دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى: ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئاساسەن ھامىلىگە يەتكۈزۈلمەيدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇتۋاقتى:2022-12-16 11:52:03

  گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى 12- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، دۆلەت تۇغۇت كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى، بېيجىڭ داشۆسى 3- دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى چياۋ جيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جەملەنگەن دۆلەت ئىچىدىكى ئەھۋال ۋە خەلقئارا خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئومۇمىي جەھەتتىن كېسەل بولۇش نىسبىتى ۋە كېسەللىك ئالامىتى ئەھۋالى، كېسەللىك جەريانى ئەھۋالى ئادەتتىكى كىشىلەر توپى بىلەن بىرقەدەر يېقىن بولىدۇ، كېسەللىك ئالامىتى ئاساسلىقى يەنىلا يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، مەسىلەن، يۆتىلىش، گال ئاغرىش، چۈشكۈرۈش، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، پۈتۈن بەدەن سىرقىراپ ئاغرىش، قىزىش قاتارلىقلار بولىدۇ، ئېغىر ئاغرىپ قالىدىغانلىرى ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك ساراسىمىگە چۈشمىسىمۇ بولىدۇ، كېسەللىك جەريانىمۇ ئاساسەن بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولىدۇ.

   ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ھامىلىگە يۇقىدىغان- يۇقمايدىغانلىقىغا قارىتا، ئانا تېنىدە بالا ھەمراھىدىن ئىبارەت ئىنتايىن ياخشى قوغداش توسۇقى بولغاچقا، ئاساسەن ھامىلىگە يۇقمايدۇ، لېكىن ئەگەر يېڭى يەڭگىگەن ئانا، بوۋىقى بىلەن بىللە بولسا يەنىلا ئايرىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، ئانا يەنىلا بوشلۇق جەھەتتە ئەڭ ياخشىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بىلەن بەلگىلىك ئايرىلسا ياكى N95 ماسكا تاقاپ ئانا سۈتى بىلەن باقسا بولىدۇ.

   (باش ئىستانسا مۇخبىرى شى يىڭچۇن، ليۇ تىڭيۈ)

   پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش