ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى
ئادەتتە ئاياللار ئەگەر تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىگە كىرىپ، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇش كەچۈرسە، ئوڭۇشلۇق ھالدا ھامىلىدار بولغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش پۈتۈنلەي توغرا ئەمەس.
چۈنكى، ھامىلىدار بولۇش مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، ھەر خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە ھامىلىدار بولۇش-بولالماسلىقمۇ ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، پەقەت باشقا باسقۇچلارغا سېلىشتۇرغاندا، تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە بىللە بولسا ھامىلىدار بولۇش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ چوڭ.
ھامىلىدارلىققا تەييارلىق كۆرگىلى ئۇزۇن بولغان ئەر - ئاياللار شۇنچە تىرىشىپمۇ ھامىلىدار بولالماسلىقىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
1. تۇخۇمدان ئامىلى
ئالاقىدار تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ئاياللاردا كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان بولسا، تۇخۇمدان ئىقتىدارىنىڭ بالدۇر قېرىشى ۋە بەزى تۇخۇمدان ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر تۇخۇمدان ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشى ۋە تۇخۇم چىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، شۇڭا تۇخۇم چىقىرىش جەريانىدا ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش كەچۈرگەندە، ھامىلدار بولۇش نىسبىتىمۇ ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ.
2. بالىياتقۇ بوينى كېسەللىكى
بالىياتقۇنىڭ زەخىملىنىشى ياكى باشقا ياللۇغلىنىش ئۇنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ نەتىجىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، بالىياتقۇ بوينىدا ياللۇغ پەيدا بولغان ياكى ئانىلىق ھورمۇن سەۋىيەسى تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا، بالىياتقۇ شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى يېپىشقاق بولۇپ قالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاق قان ھۈجەيرىسى بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا «قۇمچاق»نىڭ ھەرىكىتى ۋە ئۆتۈشىگە پايدىسىز بولۇپ ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللاردا بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ياكى بالىياتقۇ مونچاق گۆشى قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلسە، بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى تارىيىپ، «قۇمچاق»لارنىڭ ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
3. «قۇمچاق»نىڭ سۈپىتى
ئەگەر ئەرلەردە دائىم ئۇزاق مۇددەت تۈنەش، يېمەك-ئىچمەك ساغلام بولماسلىق، شۇنىڭدەك تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق ئادەتلەر بولسا، ئاجىز ئۇرۇق ئاز بولۇش، «قۇمچاق» سۇيۇلماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈپلا قالماستىن، ھەتتا غەيرىي «قۇمچاق» مۇ پەيدا بولىدۇ.
بۇنداق بولغاندا، تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە دائىم ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ، ھامىلىدار بولۇش ناھايىتى تەس بولىدۇ، چۈنكى «كىچىك قۇمچاق»نىڭ سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتمەيدۇ، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينى ۋە تۇخۇمىنىڭ بىرىكىشىگە ئوڭۇشلۇق كىرەلمەيدۇ، شۇڭا تېزرەك ھامىلىدار بولۇش ئۈچۈن، ئەرلەر چوقۇم تۇرمۇش ۋە يېمەك-ئىچمەكنىڭ ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا «قۇمچاق»نىڭ ھاياتىي كۈچىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
4. روھىي جىددىيلىك
بەزى ئەر-خوتۇنلار ھامىلىدار بولۇشقا بىر مەزگىل تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن ھامىلىدار بولالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىدە يۈك پەيدا بولىدۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەت بېسىم زىيادە چوڭ بولغان مۇھىتتا تۇرغاندا، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە تۇخۇمداننىڭ تۇخۇم چىقىرىشىنى تورمۇزلايدۇ، ئاندىن ھامىلىدار بولالمايدۇ.
5. تۇخۇم نەيچىسى ئامىلى
ئاياللارنىڭ تۇغماسلىقى تۇخۇم نەيچىسى بىلەن بەلگىلىك باغلىنىشلىق بولىدۇ، بولۇپمۇ تۇخۇم نەيچىسى توسۇلۇپ قالغاندا، قۇمچاق تۇخۇم بىلەن ئۇچرىشالمايدۇ.
6. پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر
مەيلى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ياكى يېمەك-ئىچمەكتە مەلۇم ئوزۇقلۇق ئېلېمېنت كەمچىل بولۇش بولسۇن، ھەممىسى تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بولسا، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ياكى بۆرەك ئۈستى بېزى ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلار ئامىللارمۇ ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
7. جىنسىي يول ئامىلى
تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئەگەر جىنسىي يول ياللۇغى بولسا، نورمال ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، چۈنكى جىنسىي يول ياللۇغى مەۋجۇت بولغاندا، كۆپ مىقداردا ئاق قان ھۈجەيرىسى ھاسىل بولۇپ، «قۇمچاق»نى يۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ ھەرىكەت كۈچىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر ئاياللار ئاسراشقا ئەھمىيەت بەرمىسە، جىنسىي يولدا كىسلاتالىق مۇھىت كۆرۈلۈشى مۇمكىن، «قۇمچاق» بولسا ئىشقارلىق بولىدۇ، بۇنداق مۇھىتتا «قۇمچاق»نىڭ ياشىشى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىگە كىرىپ، ئەر-ئايالىق تۇرمۇشى ناھايىتى ئىناق بولسا، لېكىن ھامىلىدار بولالمىسا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر نەچچە خىل ئامىلنىڭ تەسىرى بار-يوقلۇقىنى ئويلىشىش كېرەك، ئەمەلىيەتتە بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولسا، ئەرلەر ئادەتتە ئامال بار بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان ئىشتان كىيىشتىن ساقلىنىشى ھەمدە يانفوننى ئىشتان يانچۇقىغا سالماسلىقى كېرەك، چۈنكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر يانفوننى ئۇرۇقدانغا يېقىن ئورۇنغا قويسا، «قۇمچاق»نىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر ئەگەر تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىگە كىرىپ، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇش كەچۈرسە، ئوڭۇشلۇق ھالدا ھامىلىدار بولغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش پۈتۈنلەي توغرا ئەمەس.
چۈنكى، ھامىلىدار بولۇش مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، ھەر خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە ھامىلىدار بولۇش-بولالماسلىقمۇ ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، پەقەت باشقا باسقۇچلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھامىلىدار بولۇش كېرەك ئېھتىماللىقى تېخىمۇ چوڭ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش