دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > قانۇن

قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-12-29 11:37:51

ئاپتونوم رايون قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى

قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 12 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى قاراماي شەھىرىدە ئېچىلدى، يىغىندا پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، تەجرىبىلەر ئالماشتۇرۇلۇپ، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى خىزمىتى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، قايتا ئالغا سىلجىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلىپى بويىچە، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تۈزۈم سىستېمىسىنى كۈنسېرى تاكامۇللاشتۇردى، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت ـ ماجىرالارنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك تۈگەتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلگەن، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلغان ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى سادىقلىق بىلەن قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىستېما تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش، باھالاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلاش روشەن يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مۇھىم، زور مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، قانۇن مەسلىھەتچىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خىزمەتلەرنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. دىققەتنى مەنبەدىن تۈزەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئۆلچەملىك، ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈش كېرەك. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىدىن ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىن ھاياتىي كۈچكە ئېرىشىپ، سەمىمىي بولۇپ ۋەدىگە ئەمەل قىلىشتىن ئاممىۋى ئىشەنچنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت بەرپا قىلىش كېرەك. قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتىدىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن ئاچقۇچ»تىن ياخشى پايدىلىنىپ، قانۇنچىللىق مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ كۈچەش نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان، مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەيدىغان، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇنغا تايىنىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەڭ بىرىكمە كۈچ توپلاپ، تېخىمۇ جاسارەتلىك بولۇپ نەتىجە يارىتىدىغان روھىي ھالەت بىلەن قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە، يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ۋاڭ مىڭشەن، جاۋ چىڭ، چېن مىڭگو، ياڭ يۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش