دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى

ئالمىنىڭ ئاياللارغا قانچىلىك پايدىسى بار؟
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-15 11:00:01

ئالما ساغلام ئوزۇقلۇق مېۋىسى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنى ئىنكار قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، لېكىن ئالمىنىڭ ئاياللارغا قانچىلىك پايدىسى بار، ئىشىنىمەنكى، ئاياللار ئۆزىمۇ نۇرغۇن سەۋەبلەرنى دېمەيدۇ. قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

1-سەۋەب: ئالما ئادەم بەدىنىدىكى كىسلاتالىق ماددىلارنى نېيتراللاشتۇرالايدۇ %70 كېسەللىك كىسلاتالىق بەدەن ساپاسىغا ئىگە ئاياللاردا يۈز بېرىدۇ، ئالما ئىشقارلىق يېمەكلىك بولۇپ، ئالما يېگەندە بەدەندىكى زىيادە كىسلاتالىق ماددىلارنى تېز نېيتراللاشتۇرغىلى بولىدۇ (بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق ھاسىل بولغان كىسلاتا ۋە بېلىق، گۆش، تۇخۇم قاتارلىق كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنىڭ بەدەندە ھاسىل قىلغان كىسلاتالىق مېتابولىزم ھاسىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، جىسمانىي كۈچ ۋە كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

2-سەۋەب: ھەر كۈنى بىر تال ئالما يېيىش (ئەڭ ياخشىسى پوستى بىلەن يېيىش كېرەك) سەكتە بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشمۇ سالامەتلىككە پايدىلىق، شۇنداقلا ئاياللار ساغلاملىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى. ئالما يېگەندە ئەڭ ياخشىسى پوستى بىلەن بىللە يېيىش كېرەك، چۈنكى ئالما ئېتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئالما پوستىدا فلاۋون تۈرىدىكى ماددىلار بىر قەدەر كۆپ، ئوكسىگېنغا قارشى ئاكتىپچانلىقىمۇ بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، ئوتتۇرا ياش، ياشانغان ئاياللارنىڭ سەكتە بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەمما ئالما كۆچىتى تىكىش جەريانىدا نۇرغۇن دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئالما يېگەندە ئەستايىدىل تازىلىمىغاندا، ئالمىنىڭ پوستىدا تۇرۇپ قالغان خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرى ئاق قان كېسىلى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا ئالمىنىڭ «تەبىئىي» بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىسا، ئالما يېيىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى پاكىز يۇيۇپ پوستىنى سويۇۋېتىش كېرەك.

14.png

3-سەۋەب: ئالمىنى كۆپ يېگەندە سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئالما تەركىبىدە سۆڭەكنى كۈچەيتىدىغان مىنېرال ئېلېمېنت بور ۋە مانگان بار. ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، بور قاندىكى ئانىلىق ھورمۇن ۋە باشقا بىرىكمىلەرنىڭ قويۇقلۇقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدىكەن، بۇ خىل بىرىكمىلەر كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىكەن. تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ھەيز توختىغان ئاياللار ھەر كۈنى ئۈچ گىرام بور قوبۇل قىلالىسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىش نىسبىتىنى %46 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، ھەيز توختىغان ئاياللار ئالمىنى كۆپ يېسە، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە پايدىلىنىشىغا پايدىلىق بولۇپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

4-سەۋەب: ئالما تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ۋە باشقا ئۆسۈملۈك خىمىيەلىك تەركىبلەر راك كېسىلىگە قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرى ياللارنىڭ سېمىزلىكى كۈندىلىك خىزمەت، تۇرمۇش ۋە گۈزەللىككە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ياپونىيەدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرامىغا يەتكەن 15 مىڭ 54 ئايالنى توققۇز يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئاخىرىدا 668 ئايالنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىغان. ئىستاتىستىكا ئانالىزى ئارقىلىق بايقىلىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى نورمال ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ياكى سېمىز ئاياللارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى%29 -%47 كىچە ئاشىدىكەن؛ ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچى قانچە يۇقىرى بولسا، سۈت بېزى راكى، بوغماق ئۈچەي راكى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى ۋە ئۆت خالتىسى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياكى سېمىزلىك ئاياللاردا راك پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ئامىل ئىكەن.

ئۇنداقتا ئاياللارنىڭ ھەم ئورۇقلىيالايدىغان ھەم راكنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ئامالى بارمۇ؟

ھەقىقەتەن بار، دائىم ئالما يېسە بولىدۇ. ئىتالىيەدىكى تەتقىقاتچىلار 629 نەپەر راك كېسىلى بىمارىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، تەپسىلىي تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى بىردىن ئاز ئالما يېيىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەر كۈنى بىردىن ئارتۇق ئالما يېگەندە بوغماق ئۈچەي راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، كېكىردەك راكى، سۈت بېزى راكى ۋە تۇخۇمدان راكى قاتارلىق راك كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى%9-42 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئالما تەركىبىدە ئەنئەنىۋى ئوزۇقلۇق ماددىلار ۋە يېمەكلىك تالالىرىدىن باشقا، يەنە فلاۋون تۈرىدىكى ماددىلار مول بولۇپ، تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا مېۋىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئالما تەركىبىدىكى ئەركىن فلاۋون تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بەدەنگە تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ. بۇ تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ ماددىلار ئىرسىيەت ماددىسى DNA (دېئوكسى رىبونۇكلېئىك كىسلاتا) نى ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيەسىنىڭ زىيىنىدىن ساقلاپ قالالايدۇ، راكقا قارشى تۇرۇش رولى بىر قەدەر كۈچلۈك.

5-سەۋەب: ئالما تەركىبىدە كۆپ خىل ئۈنۈملۈك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېلېمېنتى بارئالما تەركىبىدە فولىك كىسلاتاسى مول، فولىك كىسلاتاسى ۋىتامىن B نىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇپ، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئالما تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار يۈرەكنىڭ ساغلام ئايلىنىشىغا پايدىلىق، ئالمىنىڭ تالا، مېۋە يېلىمى، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار ۋە باشقا تەركىبلىرى بەدەندىكى ناچار خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، ياخشى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، بۇنداق بولغاندا «ناچار» خولېستېرىننىڭ قان تومۇرلارنى توسۇۋېلىش ۋاقتى نورمال ۋاقىتتىكىدىن سەل كېيىن بولىدۇ، ئەگەر «ناچار» خولېستېرىننىڭ قان تومۇرلارنى توسۇۋېلىش ۋاقتى قانچە بالدۇر بولسا، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس بىر تال ئالمىنىڭ تەركىبىدە ئاران 60~100 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىدە ماي ياكى ناترىي يوق، ئورۇقلاۋاتقان ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ ئەڭ ياخشى يېمەكلىك.

بىرازىلىيە رىئودې ژانېيرو داشۆسى ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر گۇرۇپپا ھەر كۈنى تۆۋەن كالورىيەلىك يېمەك-ئىچمەك ئىستېمال قىلىدىكەن ھەمدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈچ تال ئالما، ئۈچ تال نەشپۈت ياكى ئۈچ پارچە سۇلۇ پىرەنىكى (ئۈچ خىل يېمەكلىكنىڭ يېمەكلىك تالاسى مىقدارى تەڭ) يەيدىكەن؛ 12 ھەپتىدىن كېيىن بايقىلىشىچە، ئالما، نەشپۈت يېگەن ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 1.22 كىلوگىرام تۆۋەنلىگەن، سۇلۇ پىرەنىكى يېگەن ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان. ئالما يۇقىرى تالالىق، تۆۋەن كالورىيەلىك يېمەكلىك بولۇپ، دائىم ئالما يېگەندە ئاسانلا ئاچلىق تۇيغۇسى بولمايدۇ، ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش مىقدارىمۇ ئاز بولۇپ، ئورۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش