دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > قانۇن

كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، خىزمەت ئىزدەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى «يۈرۈشلۈك» ئالدامچىلىقنى پاش قىلايلى (2)
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئانار بۇلۇت- شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-07-18 11:31:40

ئەمگەك توختامى:

تۈزۈش ياكى تۈزمەسلىكتە ئېھتىيات قىلىش كېرەك

 ئەمگەك توختامى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى ئەڭ مۇھىم كاپالەت، شۇنداقلا ئەمگەكچىلەرنىڭ «ئەمگەك كىملىكى»، لېكىن رېئال تۇرمۇشتا، مەيلى ئەمگەك توختامى تۈزۈشسۇن ياكى تۈزۈشمىسۇن، قىسمەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ھەر خىل نەيرەڭ ۋە ھىيلە- مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ.

 بىرىنچى ھىيلە- مىكىر: توختام تۈزمەسلىك

 تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، رېئاللىقتا ئەمگەك توختامى تۈزمەسلىك ئەھۋالى پات- پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ئەمما يازما ئەمگەك توختامى تۈزمەسلىك ئەمگەكچىلەر ۋە ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا خەۋپ- خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ.

 شىركەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، «ئەمگەك توختامى قانۇنى»نىڭ 10- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈش كېرەك. ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان، لېكىن شۇنىڭ بىلەن تەڭ يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلەر ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئايدىن ئاشقان، بىر يىلغا توشمىغان ۋاقىتتا ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلىرى ئەمگەكچىگە ھەر ئايدا ئىككى ھەسسە مائاش بېرىشى كېرەك.

 ئەمگەكچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، «ئەمگەك توختامى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»نىڭ 5- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمگەكچى ئەمگەك توختامى تۈزمەي، كەلگۈسىدە ماجىرا يۈز بېرىپ قالسا، ئەمگەكچىنىڭ ھېچقانداق دەلىل- ئىسپاتى بولمايدۇ، تەكشۈرگەندە ئىسپات بولمايدۇ. شۇڭا ئەمگەكچىلەرنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئاكتىپ ھالدا يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 ئىككىنچى ھىيلە- مىكىر: قۇرۇق توختام

 قىسمەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار تەمىنلىگەن ئەمگەك توختامىنىڭ كونكرېت ماددىلىرى (مەسىلەن، توختام مۇددىتى، ئىش ئورنى، ئەمگەك ھەققى، ئىش ۋاقتى تۈزۈمى قاتارلىقلار) قۇرۇق بولۇپ، ئەمگەكچىدىن بىۋاسىتە ئىمزا قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئەمگەكچى قۇرۇق توختامغا ئىمزا قويسا، ئۇنداقتا ئەمگەكچىنىڭ مائاشى، ئىش ۋاقتى، ئىش ئورنى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن خالىغانچە تولدۇرۋېلىشى مۇمكىن. ئۆزىنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەمگەك توختامى تۈزۈشكەندە، توختام تېكىستىدىكى مەزمۇندا قۇرۇق ئۇچۇر بار- يوقلۇقىنى چوقۇم تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، قۇرۇق توختامدىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

 «ئەمگەك توختامى قانۇنى»نىڭ 17- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەمگەك توختامىدا توختام مۇددىتى، خىزمەت مەزمۇنى، ئەمگەك ھەققى قاتارلىق توققۇز ماددا بولۇشى كېرەك.

 ئۈچىنچى ھىيلە- مىكىر: ماددىلىرى ئېنىق بولماسلىق

 ئەمگەكچى ئەمگەك توختامى تۈزۈشكەندە، توختامغا خىزمەت ۋاقتى ۋە خىزمەت ئورنىنىڭ ئېنىق يېزىلغان- يېزىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىشى، ئىش ئورنى ئېنىق بولمىغان ياكى ئېنىق يېزىلمىغان ئەمگەك توختامىغا ئىمزا قويماي، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ خىزمەت رايونىنى خالىغانچە تەڭشىشى، ھەتتا شۇ ئارقىلىق ئەمگەكچىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇرلاپ، ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى بېرىش مەجبۇرىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئوخشاشلا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىش ئورنىنى خالىغانچە تەڭشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، توختامدا ئىش ئورنىنىڭ نامىنى ئېنىق يېزىش كېرەك.

 ئەمگەك ھەققى توختامنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى، ئاغزاكى كېلىشىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك، مائاش سوممىسى، مۇكاپات پۇلىنى تارقىتىش ئۆلچىمى قاتارلىقلار چوقۇم توختامدا گەۋدىلىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمگەك ھەققىنى تۆلەش ئۇسۇلى ۋە تۆلەش ۋاقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئەمگەك ھەققىنى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، يېڭى قوبۇل قىلغان ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك ھەققى كوللېكتىپ توختامدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە بولىدۇ؛ كوللېكتىپ توختام بولمىسا ياكى كوللېكتىپ توختامدا بەلگىلەنمىگەن بولسا، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىلىدۇ.

 تۆتىنچى ھىيلە- مىكىر: توختامنى تۇتۇپ قېلىش 

 قىسمەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، ئەمگەك توختامى تۈزۈشكەندىن كېيىن، ئەسلىدە ئەمگەكچىنىڭ قولىدا بولۇشقا تېگىشلىك ھېلىقى نۇسخىنى ئەمگەكچىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەرمەيدۇ، ياكى ئەمگەك توختامىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنىلا ئەمگەكچىلەرگە بېرىپ، ئەسلىي نۇسخىسىنى بەرمەيدۇ. ئەمگەك ماجراسى يۈز بەرگەندە، ئەمگەكچىنىڭ قولىدا ئەمگەك توختامىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى بولمىسا، ھوقۇق- مەنپەئەتى دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، ھوقۇق- مەنپەئەتنى قوغدىيالماي قېلىشى مۇمكىن.

 ئەمگەك توختامى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كەلگەندە، ھەم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىغا ئىمزا قويسا ياكى تامغا باسا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەمگەك توختامىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى بىر نۇسخىدىن ساقلايدۇ. شۇڭا، ئەمگەك توختامى تۈزۈشكەندىن كېيىن، ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن ئۆزى ساقلايدىغان ئەمگەك توختامىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ۋاقتىدا ئېلىشى ھەم ئوبدان ساقلىشى كېرەك.

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى 

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش