ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى
تۇخۇم توشۇش نەيچىسى مۇھىم كۆپىيىش ئەزاسى بولۇپ، ئەگەر تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قالسا، تۇخۇم ئىسپېرما بىلەن ئوڭۇشلۇق بىرىكەلمەيدۇ، ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، ھەتتا ھامىلىدار بولالمايدۇ. شۇڭا، تۇخۇم نەيچىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان تۇغماسلىقنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندە، تۇخۇم نەيچىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش كېرەك، بۇنىڭ ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە زور ياردىمى بولىدۇ.
تۇخۇم نەيچىسى توسۇلۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
1. چاپلىشىپ قالغان تۇخۇم نەيچىسىنى ئايرىش ئوپېراتسىيەسى
بۇ خىل ئوپېراتسىيەدە ئاساسلىقى تۇخۇم نەيچىسىنىڭ كۈنلۈكسىمان ئۇچىدىكى چاپلىشىپ قالغان قىسمى ئۈزۈل-كېسىل ئايرىۋېتىلىپ، تۇخۇم نەيچىسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئەركىن بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ئادەتتە لاپاروسكوپنىڭ ياردىمىدە ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ، قورساق ئارقىلىق ئوپېراتسىيە قىلسىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل ئوپېراتسىيە ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن تۇخۇم نەيچىسى چاپلىشىپ قالغان ئاياللارغا ماس كېلىدۇ، مەسىلەن، تۇخۇم نەيچىسى بىلەن تۇخۇمدان ياللۇغلانغان، قوشۇمچە ئەزا ھەمدە داس بوشلۇقى دىۋارى بىلەن ئۈچەي دىۋارى، چوڭ پەردە ئارىسىدا ياللۇغلىنىش بولغان بىمارلارغا ماس كېلىدۇ، ئادەتتە ياخشى بولغان ئالدىن مۆلچەرلەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، كۆپ ساندىكى بىمارلار ئوڭۇشلۇق ھالدا ھامىلىدار بولالايدۇ.
2. تۇخۇم نەيچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى
بۇ خىل ئوپىراتسىيە ئاساسلىقى ئۈزۈلگەن تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى قايتىدىن تۇتاشتۇرۇپ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ راۋانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بۇ خىل ئوپېراتسىيە تۇخۇمدان ئىقتىدارى بىر قەدەر ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېشى 35 ياشتىن تۆۋەن ئاياللارغا ماس كېلىدۇ، ئادەتتە ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە ھامىلىدار بولىدۇ، بۇ ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
3. پروبىركىدا يېتىلدۈرۈلگەن بوۋاق
ئەگەر تۇخۇم نەيچىسى راۋان بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل ئوپېراتسىيە ئۇسۇللىرىغا ماس كەلمىسە، ئۇنداقتا پروبىركىدا يېتىلدۈرۈلگەن بوۋاق ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. بۇ بىر خىل يېڭى تىپتىكى بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ، ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىنى بەدەن سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، پىروبىركىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش جەريانىنى تاماملايدۇ، ئاندىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى بىۋاسىتە ئاياللارنىڭ تېنىگە كۆچۈرىدۇ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى ئادەتتە%70تىن ئاشىدۇ.
ئوپېراتسىيە قىلىنغان، ئەمما 12 ئاي ئىچىدە يەنىلا ئوڭۇشلۇق ھامىلىدار بولالمىغان ئاياللارغا ماس كېلىدۇ. تۇخۇم نەيچىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىر قەدەر ئېغىر بولغان، ئوپېراتسىيە قىلسىمۇ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيدىغان ئاياللار. تۇخۇم نەيچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىشنى خالىمايدىغان ئاياللار ئادەتتە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ.
تۇخۇم نەيچىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار بىر قەدەر مۇرەككەپ، شۇڭا ئادەتتە ھەر قايسى جەھەتلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، ئالدى بىلەن سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش ياكى دورا ئارقىلىق ھامىلە چۈشۈرۈشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن تۇخۇم نەيچىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش كېرەك، چۈنكى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئۆسمىسىمۇ تۇخۇم نەيچىسىنى بېسىۋېلىپ، تۇخۇم نەيچىسىنىڭ چاپلىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ھامىلدار بولغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان، ئوڭۇشلۇق ھامىلىدار بولالمىغان ئاياللارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، مەسىلەن، بالىياتقۇ تۇخۇم نەيچىسىنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىش ئوپېراتسىيەسى، لاپاروسكوپ ئاستىدىكى تۇخۇم نەيچىسىدىن سۇيۇقلۇق ئۆتكۈزۈش ئوپېراتسىيەسى قاتارلىقلار، بۇ ئارقىلىق كېسەللىك سەۋەبىنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ، دەسلەپكى مەزگىلدە داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، ئاياللارنىڭ غايەت زور پىسخىكىلىق بېسىمغا بەرداشلىق بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش