دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنى باشلاپ ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولدى شىنجاڭ قورغاس تۆمۈريول پورتىدىكى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سۈرئىتى «تېزلەشتى» شى جىنپىڭ 2023 ـ يىللىق پۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى ​ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار رەڭدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى ​تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولغان گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك جىتۇەنجۈن قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىشتا قوللىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قىسىملارنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك ​ئورمان باشلىقى تۈزۈمىگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك «شى جىنپىڭنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى ۋىلايەت بىلەن جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو (قاراماي) خەلقئارا نېفىت جابدۇقلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى

قانداق قىلغاندا ساغلام بوۋاق تۇغقىلى بولىدۇ؟ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى دىياگنوز قويۇش مۇتەخەسسىسى: تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى قەرەللىك تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇتۋاقتى:2023-09-13 16:37:16

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن) توققۇز ئاي قورساق كۆتۈرۈپ، ساغلام بوۋاقنى ئوڭۇشلۇق يەڭگىش ھەر بىر ھامىلىدار ئايال ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان ئىش. ھەر يىلى 9- ئاينىڭ 12- كۈنى جۇڭگونىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى، بۇ يىلقى باش تېما − «كەمتۈك تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا ساغلام ھامىلىدار بولۇش». تويدىن بۇرۇن، ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى، ھامىلىدارلىق مەزگىلى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلاردا قانداق تەدبىرلەرنى قوللانغاندا، كەمتۈك تۇغۇلۇشنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا- بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى دىياگنوز قويۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى لى خۇيجۈننى زىيارەت قىلدى.

 تۇغما كەمتۈكلۈك دېگىنىمىز، بوۋاقتا تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ئىرسىيەت، مۇھىت قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئانىنىڭ قورسىقىدىكى چېغىدىلا يۈز بەرگەن شەكىل، قۇرۇلما، ئىقتىدار، مېتابولىزم، روھىىي، ھەرىكەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى نورمالسىزلىقنى كۆرسىتىدۇ. دائىم كۆرۈلىدىغان كەمتۈك تۇغۇلۇش مېڭىگە تۇغما سۇ يىغىلىپ قېلىش، ئومۇرتقا يېرىقى، تۇغما يۈرەك كېسىلى، تۇغما خىروموسوما كېسىلى، كالپۇك- تاڭلاي يېرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

 لى خۇيجۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كەمتۈك بالا تۇغۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى  35 ياشقا توشقان ياكى ئۇنىڭدىن ئاشقان ھامىلىدار ئاياللار، تۇغۇتتىن ئىلگىرى تاسقاپ تەكشۈرگەندىن كېيىنكى خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى، ئىلگىرى خىروموسوما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالا تۇغقان ئاياللار، تۇغۇتتىن ئىلگىرى تەكشۈرۈشتە ھامىلىنىڭ خىروموسوما كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن گۇمانلانغان ھامىلىدار ئاياللار، ئەر- خوتۇن بىر تەرەپ خىروموسوما بىنورماللىقىنى ئېلىپ يۈرگۈچى بولغانلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر ئارىلىشىش كەمتۈك تۇغۇلۇش خەۋپىنى ئازايتىش، بىماردا ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان ئېغىر كېسەللىك ئاسارىتى قېلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە ئىكەن. قىسمەن بىمارلارغا ياكى گېن ئېلىپ يۈرگۈچىلەرگە مۇناسىپ تېببىي جەھەتتىن ئارىلىشىش- داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندا، بۇنداق كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدىكەن. 

 دۆلىتىمىز ئۈچ دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ كەمتۈك تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ: بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىشتا تويدىن بۇرۇن تەكشۈرىدۇ ۋە ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن تەكشۈرىدۇ، ئىككىنچى دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىشتا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە سالامەتلىكىنى ئاسرايدۇ، ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىشتا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ قوللانغاندا، ئىرسىيەت ئېغىر كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىشىنى تۆۋەنلەتكىلى ياكى ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش