دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دىققەت! جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى پويىز بېلىتى پات ئارىدا سېتىلىدۇ «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۈزتۇرا چۈشەندۈرۈش» شىنجاڭدا تارقىتىلدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2023 - يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنى باشلاپ سىپرۇستا زىيارەتتە بولدى شىنجاڭدىن بۇ يىل قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قېتىم سانى 10 مىڭدىن ئاشتى 2023 ـ يىللىق دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكىنىڭ شىنجاڭ تەشۋىقات پائالىيىتى باشلاندى ۋىلايەت ئاساسىي قاتلامدىكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كومىتېتى تەشكىلاتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى ئاپتونوم رايونلۇق ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىلىرىنىڭ خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئاقسۇدا قانات يايدۇرۇلدى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك قالدۇق سوممىسى 3 مىليارد 658 مىليون يۈەن بولدى ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنى باشلاپ ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى

تېرە ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەردىن قايسىلار بار
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ ئاخبارات تورىۋاقتى:2023-09-15 17:01:41

02.png

كۈندىلىك تۇرمۇشتا تېرە ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىپ ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىنى ياخشى تەڭشەپ، ھەر كۈنى ياخشى كەيپىياتنى ساقلىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئىچكى ساغلاملىق بارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل. تېرىنى ياخشى ئاسراش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى ئىچكى-تاشقى جەھەتتىكى كۈتۈنۈش ۋە ئاسراشنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېمەك-ئىچمەك ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىش ۋە يېمەك-ئىچمەكنىڭ كۆپ خىللىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا بەدەنگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ۋە ۋىتامىنلارنى ئۈنۈملۈك تولۇقلاپ، بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدىغان يېمەكلىكلەر:

1. سېرىق پۇرچاق ئۇنى چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ، سېرىق پۇرچاق تالقىنىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپلا قالماي، يەنە تالنىڭ ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەڭ ياخشى يېمەكلىك شۇنداقلا ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدىغان ئېسىل مەھسۇلات. سېرىق پۇرچاقنى دائىم يەپ بەرگەندە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ساقلىقنى ساقلاش رولى بار.

2. ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى ۋە كاۋا ئۇرۇقىدا سىنك مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە سىنك كەمچىل بولسا، ئاسانلا تېرىدە قورۇق پەيدا بولىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى بىر نەچچە تال ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى ياكى كاۋا ئۇرۇقى يېسە تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ.

3. ئاق مور تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپ، ئۆپكىدىكى نەملىكنى ئاشۇرۇش، بەدەندىكى ھۆللۈكنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، روھنى ئۇرغۇتۇش، بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلاش، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش، تېرىنى ياشارتىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە. ئاق مورنىڭ تەركىبىدىكى كوللوئىد ماددىسى تېرىدىكى مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋەتنى ياخشى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.

5. توشقان گۆشى، توشقان گۆشى تەركىبىدە ئاقسىل كۆپ (% 21.5)، ماي ئاز (% 3.8)، خولېستېرىن تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا، سېمىزلىك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ساغلاملىق يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.

6. ھايۋانات جىگىرى تەركىبىدىمۇ كۆپ مىقداردا ۋىتامىنA بار بولۇپ، ئۇنىڭ تېرىنى تېخىمۇ ئېلاستىكلىققا ئىگە قىلىش رولى بار.

ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق ئىچىملىكلەردىن تۆۋەندىكىلەر بار:

1. ھەسەل لىمون چېيى: يېڭى لىموننى ئېلىپ، يۇيۇپ، توغراپ، شىرنىسىنى سىقىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز. ياز پەسلىدە ئىلمان ياكى سوغۇق قايناقسۇ بىلەن ئىچىشكە، قىش پەسلىدە ئىلمان قايناق سۇ بىلەن چىلان شەربىتى قوشۇپ ئىچىشكە بولىدۇ، ئۇ ئەڭ قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدىغان ئىچىملىك بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئىچكەندە تېرىنى ئاپئاق، پارقىراق قىلىدۇ. (ئۇنىڭدىن باشقا، سىقىپ چىقىرىلغان شىرنىدىن ئېشىپ قالغان لىموننى يۇيۇنىدىغان ۋاننىغا سېلىپ قويسا تېرىنى ئاقارتىپ خۇشپۇراق قىلىدۇ).

2. ماش، ئارپا ئىچىملىكى: ماشنىڭ ئىسسىقنى ھەيدەش رولى بار، ئارپىنىڭ نەملىكنى يوقىتىپ، يۈزدىكى سەپكۈن، دانىخورەكنى يوقىتىش رولى بار. ماش بىلەن ئارپىدىن ئازراقتىن ئېلىپ، پاكىز يۇيۇپ، سۇدا قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ۋە ھەسەل قوشۇپ ئىچسە، ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ئىچىملىكى ھېسابلىنىدۇ.

ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدىغان مېۋىلەر:

1. ئالما: ئالما تەركىبىدىكى ۋىتامىن E ۋە كالتسىي تېرىدىكى داغ ۋە قورۇقلارنى ئازايتىپ، تېرىنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئالما تەركىبىدىكى (果胶和酸) مېۋە يېلىمى ۋە كىسلاتا ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە ياردەم بېرىپ، زەھەرنى ھەيدەش جەريانىنى تېزلىتىپ، بەدەندىكى ياغنى پارچىلاشقا ياردەم بېرىپ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا بىزدە «ھەر كۈنى بىر تال ئالما يەپ بەرگەندە، دوختۇر سىزدىن يىراق تۇرىدۇ» دېگەن گەپ بار.

03.png

2. ئاپېلسىن، مايمۇن شاپتۇلى: ئاپېلسىن، مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن E مول بولۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر تال مايمۇن شاپتۇلى يەپ بەرسە، تېرىگە نەملىك تولۇقلاپ، تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېرىنى ئاقارتىپ، قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ، ئوكسىدلاش رولى بار، قان ئايلىنىشقا ياردەم بېرىپ، تېرىگە ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

3. ئانار: ئانار تەركىبىدە قىزىل ئانار پولىفېنولى ۋە سىئانىدىندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تەركىب بار بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

4. سۆسۈن ئۈزۈم: سۆسۈن ئۈزۈم «قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش شاھى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلارنىڭ تۈرى كۆپ، مىقدارى مول، رولى كۈچلۈك بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشتىكى بىردىنبىر تاللاش ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە باشقا مېۋىلەردىن مول بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا (抗氧化剂,叫做白藜芦醇) پولىفېنول ئۇ يەنە رېزۋىراتول دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا ساغلام ھۈجەيرىلەرنىڭ راكقا ئۆزگىرىشىنى توسۇش رولىنى ئويناپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى تورمۇزلايدۇ.

5. گىلاس: گىلاس تەركىبىدە ۋىتامىنC ۋە ۋىتامىنA بار، شۇنداقلا يەنە كۆپ مىقداردا تۆمۈر ئېلېمېنتى بار، دائىم گىلاس يەپ بەرگەندە تېرىنى سۈزۈك، ئاق ۋە يۇمران قىلىدۇ. ئۇ يەنە قورۇق ۋە داغلارنى يوقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قېرىشقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

بۇلاردىن باشقا يەنە ياخشى بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئادەتتە ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر ۋاقىت يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، بەدەنگە كۆپرەك سۇ تولۇقلاپ، بۇ ئادەتلەرنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا، تېرىگە نەملىك تولۇقلاپ، تېرە تېخىمۇ سىلىقلىشىدۇ ئاياللارنى تېخىمۇ گۈزەل ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش