دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ 1-كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ​«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى» ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ​داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى ​مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى يىلىغا 2000 توننا تىككۈچىلىك يىپى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى

ئاياللار بەك ئورۇق بولسا، ئەكسىچە بۇ تۆت خىل كېسەلنى تېپىۋالىدۇ!
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-04-14 15:42:02

سېمىزلىك ئۈچ يۇقىرى كېسەللىك، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، ھەتتا راك كېسىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە كۆپچىلىك ئورۇقلاشقا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى.

微信截图_20220414153047.gif

بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم ئاياللار ھەددىدىن زىيادە ئورۇق بەدەن شەكلىنى قوغلىشىپ، ھەتتا  تاماقتىن  زىيادە ئۆزىنى تارتىپ، يۇقىرى سىجىللىقتىكى ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن باش تارتماي، ئۆزىنى بارغانسېرى ئورۇقلىتىۋاتىدۇ.

لېكىن، ئادەم بەك ئورۇق بولۇپ كەتسە راستتىنلا ساغلام بولامدۇ؟ مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئەگەر ئاياللار بەك ئورۇق بولسا، ئەكسىچە تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل كېسەللىكنى تېپىۋالىدىكەن.

1. ھەيز قالايمىقانلىشىش: نۇرغۇن تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بىر ساغلام ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ماي ئاز دېگەندە پۈتۈن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن%17 ىنى ئىگىلىشى كېرەك ئىكەن، شۇنداق بولغاندىلا ھەيز كېلىش ئەھۋالى ياخشىلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەندىكى ماي ئاز دېگەندە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ%22 ىگە يەتكەندە، ھەر قېتىملىق توغرا ھەيز دەۋرىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىكەن.

ئەگەر ئاياللار قارىغۇلارچە ئورۇقلىسا، بولۇپمۇ ھەددىدىن زىيادە تاماقتىن ئۆزىنى تارتسا، ئۇنداقتا ئورگانىزم قوبۇل قىلغان ئېنېرگىيە ۋە سەرپ قىلغان ئېنېرگىيە ئېغىر دەرىجىدە تەڭپۇڭسىزلىشىپ، بەدەندە ساقلانغان كۆپ مىقداردىكى ماي، ئاقسىل خوراپ، ئانىلىق ھورمۇننىڭ بىرىكىشى كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دە، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەتتا ھەيز ئاز كېلىش، ھەيز توختاپ قېلىش، تۇغماسلىق قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرى: ئەگەر ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە، پۈتۈن بەدەندىكى نۇرغۇن سىستېمىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا مۇسكۇللار تەدرىجىي بوشىشىپ كېتىدۇ. بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قورساق دىۋارى بوشىشىپ، قورساق مۇسكۇلى ئاجىزلىغاندىن كېيىن، ئاشقازانغا ئېسىلىدىغان ۋە مۇقىملاشتۇرۇلىدىغان مۇسكۇل ۋە تارىمۇشلار بوشىشىپ ماغدۇرسىزلىنىپ، قورساق قىسمىنىڭ بېسىمى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئاشقازان تۆۋەنگە چۈشۈشكە باشلايدۇ، ئارقىدىنلا ئاشقازان ساڭگىلاش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

يالغۇز بۇلا ئەمەس، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ئىقتىدارىمۇ ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، يېمەكلىك بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ۋاقتىدا ھەزىم بولماي ۋە سۈمۈرۈلمەي، ئاسانلا ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، ئاشقازان كۆپۈش، ئاشقازان ئاغرىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق بىر قاتار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

3. سۆڭەك شالاڭلىشىش: مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سېمىزلىكنىڭ سۆڭەككە ھەقىقەتەن ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىكەن، ئەكسىچە تۆۋەنكى مۈچە بوغۇملىرىنىڭ ئۇپرىشى ناھايىتى چوڭ بولىدىكەن. لېكىن، بۇ سۆڭەك قانچە ئورۇق بولسا شۇنچە ساغلام بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە، تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بەدىنى زىيادە ئورۇق ئاياللارنىڭ يانپاش سۆڭىكى سۇنۇپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىدىكى ئاياللارنىڭكىدىن بىر ھەسسىدىن  يۇقىرى بولىدىكەن.

ئاياللارنىڭ بەدىنى قانچە ئورۇق بولسا، سۆڭەك زىچلىقىمۇ شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئاياللار بەك ئورۇق بولۇپ كەتسە، كۆپ ھاللاردا ئانىلىق ھورمۇننىڭ ھاسىل بولۇشىغا تەسىر يېتىدۇ، ئانىلىق ھورمۇن سەۋىيەسى تۆۋەن بولسا، سۆڭەكنىڭ يوقىلىش سۈرئىتى تېزلىشىپ، ئاياللار ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.

4. ئۆتكە تاش چۈشۈش: جىگەر ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ھاسىل قىلىدىغان ئەزا، لېكىن ئۆت سۇيۇقلۇقى ھاسىل بولغاندىن كېيىن، دەرھال ئۈچەيگە چىقىرىلماي، ئۆت خالتىسىغا كىرىپ زاپاس ساقلىنىدۇ ۋە يەنىمۇ قويۇقلىشىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆت خالتىسى يەنە مۇرەككەپ خىمىيەلىك ۋە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىغا ئىگە. ئادەم نورمال تاماق يېگەندىن كېيىن، ئۆت خالتىسى ھورمۇننىڭ تەڭشىشىگە ئۇچراپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئۆت سۇيۇقلۇقى ياغ تۈرىدىكى ماددىلارنى ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

ئەگەر ئاياللارنىڭ بەدىنى زىيادە ئورۇق بولسا، ئۇزاق مۇددەت گۆشسىز تاماق يېسە، ئۇزاق مۇددەت ھەددىدىن زىيادە تاماقتىن ئۆزىنى تاتسا، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ نورمال چىقىرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ كىرىستاللىشىپ، ئۆت خالتىسىدا چۆكمە ھاسىل قىلىپ تاش پەيدا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقىرىقى ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان تۆت خىل كېسەلدىن باشقا، يېمەك-ئىچمەكتىن زىيادە ئۆزىنى تارتىش، بەدەن ئېغىر دەرىجىدە ئورۇق بولۇش قاتارلىقلارمۇ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق، جىگەرنى ماي قاپلاش قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇڭا، مەيلى بەك سېمىز ياكى بەك ئورۇق بولسۇن، ئەمەلىيەتتە بەدەنگە ھېچقانداق پايدىسى يوق. كۆپچىلىك گۈزەللىكنى قوغلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەن ساغلاملىقىغا سەل قارىماسلىقى، ئىلمىي بولغان بەدەن شەكلىنى ساقلاش ئۇسۇلىنى تاللىشى كېرەك، مانا بۇ توغرا ئۇسۇل.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش