دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى

ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئانا قىزىپ قالسا، يەنە بالا ئېمىتسە بولامدۇ
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-08-31 18:36:23
ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىلار، ئەگەر پەقەت زۇكامدىن ياكى سۈت توسۇلۇپ قالغان سەۋەبىدىنلا قىزىپ قالغان بولسا، بالىنى داۋاملىق ئىمىتسە بولىدۇ؛ چۈنكى، ئادەم زۇكام بولۇپ قالغاندا، بەدىنى يەنە ئانتىتېلا ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولغاچقا، ئانتىتېلانى سۈت ئارقىلىق بوۋاققا يەتكۈزۈپ بىرەلەيدۇ، بۇنىڭدا بوۋاقنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. تۇيۇقسىز كۆرۈلگەن سۈت توسۇلۇپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان قىزىش ئەھۋالىدىمۇ، بالىنى ئىمىتىشكە بولىدۇ؛ بۇنىڭدا، سۈت بېزى كانىلى راۋانلاشقاندىن كېيىن، ئانىنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسىمۇ ئەسلىگە كېلىدۇ.
08.png
   ئۇنداقتا، قانداق ئەھۋال ئاستىدا، داۋاملىق ئىمىتىشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك؟
   ئادەتتە، قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللار نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، بەزىدە ئۆزىمىزمۇ پەرقلەندۈرەلمەي قالىمىز. ئەگەر ئانىنىڭ قىزىشىنى كېسەللىك باكتىرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئۇنداقتا ئەڭ ياخشىسى بالىنى ئىمىتمەسلىك كېرەك؛ بۇنداق ئەھۋالدا ئىمكان قەدەر تىز سۈرئەتتە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، ئەھۋالنى ئېنىق ئايرىش ۋە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇناسىپ داۋالاش قىلىش كېرەك. ئەگەر سۈت بېزى ياللۇغى سەۋەبلىك قىزىپ قالغان بولساق، نورمال ئەھۋال ئاستىدا بالىنى داۋاملىق ئىمىتىشكە بولىدۇ؛ لېكىن، ئەگەر ياللۇغنىڭ داۋاملاشقان ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇن بولغان بولسا، ھەمدە ئانا سۈتىنىڭ رەڭگىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ، يىرىڭغا ئوخشاش سېرىق رەڭدىكى سۇيۇقلۇق چىققان ۋاقىتتا، بالىنى ھەرگىز ئىمىتىشكە بولمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا تىز سۈرئەتتە دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ياللۇغ قايتۇرۇشقا ئامال قىلىش كېرەك.
07.png
   ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئانا قىزىپ قالغاندا، قىزىشنى قانداق ياخشىلاش لازىم
   ئىمىتىش مەزگىلىدە قىزىپ قالغاندا، قىزىشنى قانداق ياخشىلاش كېرەك؟ ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئانىلار دەسلەپ قىزىشقا باشلىغان ۋاقىتتا، ئازراق ۋاقىت ئۆتسە ياخشىلىنىپ كېتىمەن دەپ ئويلاپ، چاپلاق چاپلاش، قايناقسۇ ئىچىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ چىداپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولىدۇ؛ چۈنكى، ئەگەر دوختۇرخا كۆرۈنۈپ دورا ئىچسە ياكى ئۇكۇل ئۇدۇرسا، بالىنى ئىمىتكىلى بولماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بەزى ئانىلار بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق قىزىتمىسىنى چۈشۈرەلەيدۇ، بىراق يەنە بەزىلەرنىڭ قىزىتمىسى چۈشمەي داۋاملىق قىزىيدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنداق ئەھۋالدا، سۈت يولىنى راۋانلاشتۇرۇدىغان كەسپى خادىملارنى تەكلىپ قىلساق، سۈت يولى راۋانلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، قىزىتما دەرھال يانىدۇ. بەزى ئانىلارنىڭ سۈت يولى بەك ئۇزۇن مەزگىل توسۇلۇپ، ئاللىبۇرۇنلا ياللۇغ كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئۇنداقتا دورا ئىچمەي ياكى ئۇكۇل ئۇرغۇزماي ئامال يوق؛ چۈنكى، سۈت يولىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك بولغان تەقدىردىمۇ، ئاۋۋال ياللۇغنى قايتۇرۇپ ئاندىن سۈت يولىنى راۋانلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
06.png
   شۇڭا، ئەگەر زۇكام ياكى باشقا سەۋەبلەردىن ئەمەس، بەلكى سۈت توسۇلۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن يىنىك قىزىش كۆرۈلۈشكە باشلىغان ۋاقىتتا، چوقۇم بالىنى كۆپرەك ئىمىتىپ بىرىش لازىم؛ بۇنىڭدا، سۈت بېزى كانىلىنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياللۇغ قايتۇرۇدىغان جۇڭيىچە دورىلاردىن ئازراق ئىچىپ بەرسەك بولىدۇ، چۈنكى جۇڭيىچە دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى بولمايدۇ. بىراق، ئاشقازان ئۆت ئىقتىدارى ناچار بولغانلار، ئەڭ ياخشىسى دورا قاينىتىپ ئىچىشنى تاللىماي، سىرتتىن ئىشلىتىدىغان جۇڭيى دورىلىرى تاللىشى كېرەك. بۇندىن باشقا، قىزىش مەزگىلىدە سۇنى كۆپرەك ئىچىپ، بەدەندىكى زەھەرلەرنى ھەيدەشكە ئەھمىيەت بىرىش ھەمدە ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش