دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > قانۇن

بۇ يىل كەلگۈسى ئون يىلدىكى ئەڭ سالقىن بىر يىلمۇ؟ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پىتنە- ئىغۋاغا رەددىيە بەردى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئانار بۇلۇتۋاقتى:2022-08-31 18:03:56

بۇ يازدا،

يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىسىغا ئائىت گەپلەر ئۈزۈلۈپ باقمىدى،

«دەريا قۇرۇپ كەتتى»، «قۇش ئىسسىقتا ئايلىنىپ قالدى» ...

ئەڭ يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى رېكورتى ئارقا- ئارقىدىن بۇزۇپ تاشلاندى،

«ئىسسىقنى تەسۋىرلەشكە گەپ تېپىلمىغۇدەك» دەرىجىگە باردى.

يېقىندا، توردا ئەڭ كۆپ ئىزدەلگەن

#بۇ يىل بەلكىم كەلگۈسى 10 يىلدىكى ئەڭ سالقىن بىر يىل بولۇشى مۇمكىن#

دېگەن سۆز تورداشلارنى تېخىمۇ چۆچۈتۈۋەتتى

ئىسسىق مۇشۇ دەرىجىگە باردى،

كەلگۈسىدە يەنە تېخىمۇ ئىسسىمدىكەن؟

ئەمدى قانداق قىلارمىز؟

ئۆز تاراتقۇلار: «بۇ ئىسسىق پەقەت بىر باشلىنىش»


بەزى ئۆز تاراتقۇلار ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:

بۇ يىلقى يۇقىرى تېمپېراتۇرا پەقەتلا بىر باشلىنىش،

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىگە ئاساسلانغاندا،

كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئىسسىق بولىدىكەن!

ئۇلار يەنە مۇنداق بىر پاراڭ تېمىسىنى قوشۇپ قويدى:

#بۇ يىل بەلكىم كەلگۈسى 10 يىلدىكى ئەڭ سالقىن بىر يىل بولۇشى مۇمكىن#

بۇ، تورداشلارنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى،

8- ئاينىڭ 24- كۈنىگىچە،

بۇ پاراڭ تېمىسىنى ئوقۇش مىقدارى 2 مىليون 525 مىڭغا يەتتى.

بۇنداق تۇيغۇ،

خۇددى ئاران ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت كەلگەندە،

ئىسمېنا قوشۇپ يىغىن ئېچىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغاندەك

ئادەمنى تەڭقىسلىقتا قويدى.

ئەمما، مۇخبىر شۇنى بايقىدىكى،

2019- يىلىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قاراشلار پەيدا بولغان،

مەسىلەن: «2019- يىلى تارىختىكى ئەڭ ئىسسىق بىر يىل بولدى،

كەلگۈسى 100 يىل ئىچىدىكى ئەڭ سالقىن بىر يىل بولۇشى مۇمكىن»، دېگەندەك.

لېكىن، دۆلەت كىلىمات مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،

2019- يىلى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃10.34 بولغان،

ھالبۇكى 2020- يىلى ℃ 10.25 بولغان،

روشەنكى، قىياس توغرا بولمىغان.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پىتنە- ئىغۋاغا رەددىيە بەردى: 

ئىلمىي ماقالىنىڭ ئەسلىي مەنىسى بۇرمىلىنىپ چۈشەندۈرۈلگەن

بۇ ئۆز تاراتقۇ ماقالىسى ئۇچۇرىنىڭ كېلىش مەنبەسى،

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاتموسفېرا فىزىكىسى تەتقىقات ئورنى،

«تەبىئەت . خەۋەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالە،

ئەمما، ئىلمىي ماقالىدە تەتقىق قىلىنغىنى،

پارنىك گازى بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ مۇناسىۋىتى،

بۇ تەتقىقات كەلگۈسى 10 يىلدىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنى ئالدىن مۆلچەرلەش مەسىلىسىگە چېتىلمايدۇ،

شۇنداقلا، بۇ تەتقىقاتتا «بۇ يىل كەلگۈسى ئون يىلدىكى ئەڭ سالقىن بىر يىل» دېگەن

يەكۈن ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان، شۇنداقلا بۇنداق ھۆكۈمنى قوللىمىغان.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پىتنە- ئىغۋاغا ۋاقتىدا رەددىيە بېرىپ،

تورداشلارنىڭ ئاغزىغا قاپلىشىپ قالغان يۈرىكىنى ئورنىغا چۈشۈردى

بىراق،

گەرچە «بۇ يىل كەلگۈسى 10 يىلدىكى ئەڭ سالقىن بىر يىل» دېگەن قاراشنىڭ

ھېچقانداق ئاساسى بولمىسىمۇ،

لېكىن بۇ يىل ئىسسىق بولغىنى ھەقىقەتەن راست،

پوياڭخۇ كۆلىدىكى دەريا سەدەپدارى «قۇرۇپ» ئۆلۈپ كەتتى،

بۈركۈت «ئىسسىقتىن ئايلىنىپ قېلىپ» دەرياغا چۈشۈپ كەتتى...

دۆلەت كىلىمات مەركىزىمۇ

بۇ يىل يازدا 1961- يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق بولغانلىقىنى  «دەلىللىدى».


دۆلەت كىلىمات مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆلچىشى، باھالىشىغا ئاساسەن،

يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىق دولقۇن ھادىسىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى،

تەسىر دائىرىسى ۋە داۋاملىشىش ۋاقتى،

بۇ يىل 6- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان،

رايون خاراكتېرلىك يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرا ھادىسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال سىجىللىقىنى ئۇنىۋېرسال ئويلاشقاندا،

1961- يىلى مۇكەممەل ھاۋا رايىنى كۆزىتىش خاتىرىسى بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان.

سانلىق مەلۇماتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، 8- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە،

بۇ قېتىمقى يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرا ھادىسىسى 64 كۈن داۋاملىشىپ،

1961- يىلىدىن بۇيان داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان؛

℃40 تىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ قاپلاش دائىرىسى تارىختا ئەڭ چوڭ بولغان.

ياز كىرگەندىن بۇيان (6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە)،

مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىلىق كۈن سانى 12.0 كۈن بولۇپ،

ئادەتتىكى يىللاردىكى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 5.1 كۈن كۆپ بولغان،

شۇنداقلا 1961- يىلىدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى تارىختا ئەڭ كۆپ بولغان.

بۇ قېتىملىق يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرا نۇرغۇن قولايسىزلىقنى ئېلىپ كەلدى،

8- ئاينىڭ 25- كۈنى تومۇز ئاخىرلىشىدۇ،

چىداش تەس بولغان ئۈچ تومۇز كۈنلىرى ئاخىرى ئاخىرلىشىدىغان بولدى،

سىزنىڭ ئۇ ياقلار سالقىنداپ قالدىمۇ؟

پايدىلانغان مەنبە: «مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش