دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى

ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلايدىغان بۇ 6 خىل ئۇسۇل سىزنى تېخىمۇ تېز ئورۇقلىتىدۇ!
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-08 12:13:21

14.png

ئورۇقلاشنىڭ ئاچقۇچى بەدەننىڭ مېتابولىزم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، شۇنداق قىلغاندىلا ھەر كۈنى تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىق سەرپ قىلغىلى بولىدۇ، بۇ ماينىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ تېز ئورۇقلىغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە بەدەننىڭ مېتابولىزم سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، بەدەننى داۋاملىق ماي كۆيدۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئۇسۇللارنى

تونۇشتۇرىمىز:

1. ئۈچ ۋاق تاماق قانۇنىيەتىلىك بولۇش

ئۈچ ۋاق تاماقنى قانۇنىيەتىلىك يېگەندە ئاشقازان-ئۈچەينىڭ نورمال مېتابولىزم ھەرىكىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ، بۇ ئىسسىقلىقنىڭ خورىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىسسىقلىقنىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇڭا، ناشتىلىقنى ياخشى قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلاش، چۈشلۈك تاماقنى سەككىز ئۈلۈش تۇيۇنۇپ يېيىش، كەچلىك تاماقنى ئاز يېيىش، تاماق يېيىش سۈرئىتى ئاستا بولۇش كېرەك، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ، يەنە تاماق مىقدارىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، ئۆزىنى زورلاپ تاماق يېيىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

2. كۈچ مەشىقىنى كۆپرەك قىلىش

مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن، كۈچ مەشىقىنى كۆپرەك ئىشلەش كېرەك، كۈچ مەشىقىنى مۇسكۇل مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، مۇسكۇلنىڭ ئۆسۈشى بەدەننىڭ مېتابولىزم ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ھەر كۈنى تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىق سەرپ قىلىدۇ، يەنە بەدەن ئەگرى سىزىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدىغان بەدەن سىزىقلىرىغا ئىگە قىلىدۇ. بىز گانتېل ئەسۋابلىرىدىن باشلاپ قول سېلىپ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش، يېتىپ ئىتتىرىش، قېيىق ھەيدەش، قاتتىق تارتىش، سۆرەش، يۇقىرىغا ئۆرلەش، يەر بېغىرلاش قاتارلىق مۇرەككەپ ھەرىكەتلەرنى تاللىساق بولىدۇ، بۇ ئاسان ئورۇقلىغىلى بولىدىغان بەدەن ساپاسىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.

15.png

3. ھەر كۈنى 8-10 ئىستاكان سۇ ئېچىش

سۇدا ئىسسىقلىق بولمايدۇ، ئۇ بەدەننىڭ ھەرىكەت مېتابولىزمىنى تىرەپ تۇرىدىغان ئاساسلىق توشۇغۇچى. سۇ ئىچكەندە ئاچلىق تۇيغۇسىنى ئۈنۈملۈك تورمۇزلاپ، تاماق مىقدارىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. سۇنى كۆپ ئىچىش يەنە بەدەننىڭ مېتابولىزم ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېرەكسىز ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ ئورۇقلاش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

4. ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلاش

ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل چوڭ مولېكۇلالىق يېمەكلىك بولۇپ، بەدەن ئارقىلىق ئاسان پارچىلانمايدۇ، بەدەن ئاقسىلنى خورىتىپ تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىق سەرپ قىلىدۇ، قورساق تويغۇزۇش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. ئورۇقلاش مەزگىلىدە بىز پۇرچاق، توخۇ تۆش گۆشى، تۇخۇم، سۈت مەھسۇلاتلىرى، بېلىق گۆشى، راك گۆشى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ، بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، مۇسكۇللارنىڭ پارچىلىنىشىدىن ساقلانساق بولىدۇ، يەنە تاماق يېيىش ئىستىكىمىزنى تۆۋەنلىتىپ، قورساق ئاچتىمۇ باشقا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.

5. قورساق ئاچقاندا بىر تال تەرخەمەك يېيىش

ھەددىدىن زىيادە ئاچلىق بەدەن مۇسكۇللارنى پارچىلاپ، ياغنى زاپاس ساقلاپ ساقلايدۇ، بۇ ئەكسىچە ئورۇقلاشقا پايدىسىز. شۇڭلاشقا قورساق ئاچقاندا بىر تال تەرخەمەك يېسىڭىز بولىدۇ. تەرخەمەكنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن، سۇ تەركىبى مول، بىر تال تەرخەمەكنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئاران نەچچە ئون كىلوكالورىيە بولۇپ، ئاچلىق تۇيغۇسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى پەسەيتىپ، ئورۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

6. بالدۇرراق ئۇخلاش

بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر تۇرۇش، تۈنەشتىن ساقلىنىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا بەدەن ئىقتىدارىنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھورمۇننىڭ نورمال ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. دائىم تۈنەيدىغان، كەچ ئۇخلايدىغانلارنىڭ بەدىنىنىڭ قېرىش سۈرئىتى نورمال ئادەملەرنىڭ 2-3 ھەسسە تېز بولىدۇ، بەدەننىڭ مېتابولىزم سەۋىيەسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ. قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىپ، يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن بەدەن ئىقتىدارىنى ياش ھالەتتە ساقلىغىلى بولىدۇ، بەدەننىڭ مېتابولىزم سەۋىيەسىمۇ بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، ئاسان سەمرىپ كەتمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش