دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى

ياشانغانلار تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى قانداق تاللىشى كېرەك
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-02-26 17:31:11

تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ياشلارغىلا خاس ئەمەس، ياشانغانلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ مەخسۇس تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى بولۇشى كېرەك. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تېرىدىكى سۇ تەركىبى، تېرە ئاستىدىكى ياغ قاتارلىقلار ئاستا-ئاستا ئازىيىپ، تېرە تېخىمۇ قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ. تېرىنىڭ قېرىش دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بوشىشىش، نېپىزلەش، قورۇق چۈشۈش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، يەنە ئاسانلا داغ، پىگمېنت چۆكمىسى، مەسىلەن، سارغۇچ قوڭۇر داغ قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ. ياشانغانلار تېرىسىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى چېكىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇزۇن مۇددەت ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرىدە، تېرە ئۆسمىسى ۋە راكتىن ئاۋۋالقى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، مۇۋاپىق تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

  ئوخشىمىغان ياشتىكى كىشىلەر توپىنىڭ تېرە ئاسراشتا ئېھتىياجلىق بولىدىغان تەركىبلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ياشانغانلارغا تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تاللىغاندا ئوزۇقلۇقنى ئاساس قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئەڭ ياخشىسى تەركىبىدە مۇۋاپىق ماي تەركىبى بولغان، قورۇقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشى، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى تۆت خىل تەركىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلارنى تاللاپ ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  ئادەمگىياھ تۈرىدىكىلەر: تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىغا ئادەمگىياھتىن ئايرىۋېلىنغان ماددا قوشۇلسا، ئاقسىلنىڭ بىرىكىشى ۋە قىل قان تومۇرلارنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنىڭ ئاكتىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، بۇ ئارقىلىق تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاش ۋە تەڭشەش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  ئانا ھەرە جەۋھىرى تۈرىدىكىلەر: ئانا ھەرە جەۋھىرى(ھەسەل جەۋھىرى)نىڭ نىكوتىنىك كىسلاتا مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، تېرىنىڭ يىرىكلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئانا ھەرە جەۋھىرى تەركىبىدىكى ئاقسىل، قەنت، ياغ تۈرىدىكىلەر ۋە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ خىل بىئولوگىيەلىك ئاكتىپ ماددىلار قورۇقنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، تېرىنى ئاسراپ، تېرىنىڭ ساغلاملىقى، گۈزەللىكىنى قوغدايدۇ.

  ۋىتامىن تۈرىدىكىلەر: ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ۋىتامىن A تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشى، كېپەكلىشىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ياخشىلاپ، تېرىنى تېخىمۇ سىلىق قىلىپ، تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلايدۇ؛ ۋىتامىن C پىگمېنتنىڭ ئولتۇرۇشۇشىنى ئازايتىپ، تېرىنى تېخىمۇ ئاق، يۇمران قىلىدۇ، لېكىن بۇ خىل تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئامال بار كەچتە ئىشلىتىش كېرەك؛ ۋىتامىن E بولسا تېرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈپ، قورۇقنى ئازايتىدۇ؛

  گىدرولىزلانغان ئاقسىل تۈرىدىكىلەر: گىدرولىزلانغان ئاقسىل تۈرىدىكى تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى بىلەن تېرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تېرىگە تېز سۈرئەتتە سىڭدۈرۈشكە پايدىلىق ھەمدە تېرىنىڭ سىرتقى يۈزىدە بىر قەۋەت قوغداش پەردىسى ھاسىل قىلىپ، تېرىنى تولدۇرۇپ، سىلىق، نۇرلۇق قىلىدۇ، قورۇقلارنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

  تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى توغرا تاللاشتىن باشقا، توغرا بولغان تېرە ئاسراش ئۇسۇلىنى ئىگىلەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ياشانغانلار تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

  يۈز يۇيىدىغان لۆڭگىنى توغرا تاللاش: نۇرغۇن كىشىلەر بىر لۆڭگىنى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىدۇ. ئەمما يىرىك، قۇرغاق ۋە قاتتىق لۆڭگە تېرىنى غىدىقلاپ، تېرىدە ئاستا-ئاستا ئىنچىكە قورۇقلارنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق بولغاندا تېرىدە يەنە قارا پىگمېنت ھاسىل قىلىپ، پىگمېنتنىڭ ئولتۇرۇشۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، لۆڭگىنى ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش، شۇنداقلا يۈز لۆڭگىسىنى دائىم يۇيۇپ، ئاپتاپقا سېلىپ تۇرۇش كېرەك.

  يۈزنى ئۇۋۇلاشنى ماسلاشتۇرۇش: دائىم قوشۇمىسىنى تۈرۈۋېلىش، ئېڭەكنى تېرەش ئاسانلا تېرىنىڭ ئاستى-ئۈستى تارتىشىپ قېلىش، ھەتتا بوشىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مۇۋاپىق ئۇۋۇلاپ بەرگەندە بۇلارنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. ئىككى قولنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى، ئوتتۇرا بارمىقى ۋە نامسىز بارمىقىنى ئىشلىتىپ، پېشانە قىسمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئىككى يانغا، تېرە ۋە مۇسكۇلنىڭ سىزىقچىلىرىنى بويلاپ 30 قېتىم ئۇۋۇلاش؛ ئىككى قولنى بۇرۇن قانىتىدىن چېكىگىچە 30 قېتىم ئىتتىرىش؛ ئىككى قولنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى، ئوتتۇرا بارمىقىنى ئېگىپ، ئېڭەكتىن چېكىگىچە 30 قېتىم ئىتتىرىش كېرەك. ئۇۋۇلاشتىن بۇرۇن ئىككى قولنى پاكىز يۇيۇش، كۈچ مۇۋاپىق بولۇش كېرەك.



مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش