دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايىتىمىزدىن ئالتە كىشى 4 ـ پەسىللىك «شىنجاڭ بويىچە سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىكتىكى ياخشى كىشى، ياخشى ئىش» نامزاتلىرى تىزىملىكىگە كىردى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-12-02 16:30:29

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى يېقىندا، 2022 ـ يىلى 4 ـ پەسىللىك «شىنجاڭ بويىچە سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىكتىكى ياخشى كىشى، ياخشى ئىش» نامزاتلىرى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، ۋىلايىتىمىزدىن ئالتە كىشى بۇ تىزىملىككە كىردى.

  تىزىملىككە كىرگەن نامزاتلار: پەن تەتقىقات مۇلازىمىتىگە كۈچ قوشقان، كۆكيار روھىغا ۋارىسلىق قىلغان ھەم ئۇنى ئەۋج ئالدۇرغان يۈ جېنيۈ؛ 20 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ پالەچ ئاپىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان لى جى؛ خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلكى زور زىيانغا ئۇچرىغان ھايات ـ ماماتلىق پەيتتە كۆپ قېتىم كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چۈشۈپ، باتۇرلۇق بىلەن خەتەردىن قۇتۇلدۇرغان خۇاڭ خۇلىن؛ كارخانىنىڭ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك رول ئوينىشىغا تۈرتكە بولغان لى جيەنجۈن؛ خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ نامراتلارغا يار ـ يۆلەك بولۇش، جىددىي ئەھۋالدىكىلەرنى قۇتقۇزۇشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، كۇچا شەھىرىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئاتىغان ۋاڭ شىنگاڭ؛ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن جيا چۇنشېڭدىن ئىبارەت. ئۇلار ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنىدىن بولۇپ، ئامما ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۈن ـ تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاددىي ئىش ئورۇنلىرىدا قالتىس ھېكايىلەرنى پۈتۈپ چىقتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەت پۇقرالار ئەخلاقى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، «دەۋرنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ئۇدا پۈتۈش، ئۈلگىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، «قالتىس ئاقسۇلۇقلار»نى باھالاش پائالىيىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، «پەسىللىك باھالاش + يىللىق باھالاش» شەكلىنى قوللىنىپ، سەككىز تۈرلۈك «قالتىس ئاقسۇلۇقلار»، «ئەڭ گۈزەل ئاقسۇلۇقلار» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى بويىچە 345 تىپىك شەخسنى باھالاپ چىقتى. توردا «مەن ئەتراپىمدىكى ياخشى كىشىلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن، باھالايمەن»، «شىنجاڭ بويىچە سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىكتىكى ياخشى كىشى، ياخشى ئىش»نى باھالاش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» قۇربان نىياز، «ئوت ـ سۇ قەھرىمانى» لى يىفېي، «توغراق مۇھاپىزەتچىسى» راخمان ئەھەت قاتارلىق 255 ئىلغار تىپنى يېتىشتۈرۈپ تاللاپ تۇرغۇزدى، 16 كىشى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى، 24 كىشى «جۇڭگودىكى ياخشى كىشى» بولۇپ باھالاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ئاساسىي قاتلامغا بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر»نى مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بازىلىرىغا بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى «ماياك»قا ئايلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. «ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر»نىڭ تىپىك ئىش ئىزلىرىنى قېزىپ، «ئاقسۇدىكى ياخشى كىشىلەر خىسلىتى خاتىرىسى»، «ئۈلگىلىك كۈچلەرنىڭ ئىش ئىزلىرى توپلىمى»نى تۈزۈپ بېسىپ، تىپلارنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش