىشىپ كەتتىم، ئەتراپتا ئادەم يوقلۇقىنى كۆرۈپ، تەلەي سىناش پىسخىكىسى بىلەن ئۆيگە قايتىپ ئۇخلىدىم، بۇنچە تېز تۇتۇلۇپ قېلىشىمنى ئويلىماپتىمەن.» دېدى لى ×.

  ھازىر بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش