ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى
ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
كەيپىياتى ناچار بولۇش
ئامىرىكا تۇنۇش نىرىپ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يىڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاياللار دۇچ كىلىدىغان روھى بېسىم، خامۇشلىشىش، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر، ھامىيلىنىڭ چوڭ مىڭىسىدىكى نىرىپلارنىڭ ئۇلىنىشىنى ئۆزگەرتىۋىتىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ھامىيلىنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
بۇندىن باشقا، ئۇلار يەنە بىر تۈرلۈك تەجىربىلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ھامىلدار ئايالدىكى خامۇشلىشىش تەشۋىشلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ، بالىنىڭ ئەقلى-ئىقتىدارىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. شۇڭلاشقا، ھامىلدار ئاياللار كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك.
Xنۇرى تەكشۈرۈشى
Xنۇرىنىڭ "ئىلىكتىرو رولى" ۋە "بىئولوگىيلىك ئۈنۈمى"، ئادەم بەدىنىنىڭ قان ياساش ئەزالىرىغا، ھەزىم قىلىش سېستىمىسىغا ۋە مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدىكى ھامىيلىنىڭ زىيانغا ئۇچراش خەۋىپىنىڭ دەرىجىسى بولسا، ئاساسى جەھەتتىن يۇقىرى رادىئاتسىيەگە ئۇچراش مىقدارىغا باغلىق بولىدۇ؛ بولۇپمۇ قوساق قىسىمنى رىنتىگىنغا تارتىش، بۇنىڭدا ھامىلدار ئايالنىڭ قوساق قىسمى ۋە ھامىيلە، Xنۇرىنىڭ بىۋاستە چۈشۈشىگە ئۇچراپ، بويىدىن ئاجراپ كىتىش، بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش، ھامىيلە ئۆلۈك تۇغۇلۇش ياكى غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
قالايمىقان دورا ئىشلىتىش
دورىلار، ھامىلدار ئايالنىڭ قېنى ئارقىلىق ھامىيلىنىڭ بەدىنىگە ئۆتىدۇ، ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ھامىيلىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ.
ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلى، ھامىيلىنىڭ بەدەن ئەزالىرىنىڭ ئايرىلىش، يىتىلىش، شەكىللىنىش باسقۇچى بولۇپ، قالايمىقان دورا ئىشلەتكەندە، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە، نىرۋا سېستىمىسىغا ۋە چوڭ مىڭە ئورگانىزىملىرىغا يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئادەم كۆپ، شاۋقۇن-سۈرەن يۇقىرى بولغان جايلارغا بېرىش
ئادەم كۆپ، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان جايلاردا، كىسەللىك ۋىرۇسلىرىمۇ ئوخشاشلا كۆپ بولۇپ، كىسەللىك ۋىرۇسلىرىنىڭ ھامىيلىنى يۇقۇملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نورمال يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار بۇ جايلارغا ئىمكان قەدەر ئاز بېرىشى كىرەك.
شاۋقۇن-سۈرەنلەرمۇ، ھامىيلىنىڭ ئاڭلاش سىزىمىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت يۇقىرى شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا تۇرغاندا، ھامىيلىنىڭ ئاڭلاش سىزىمىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى مۇمكىن.
يىمەك-ئىچمىكى تەڭپۇڭ بولماسلىق
ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يىمەك-ئىچمىكى تەڭپۇڭ بولۇش، ھامىيلىنىڭ ساغلام يىتىلىشىدىكى ھالىقىلىق مەسىلىدۇر، ھامىلدار ئاياللار بۇ نوقتىغا ئالاھىدە ئىتىبار بىرىشى كىرەك.
ھامىلدار ئاياللار، ھامىيلىگە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلايمەن دەپ، چوڭ يەپ چوڭ ئىچىشكە بولمايدۇ. چوڭ يەپ چوڭ ئىچىش ۋە نۇرمىدىن ئارتۇق قۇۋۋەت تۇلۇقلاشنىڭ نەتىجىسى، بالىنىڭ نورمىدىن ئارتۇق چوڭ يىتىلىپ قېلىشى بولۇپ، تۇغۇتقا ناھايىتى چوڭ تەسىر ئېلىپ كىلىش بىلەن بىرگە، بوۋاقمۇ ھەرخىل كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش