دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى

يېڭى تۇغۇتلۇق ئاياللاردىكى سۈت بەك كۆپ بولۇپ كېتىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ ئاخبارات تورىۋاقتى:2023-09-20 17:23:20

سۈتنىڭ كۆپ بولۇشى بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە بولۇپ، ئادەتتە تۇغۇپ بولۇپ، كېيىنكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە كۆرۈلىدۇ. بۇ ئانىدىكى ھورمون سەۋىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، كۆپىنچە يېڭى ئانىلار بۇ خىل ئەھۋالنى باشتىن كەچۈرىدۇ. گەرچە سۈتنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى بىئاراملىق ۋە ئازاب ئېلىپ كەلسىمۇ، لېكىن بۇ سىزنىڭ بالا ئېمىتىشنى توختىتىشىڭىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە، بالا ئېمىتىش سۈت بېزىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش ۋە تېخىمۇ كۆپ سۈت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. بۇ ماقالىدە سۈتنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىش مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ۋە قانداق قىلغاندا توغرا ئۇسۇل ئارقىلىق داۋاملىق ئېمىتىشنى مۇزاكىرە قىلىمىز.

15.png

نېمە ئۈچۈن سۈت كۆپ بولۇش مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ؟

سۈتنىڭ زىيادە كۆپ بولۇش مەسىلىسى ئاساسلىقى ئانا تېنىدىكى كۆپىيىش ھورمۇنى سەۋىيەسىنىڭ جىددىي ئۆزگىرىش مەزگىلىدە يۈز بېرىدۇ، بۇ ئادەتتە بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئالدىنقى ئۈچ كۈندىن بىر ھەپتىگىچە بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە، بەدەن يېڭى ھاياتلىقنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، ئەمچەكتىن تېخىمۇ كۆپ سۈت تەييارلايدۇ. ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئەمچەكتە تېخىمۇ كۆپ سۈت بېزى توقۇلمىلىرى ۋە كىچىك ياپراقچىلار پەيدا بولىدۇ، مانا بۇ «ئەمچەك تولۇق بولۇش» دەپ ئاتىلىدۇ.

بەزى ئاياللار بۇ مەزگىلدە ئالاھىدە سەزگۈر بولىدۇ، ھورمۇننىڭ ئۆزگىرىشى بەك تېز بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كۆكسى تېخىمۇ كۆپ سۈت ھاسىل قىلىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە «سۈتنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇنداقتا، سۈت بەك كۆپ بولۇپ كەتسە قانداق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن؟

گەرچە سۈتنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى بەزى جەھەتلەردە قارىماققا بىر ياخشى ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە نۇرغۇن ئوڭايسىز مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، بۇ مەسىلىلەرنى ئادەتتە ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

16.png

1. كۆكسى چىڭقىلىش ۋە زىڭىلداپ ئاغرىش

سۈت بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئەمچەك چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ. بۇ سۈتنىڭ يىغىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، زىيادە كۆپ سۈت ئەمچەكنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئاغرىق ۋە بىئاراملىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. سۈت ئېقىپ چىققاندىن كېيىن كونترول قىلىش تەس بولۇش

ئەگەر سۈتىڭىز بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ھەتتا سۈتنىڭ ئېقىپ چىقىشىنى كونترول قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن، بولۇپمۇ ئۇخلىغاندا ياكى بەدەن چېنىقتۇرغاندا. بۇ بەلكىم سىزنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىيىمنى مەينەت قىلىۋېتىشى مۇمكىن.

3. سۈت بېزى ياللۇغى

ئەگەر سۈت زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىپ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئەمچەك توپچىڭىز بېسىمغا ئۇچراپ، باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۈت بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. سۈت بېزى ياللۇغى بىر خىل ئاغرىش ۋە بىئارام بولۇش خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش بولۇپ، داۋالاش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.

17.png

سۈت بەك كۆپ بولۇپ كېتىش مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك

1. داۋاملىق ئېمىتىش

سۈتىڭىز بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندە، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل داۋاملىق ئېمىتىپ، بالىغا سۈتىڭىزنى ئىچكۈزۈش. ئەگەر سىز بالىنى ئېمىتىپ بولالمىسىڭىز، سۈت ئەمچەككە يىغىلىپ قېلىپ، چىڭقىلىپ ئاغرىش ۋە بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئېمىتىش مەزگىلىدە، ئەڭ ياخشىسى بالىنىڭ كۈچىنى ياخشى كونترول قىلىپ، زىيادە كۆپ ئېمىتىۋىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مىقدارىنى ئاز قىلىپ، كۆپ قېتىم ئېمىتىش ئارقىلىق سۈتنىڭ زىيادە كۆپىيىپ كېتىش مەسىلىسىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. ئەگەر سۈتنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىپ بوۋاقنىڭ ئىمىپ بولالماسلىقى ياكى زىيادە كۆپ ئىمىۋېلىپ «ئېشى ئارتىپ» قېلىشىدىن ئەنسىرىسىڭىز، سۈت تارتىش ماشىنىسى بىلەن ئارتۇق سۈتنى سۈمۈرتىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

2. سۈت تارتىش ماشىنىسىنى بەك كۆپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك

بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن ئاياللار سۈت تارتىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ سۈتنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارىنى ساقلايدۇ. بىراق، ئەگەر سۈتىڭىز زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، سۈت تارتىش ماشىنىسىنى زىيادە كۆپ ئىشلىتىش مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ سىزنىڭ بەدىنىڭىزنى غىدىقلاپ داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ سۈت ئىشلەپچىقىرىدۇ. شۇڭا سۈت بەك كۆپ بولۇپ كەتكەن ئەھۋالدا، سۈت تارتىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىش قېتىم سانى ۋە ھەر قېتىم ئىشلىتىدىغان سۈتنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش ئارقىلىق سۈتنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

3. يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش

يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق كونترول قىلىشمۇ سۈتنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. بەزى يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، تاپان بېلىق دۇفۇ شورپىسى، سېرىق پۇرچاق، شورپا قاتارلىق شورپىلىق يېمەكلىكلەر بەدەننى غىدىقلاپ تېخىمۇ كۆپ سۈت ھاسىل قىلىدۇ، يەنە كېلىپ باشقا بىئاراملىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئامال بار بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئۇنىڭدىن باشقا، يېتەرلىك سۇ قوبۇل قىلىشنى ساقلاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، بۇ بەدىنىڭىزنىڭ ئارتۇقچە سۇيۇقلۇق ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاقسىل ۋە ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، مەسىلەن، توخۇ گۆشى، بېلىق، ئۆي قۇشلىرى، كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار.

4. سۈتنى قول بىلەن سېغىۋېتىش ياكى سۈت چىقىرىش ئۈسكۈنىسى بىلەن سۈتنى سېغىش

ئەگەر سۈتىڭىز بەك كۆپ بولۇپ كەتسە كۆكسى كۆپۈپ ئاغرىش، چىڭقىلىش ياكى باشقا بىئاراملىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا، قول بىلەن سۈتنى سېغىۋېتىش ياكى سۈت تارتىش ماشىنىسى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ ئالامەتلەرنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. قولدا سۈت سېغىش سۈت بېزىنى بوشىتىپ، سۈتنىڭ ئېقىش سۈرئىتىنى كونترول قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. سۈت سېغىشتىن بۇرۇن، ئىلمان سۇ ياكى ئىسسىقلىق ئۆتكۈزىدىغان بىلەن كۆكسىنى ئىسسىتىش كېرەك، بۇ سۈتنىڭ ئېقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

سۈت سېغىش ماشىنىسى ئىشلەتكەندە، تازىلىققا ۋە پاكىزلىققا دىققەت قىلىپ، باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېھتىياج ۋە ئەھۋالغا ئاساسەن مۇۋاپىق سۈت تارتىش ماشىنىسىنى تاللاپ، ئەمچەك توپچىسىنىڭ بېسىلىپ ئاغرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

5. مۇۋاپىق ئىچ كىيىم كىيىش

ماس كېلىدىغان ئىچ كىيىممۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، سۈتنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىش مەسىلىسىگە ئاسانلا تاقابىل تۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئازادە ئىچ كىيىم كىيگەندە كۆكسىنى ياخشى تىرەپ تۇرىۋالماي، سۈتنىڭ ئېقىپ چىقماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەك تار ئىچ كىيىم كىيگەندە كۆكسىنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەپ، بىئارام بولۇش ۋە ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بۇ مەسىلىلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سىزگە راھەت، مۇۋاپىق ئىچ كىيىم تاللاش تەكلىپى بېرىمەن.

6. ئۇزاق ۋاقىت بىر خىل ھالەتنى ساقلىماسلىق كېرەك

ئۇزۇن مەزگىل بىر خىل ھالەتنى ساقلىغاندا كۆكسى تېخىمۇ كۆپۈپ بىئارام بولىدۇ. بولۇپمۇ بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە، ئەڭ ياخشىسى دائىم ئورۇن ئالماشتۇرۇپ، كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشى ۋە بىئارام بولۇشىنى پەسەيتىش كېرەك.

18.png

خۇلاسە

سۈت كۆپ بولۇش مەسىلىسى يېڭى ئانىلار دائىم دۇچ كېلىدىغان مەسىلە، لېكىن بۇ ئېمىتىشنى توختىتىش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس، توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقساقلا، بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايمىز. شۇڭا بۇنىڭ ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش، داۋاملىق ئېمىتىش، قول بىلەن سۈت سېغىش ياكى سۈت تارتىش ماشىنىسى ئىشلىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سۈتنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇۋاپىق ئىچ كىيىم كىيىش ۋە دائىم ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر سىز يەنىلا بىئاراملىق ھېس قىلسىڭىز ياكى بىئارام بولسىڭىز، دوختۇر ياكى تۇغۇت دوختۇرىدىن مەسلىھەت سوراپ، بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشىڭىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش