دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ 1-كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ​«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى» ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ​داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى ​مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى يىلىغا 2000 توننا تىككۈچىلىك يىپى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى

بۈگۈن گۈل چاي ئىچتىڭىزمۇ؟
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-04-19 11:17:07

ھەممە يەر باھار تۈسىگە كىرىپ، تەبىئەتتىكى بارلىق شەيئىلەر جانلىنىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان پەيتتە، ئادەملەرمۇ ئوخشاشلا تەبىئەتكە ماسلىشىپ، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. گۈللەرنىڭ خۇش پۇرىقى كۆڭۈلنى سۆيۈندۈرىدۇ، ئۇنىڭ روھنى ئۇرغۇتۇش، كەيپىياتنى كۆتۈرۈش، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش رولى بار، شۇڭا ئەتىياز پەسلى گۈل چاي ئىچىشكە تولىمۇ ماس كېلىدۇ. ئادەتتە چاي دەملەشكە، دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان گۈل ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن: قىزىلگۈل، جۈخارگۈلى، ئۇچقات، گۇيخۇا گۈلى، شاپتۇل چېچىكى، گۇيخۇا گۈلى قاتارلىقلار. ئۆزىڭىزگە قايسى خىل گۈلدىن دەملەنگەن چاينىڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

گۇيخۇا گۈلى چېيى

گۇيخۇا گۈلى چېيى جۇڭگونىڭ ئاساسلىق چاي تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئىتى مۆتىدىل، جۇڭيى تېبابىتىدە گۇيخۇا گۈلىنىڭ باھنى قۇۋۋەتلەش، بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەش، تېرىنى سىلىقلاپ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، ئۆپكىنى سىلىقلاپ يۆتەلنى توختىتىش رولى بار دەپ قارىلىدۇ؛ چاينىڭ ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش، روھنى ئۇرغۇتۇش رولى بار. بىز بىرلىكتە گۇيخۇا گۈلى چېيىنىڭ ئۈنۈمى ۋە گۇيخۇا گۈلى چېيىنى دەملەش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى!

گۇيخۇا گۈلى چېيىنىڭ ئۈنۈمى ۋە رولى

1. روھنى ئۇرغۇتۇپ مېڭىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ.

گۇيخۇا گۈلى ئالاھىدە خۇش پۇراق بولۇپ، كىشىلەردىكى جىددىيلىك كەيپىياتنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدۇ. ئۆگىنىش ۋە خىزمەت جەريانىدا بېشىڭىز قايغاندا، چارچاش ھېس قىلغاندا بىر ئىستاكان خۇش پۇراقلىق گۇيخۇا گۈلى چېيى ئىچسىڭىز روھىڭىزنى كۆتۈرۈپ، چارچاشنى تۈگىتىدۇ.

2. يۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىدۇ.

گۇيخۇا گۈلى چېيى يۆتەلنى توختىتىپ، بەلغەمنى بوشىتىش، دەم سىقىلىشنى پەسەيتىش، مەنپىيلىكنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە.

3. تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، بەدەندىكى سوغۇقنى ھەيدەيدۇ.

گۇيخۇا گۈلى چېيى تەركىبى ئىسسىق ساغلاملىق چېيى. ئۇ بەدەندىكى سوغۇقنى ھەيدەپ، ئاشقازاننى ئىللىتىدۇ. ئۇنىڭ كىشىلەردە دائىم كۆرۈلىدىغان ئاشقازاننى سوغۇق ئېلىش ۋە ئاشقازان ئاغرىشنى پەسەيتىشتە ئالاھىدە قوشۇمچە رولى بار.

4. زەھەرنى تازىلاپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.

گۇيخۇا گۈلى چېيى ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلار ۋە توكسىننىڭ چىقىرىلىشىنى تېزلىتىپ، زەھەرنى ھەيدەشتە ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە. گۇيخۇا گۈلى چېيىدىكى بەزى تەركىبلەر تېرىنى ئاقارتىش، نەملىكنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. گۈيخۇا گۈلى زەھەر قايتۇرۇش ۋە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە.

گۇيخۇا گۈلى چېيى مۇنداق دەملەپ ئىچىلىدۇ

گۈيخۇا گۈلى+ ۋۇلۇڭ چېيى: ئۈچەينى سىلىقلايدۇ.

گۈيخۇا گۈلى + گۈييۈەن + چىلان: بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، قان تولۇقلايدۇ.

گۈيخۇا گۈلى + قىزىلگۈل + جۈزى پوستى: بەدەن قۇۋۋىتىنى تەڭشەپ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ.

گۈيخۇا گۈلى + شەنجا + داڭشېن: تاماقنى سىڭدۈرۈپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ

گۈيخۇا گۈلى چېيىنى دەملىگەندە، گۈيخۇا گۈلىنىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە 85 گىرادۇس ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ، ئاۋۋال ئازراق قايناقسۇ قۇيۇپ، گۈل بىلەن چاينى تولۇق نەمدەپ، ئاندىن قايناقسۇنى تولدۇرۇپ قويۇپ دەملەپ ئىككى مىنۇتتىن كېيىن ئىچسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش