دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > قانۇن

70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتتى، ئوغرى بىر ياستۇققا باش قويغۇچى ئىدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇتۋاقتى:2022-12-29 10:17:16

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى مۇخبىرى گۇڭ يەنچېن، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ جىيۈەن

يېقىندا بىڭتۇەن 2- شىسى يەنجى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بىر ئوغرىلىق دېلوسىنى سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇردى، جاۋابكار توردا قىمار ئويناپ پۇل- مېلىنى ئۇتتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، ئۆي تۇتۇۋالغان ئوغۇل دوستى بىلەن ئوغۇل دوستىنىڭ ئانىسىنىڭ 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى ئوغرىلاپ زىيىنىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغان، نەتىجىدە ھەممىسىنى ئۇتتۇرۇۋېتىپلا قالماي، يەنە ئۆزىنى سوتقا ئېلىپ چىققان.

2020- يىلى، شې × × توردا 2- شى تيېمېنگۇەن شەھىرى 24- تۇەن گاۋچياۋ بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋەن ئەپەندى بىلەن تونۇشۇپ، بىر- بىرىگە ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالغان. كېيىن شې × × قىزىنى ئېلىپ ۋەن ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان.

بۇ مەزگىلدە، شې × × توردا قىمار ئويناشقا مەپتۇن بولۇپ قېلىپ، بارلىق پۇل- مېلىنى سېلىپ بەرگەن، لېكىن ئۇدا زىيان تارتىپ پايدا ئالالمىغان، بۇنىڭ بىلەن كىرىم مەنبەسى يوق ئۇ ناھايىتى تىت- تىت بولۇپ، ۋەن ئەپەندىنىڭ ئانىسىنىڭ پېيىگە چۈشكەن.

2021- يىلى 10- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ۋەن ئانا سىرتقا چىققاندا يان تېلېفونىنى ئۇنتۇپ قالغان، شې × × ئىلگىرى ئوغرىلىقچە خاتىرىلىۋالغان ۋېيشىندا پۇل تۆلەش مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، ۋەن ئانىنىڭ 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى ئۆزىنىڭ ھېساباتىغا يۆتكىۋالغان، ھەم ھېسابات يۆتكەش خاتىرىسى ۋە قىسقا ئۇچۇر ئۇقتۇرۇشى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.

شې × × بۇ پۇل بىلەن دەسمايىسىنى قايتۇرۇۋېلىپ، پۇل تاپقاندىن كېيىن ئاندىن ۋەن ئانىغا قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولغان. لېكىن ئىش ئويلىغان يەردىن چىقماي، 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنىمۇ ئۇتتۇرۇۋەتكەن.

پايدىنىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن  شې × × ئوغۇل دوستىنىڭ پېيىگە چۈشكەن. بۇ يىل 3- ئايدا، شې × × ۋەن ئەپەندى قاتتىق ئۇخلاۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئۇنىڭ QQ پۇل قاپچۇقىنىڭ پۇل چىقىم قىلىش مەخپىي نومۇرىنى ئوغرىلىقچە ئۆزگەرتىپ، ۋەن ئەپەندىنىڭ 40 مىڭ يۈەن پۇلىنى 13 قېتىمغا بۆلۈپ ئۆزىنىڭ ھېساباتىغا يۆتكىۋالغان.

شې × × بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى ئۇتتۇرۇۋەتكەن.

بۇ يىل 6- ئايدا، ۋەن ئەپەندى تاسادىپىي بانكا كارتىسىدىكى پۇلنىڭ «يوقاپ كەتكەن»لىكىنى بايقاپ قېلىپ، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىر كۈندىلا شې × × نى پۇلنى ئوغرىلىغان دەپ جەزىملەشتۈرگەن ھەم ئۇنى قولغا چۈشۈرگەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەن ئانا، ۋەن ئەپەندىنىڭ پۇل- مېلىنى ئوغرىلىغانلىقىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان.

ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئايدىڭلاشقاندا، ۋەن ئەپەندى ھاڭۋېقىپ قالغان.

بۇ يىل 11- ئاينىڭ 25- كۈنى، يەنجى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن، شې × ×  قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، ۋەن ئەپەندى ھەم ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مال- مۈلكىنى مەخپىي ئوغرىلىغان، سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن. شې × ×نىڭ جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش پوزىتسىيەسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، جازانى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارىغان. جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ سوت مەھكىمىسى جاۋابكار شې × ×نى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، 4 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا، ھەم 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۈم قىلغان.

سوتچى مۇنداق ئەسكەرتتى:

قىمار ئويناش قانۇنغا خىلاپ، ئۆزىگىمۇ، ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. كەڭ ئامما قىمارنىڭ زىيىنىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشى، قىمارغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش