دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

كۆپ تارماق بىرلىشىپ ئېگىز قەۋەتلىك بىنادا ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرى ئۆتكۈزدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-12-02 16:29:11

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى ئاگاھلاندۇرۇش چىراغلىرى چاقناپ، نەچچىلىگەن ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى يىغىلدى... 11 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، بىر مەيدان ئېگىز قەۋەتلىك بىنادا ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ جىنشۈي گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  مانېۋىرنى ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى تەشكىللەپ يولغا قويغان بولۇپ، ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى، سۇ بىلەن تەمىنلەش، داۋالاش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئورۇنلار مانېۋىرغا قاتناشتى، بۇ مانېۋىرنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت: ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قوشۇنىنىڭ ئېگىز قەۋەتلىك بىناغا كەتكەن ئوتنى ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش سەۋىيەسى ۋە جەمئىيەتتىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قوشۇنىنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارىنى سىناشتىن ئىبارەت.

  مانېۋىردا، شۇ كۈنى سائەت 12:00لەردە، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ جىنشۈي گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىدىكى بىر بىنانىڭ 16 ـ قەۋىتىگە ئوت كېتىپ، ئوتنىڭ تېزدىن يامرىغانلىقى ھەم نەق مەيداندا قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ بارلىقى، ئولتۇراق رايونىنىڭ ئوت مۇداپىئەسى كونترول ئىشخانىسىدىكى نۆۋەتچى خادىملارنىڭ تېزدىن 119غا تېلېفون قىلىپ دېلو مەلۇم قىلغانلىقى تەقلىد قىلىندى.

  ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تېزدىن ئېگىز قەۋەتلىك بىنادا ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش لايىھەسىنى يولغا قويدى ھەم شەھەر رايونىدىكى ئۈچ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش پونكىتىنىڭ 12 ئاپتوموبىلى، 65 خادىمىنى نەق مەيدانغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئاجراتتى، تارماق ئەترەتنىڭ پۈتۈن ۋەزىپە قوماندانلىق ئىشتابى، جەڭ ۋەزىپىسى كاپالەت تارمىقىمۇ شۇئان يولغا چىقتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سۇ بىلەن تەمىنلەش، داۋالاش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئورۇنلار تەڭلا نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرىغا قاتناشتى.

  ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، نەق مەيداندا ئاگاھلاندۇرۇش، ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇش، تارقاقلاشتۇرۇش، ئوت كەتكەن جاينى سۇ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق جەڭ قىلىش گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كەلدى. قوماندانلىق ئىشتابى مانېۋىرنى ئىمكانقەدەر ئەمەلىي جەڭگە يېقىنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نەق مەيداندا ئاپتوموبىل توختىتىش، ئوت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، تەشكىللەپ قوماندانلىق قىلىش، ئوت كەتكەن جايدىكى ئىس ـ تۈتەكنى چىقىرىش، بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش، ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش، قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەپ ئادەم قۇتقۇزۇش قاتارلىق 13 مانېۋىر ھالقىسى تەسىس قىلىپ، 30 ئەمەلىي مەشغۇلات تۈرىنى قوشتى. مانېۋىرغا قاتناشقان ئورۇنلار ئىككى سائەت تەڭ كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىپ مەشغۇلات قىلىپ، تۈرلۈك مانېۋىر ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى تەۋەلىكنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئېگىز قەۋەتلىك بىنا، چوڭ تىپتىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى، دۇكان ـ ئولتۇراق ئۆي ئارىلاش گەۋدىسى قاتارلىقلارنىڭ ئوت ئاپىتى ۋەزىيىتىگە ئەستايىدىل ھۆكۈم قىلىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ تۈرى، كۆلىمى ۋە زىيان يەتكۈزۈش دەرىجىسىنى ئىلمىي باھالاپ، يۈزبېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئوت كېتىش ئەھۋالىنى كۆزلەپ، ئەمەلىي جەڭ تۈسىنى ئالغان بىر قاتار ئۇنىۋېرسال مانېۋىرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغان ھامان ئورۇنلاشتۇرۇش، كۈچلەرنى تەقسىملەش، بىرلىشىپ ۋەزىپە ئۆتەش، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، ئادەملەرنى ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇش، ئوت ئۆچۈرۈش ـ مۇداپىئە كۆرۈش، بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش، جەڭ ۋەزىپىسىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ھالقىلارنى نۇقتىلىق مانېۋىر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئالتىگە پىششىق بولۇش» پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئېگىز قەۋەتلىك بىنالارنىڭ خوجىلىق ئورۇنلىرىنىڭ كىچىك تىپتىكى ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتى قۇرۇش ۋە كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك ھەم يېتەكچىلىك قىلىپ، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، ئوت ئاپىتىنى دەسلىپىدە ئۆچۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش