دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى خوتەندە دۆلىتىمىزدە ياسالغان ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن ئۈچى كۆپەيتىلىدۇ دۆلەت دەرىجىلىك! ئۈرۈمچى ناھىيەسى دۆلەتنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيەلەر تىزىملىكىگە كىردى شىنجاڭ مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئۇچۇرلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش نۇقتىسىدىن 119نى تەسىس قىلدى 9- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدىكى بارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە يۈك- تاقنى ھەقسىز ھاۋالىلىك توشۇش ۋە ئايروپىلاندا يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ 35- نۆۋەتلىك شياۋداۋ كاڭيۈ شىنجاڭ داشۆ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىلدى ۋىلايەتنىڭ ئورگانلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ كۈزلۈك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 2023 ـ يىلى 14 ـ قېتىملىق (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى ۋىلايەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاساسىي سانى بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى

ئاياللاردىكى ھۆللۈكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان بىر قانچە ناچار ئادەت
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ ئاخبارات تورىۋاقتى:2023-09-19 17:33:25

ھۆللۈك جۇڭگو تېبابىتىدىكى بىر خىل قاراش، ئەلۋەتتە، ئۇ يەنە بەدەندىكى نۇرغۇن سوزۇلما كېسەللىكلەر ۋە ساقايماس كېسەللىكلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. جۇڭيى تېبابىتىدە مۇنداق بىر گەپ بار: ھۆللۈكنى ۋاقتىدا يوقاتمىغاندا ھەرخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ھۆللۈك بەك ئېغىر بولغاندا، بەدەندە ئاسانلا قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىسىز.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئادەم بەدىنىدە ھۆللۈك ئېغىر بولغاندا، تىل گېزى قېلىن ھەم مايلىق بولۇپ، بەدەندە ئىششىق پەيدا بولىدۇ. بەدىنىمىزدىكى ھۆللۈك زىيادە ئېغىر بولغاندا، ئۇنى تەلتۆكۈس يوقاتقىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەن ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولسا ھۆللۈكنىڭ بەدەنگە كىرىشىدىن ساقلىنىش. ھۆللۈكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان بىر قانچە ناچار ئادەتنى بىز تۇرمۇشتا دائىم ئۇچراپ تۇرىمىز. سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن بۇ بىر قانچە ھۆللۈكنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىغان ناچار ئادەتلەرنى ئامال بار قىلماڭ، ھەم ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلماڭ.

04.png

ئاياللاردىكى ھۆللۈكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان بىر قانچە ناچار ئادەتلەر

سوغۇق يېمەكلىكلەر كىشىنى، بولۇپمۇ ئاياللارنى بەك جەلپ قىلىدۇ. نۇرغۇن قىزلار قىشتا ماروژنى ياكى سوغۇق ئىچىملىك يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مەسىلەن، مارۇژنا، چوكا مۇز، مۇزلىتىلغان پىۋا قاتارلىقلار، لېكىن بۇ يېمەكلىكلەر ئادەمنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىنى ئاسانلا زەخىملەندۈرىدۇ، بۇنداق بولغاندا بەدەندىكى سۇنىڭ نەملىكى نورمال ئايلىنالمايدۇ، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقاندا، ئەقلىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھاۋا ئېقىمى بەدەندىكى نورمال ماددا ئالمىشىشقا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاسانلا قورساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئاياللار مەيلى قانداقلا ئىش بولسۇن، ھەرقانداق ۋاقىتتا سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى، مۆتىدىل، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.

05.png

ياشلارنىڭ ھەممىسى ئوشۇقىنى چىقىرىپ كىيىم كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ خىل كەيپىياتنىڭ قاچاندىن باشلاپ بىر خىل مودىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، بۇنداق بولغاندا ئاسانلا نەم سوغۇق ھاۋا بەدەن بىلەن ئۇچرىشىپ، بوغۇملار زىيانغا ئۇچراپ، بوغۇم ياللۇغى پەيدا بولىدۇ، قىزلاردا بولسا ئاسانلا يەل تۇرۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ھەيز كەلگەندە پۇت-قول مۇزلاش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە «سوغۇق پۇتتىن كىرىدۇ» دېگەن قاراش بار، سوغۇق ھاۋانىڭ بەدەنگە كىرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ياشلار ئەڭ ياخشىسى پايپاق كىيىپ، ئوشۇقىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.

06.png

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر قىسىم نەم جايلاردا يەنىلا ئاز تۇرغان ياخشى، مەسىلەن، ئىسكىلات، مۇنچا، يەر ئاستى خىزمەت رايونى قاتارلىق جايلارغا ئۇزۇن مۇددەت كۈن نۇرى چۈشمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھىتىمۇ بىر قەدەر نەم بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت بۇنداق جايدا تۇرغاندا ئاسانلا باش قېيىش، كۆكرەك چىڭقىلىش، تېرە مايلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، يەنە يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، چوقۇم چاچنى قۇرۇتۇشى كېرەك، بولمىسا ئاسانلا بەدەندىكى ھۆللۈك ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ . ئاياللار كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ ئاپتاپقا قاقلانسا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا بەدەندىكى ھۆللۈك ۋە سوغۇقنى ئۈنۈملۈك چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.

07.png

يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن پۇتىنى سۈرتمەسلىك

نۇرغۇن كىشىلەر يۇيۇنغاندا، ئادەتتە ساپما كەش كىيىپ ياكى يالاڭ ئاياغ مۇنچىغا كىرىدۇ. يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، لۆڭگە بىلەن بەدىنىنى سۈرتىدۇ، لېكىن دائىم پۇتىنى سۈرتۈشكە سەل قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئادەم بەدىنىنىڭ تاپىنىدا ئىچكى ئەزالارغا تۇتىشىدىغان نۇرغۇن پەللە بولۇپ، پۇت ئىزچىل نەم ھالەتتە تۇرغاندا، سوغۇق ۋە نەملىك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بەدەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھۆللۈكنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى سوغۇق ۋە نەملىك ئېغىر بولغاندا، بەدەندىكى قان ئايلىنىشمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، نۇرغۇن ئاياللاردا پۇت-قول مۇزلاش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئاياللار ئادەتتە يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، پۇتىنى پاكىز سۈرتۈپ، قۇرغاق ساپما كەش كىيىۋېلىشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا تاپاندىن سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ، ئاياللارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ.

08.png

ھۆللۈك بەك ئېغىر بولۇپ كەتسە، ئادەم بارغانسېرى ھۇرۇنلىشىپ كېتىدۇ، دائىم پۈتۈن بەدىنىدە ماغدۇر يوقتەك، نېمە ئىش قىلسا روھسىز، ھالسىز ھېس قىلىپ ھەرىكەت قىلغۇسى كەلمەيدۇ. بۇ بەدەندە يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئاياللار چوقۇم ھەر كۈنى مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشى، پىيادە مېڭىشى ياكى قول-پۇتلىرىنى سىلكىپ ھەرىكەتلەندۈرۈشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىكى قان ئايلىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بەدەندىكى قان ئايلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، سۇ ۋە نەملىكنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش