دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

«ئومۇمىي مەنپەئەت»تە خەلق كۆزلىنىپ، شۇ جاينىڭ پاكىز تۇپرىقى قوغدالدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-12-02 16:27:36

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى 11 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى زېڭ چيۇليەن ئۆيىگە يېقىن جايدىكى كۆكيار دەرياسى بويىغا كېلىپ، مۇھىتى تۈزەلگەندىن كېيىنكى كۆكيار دەرياسىدا سۈزۈك سۇلارنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدى.

  زېڭ چيۇليەن مۇنداق دېدى: كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا، بۇ دەريانىڭ سۈيى سۈزۈك بولۇپ بېلىقلار ئۈزۈپ يۈرەتتى. قاچاندىن باشلاندىكى، بۇ دەريادا بېلىقلار يوقالدى، سۇمۇ قارىداپ، سېسىپ كەتتى. ھېلىمۇ ياخشى ھازىر يەنە تۈزەلدى، بۇ كىشىنى تولىمۇ خۇشال قىلىدۇ.

  بۇ خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىش ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەشتىن بۇرۇنقى تەپتىش تەكلىپى بېرىش شەكلى ئارقىلىق، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشىدىن كەلگەن.

  نەچچە ئاي ئىلگىرى، ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى كۆكيار دەرياسىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى بۆلىكىدىكى دەريا يولىنىڭ ئىگىلىۋېلىنغانلىق ۋە تىنىپ توسۇلۇپ قالغانلىق مەسىلىسىدىن خەۋەر تاپتى. بۇ، ھەم كەلكۈن مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەم ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە سۇ بايلىقىدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشقا چېتىلىدىغان بولۇپ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتەتتى، شۇڭا ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كۆكيار دەرياسىنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى.

  ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى دو ۋېيجۇڭ مۇنداق دېدى: 6 ـ ئايدىكى ئىسسىقتا، بىز ماسكا تاقىۋالغان بولساقمۇ يەنىلا بىر خىل سېسىق پۇراق دىماغقا ئۇرۇلاتتى، سۇ يۈزىدە ھەر خىل ئەخلەتلەر لەيلەپ يۈرەتتى. كۆكيار دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 54.67 كىلومېتىر بولۇپ، دەريا ئەتراپىدا نوپۇس كۆپ ئىدى، دەريانىڭ تىنىپ توسۇلۇپ قېلىشى ئىجتىمائىي ئاممىۋى مەنپەئەتكە تەسىر يەتكۈزگەن ئىدى. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دىققەتنى تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەت دەۋاسىنىڭ «مەنپەئەت + N» تۈر تۈزۈمى بويىچە قوغداش خىزمىتىنى باشلىدۇق.

  ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئومۇمىي مەنپەئەت دەۋاسى تارمىقىنىڭ تەپتىشلىرى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا چارلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دەريا ئېقىنىدا كۆپلىگەن تۇرمۇش، يېزا ئىگىلىك، قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنىڭ بارلىقىنى، قىسمەن ئاھالىلەرنىڭ دەريا يولىدا ئات باققانلىقىنى، كۆكتات تېرىغانلىقىنى، قىسمەن دەريا بۆلىكىنىڭ سېسىق سۇ ئازگىلىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى.

  «مەنپەئەت + N»، «دەريانى تازىلاش» بويىچە قوغداش تۈرى خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا سۇچىلىق، دەريا باشقۇرۇش تارماقلىرىغا تەپتىش ئورگىنى تەكلىپنامىسى ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، دەريا ئېقىنى، دەريا قىرغىقىدىكى ئەخلەتلەرنى ۋاقتىدا تازىلاپ، دەريانى كۈندىلىك چارلاش ۋە تەشۋىق ـ تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئارقىدىن، سۇچىلىق تارماقلىرى ۋە دەريا بويىدىكى ھەرقايسى يېزا ـ بازار، كوچا باشقارمىلىرى پائال ھەرىكەتلىنىپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ئاجرىتىپ تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، دەريا يولىدىن 13 توننىدىن ئارتۇق ئەخلەتنى تازىلاپ، دەريا يولى مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى.

  5 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جام بازىرىدىن جام يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئېغىزىغىچە بولغان جايلارنىڭ تۇرمۇش ئەخلىتى، قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ مەھكىمە دەرھال ئالاقىدار تارماقلارغا تەپتىش ئورگىنى تەكلىپنامىسى ئەۋەتىپ، تەكشۈرۈپ تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى. 6 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، بۇ مەھكىمە «قايتا قاراپ چىقىش» بويىچە ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ، بۇ جايدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنىڭ تۈزىتىلگەنلىكى ھەم ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى ئورنىتىلغانلىقىنى بايقىدى.

  پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا «تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىشىمىز لازىم»، «ئومۇمىي مەنپەئەت دەۋاسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك» دەپ كۆرسىتىلدى. ئاقسۇ شۆبە تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش تەپتىش ۋاڭ لۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئومۇمىي مەنپەئەت دەۋاسىنىڭ «مەنپەئەت + N» تۈر تۈزۈمى بويىچە قوغداش خىزمىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ۋىلايەت بويىچە 100 يىللىق قەدىمىي دەرەخلەرنى قوغداش، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش، كۆكيار دەرياسىنى تۈزەش، كۆكيار ئىھاتە ئورمىنىنى قوغداش قاتارلىقلارنى تاماملىدۇق. كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىش يوچۇقىنى ئېتىش، سىرتنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداش، خاس باغ ـ ئورمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جۇغراپىيەلىك بەلگىسىنى قوغداش قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەت دەۋاسىغا ئائىت تەپتىشلىك خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكىلىشىشىگە، يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش