دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > قانۇن

ۋىلايەت بازار سۇبيېكتلىرى قانۇنغا رىئايە قىلىش، سەمىمىي بولۇش تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى
جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىش، بىر نىيەتتە قول تۇتۇشۇش ئارقىلىق قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، سەمىمىي بولىدىغان بازار مۇھىتى قوغدىلىدۇ
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-05-23 10:58:02

  ئاقسۇ ئاخبارات تور خەۋىرى. 5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنىدىن 6 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنىگىچە، ۋىلايەت بازار سۇبيېكتلىرى قانۇنغا رىئايە قىلىش، سەمىمىي بولۇش تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىش، سەمىمىي بولۇش ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ جەمئىيەتنى ئورتاق ئىدارە قىلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى «جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىش، بىر نىيەتتە قول تۇتۇشۇش ئارقىلىق قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، سەمىمىي بولىدىغان بازار مۇھىتىنى قوغداش» بولۇپ، ئىناۋەتنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش يېڭى ئىدىيەسى گەۋدىلىك تەشۋىق قىلىنىپ، «بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش بويىچە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ ئىناۋىتىنى يوقاتقانلار تىزىملىكىنى باشقۇرۇش چارىسى»، «بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش بويىچە مەمۇرىي جازالاش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش بەلگىلىمىسى» قاتارلىق قانۇن ـ نىزاملار بويىچە تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەش چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلىدۇ. «كارخانىلارنىڭ يىللىق دوكلاتى»، «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش»نى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، «ئىناۋەت خەۋپ ـ خەتىرىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش»، «قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ ئىناۋىتىنى يوقىتىش قىلمىشىنى مەخسۇس تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى» قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىناۋەتنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى مەركەزلىك نامايان قىلىدۇ، يېڭى تاراتقۇ قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ ئىناۋىتىنى يوقاتقانلار تىزىملىكىگە دائىر تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلىپ، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ.

  تەشۋىقات ئېيى مەزگىلىدە، ۋىلايەت تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، كارخانىلار لەۋزىدە تۇرۇشقا ۋەدە بېرىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئىناۋەتنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تونۇشتۇرۇپ، ئىناۋەتنى كارخانىلارغا كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بىر تۈركۈم تىپىك دېلو مىساللىرى، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ ئىناۋىتىنى يوقاتقانلار تىزىملىكىگە كىرگەنلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تىپىك، ۋەكىللىك دېلولارنى مەخسۇس ئېلان قىلىپ، دېلو مىساللىرى ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئىناۋىتىنى يوقىتىش قىلمىشلىرىنى چۆچىتىدۇ. «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش»نى بىرلىشىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش، ئاشكارىلاشنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش جەريانىنى نازارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ. «سىز پاش قىلسىڭىز، مەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمەن» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ پاش قىلىش، ئەرز قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، 12315 سۇپىسىنىڭ رولىنى تولۇق جاى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا توپلاپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئىناۋىتىنى يوقىتىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش