دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-27 11:10:06

  تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى داۋاملىق ئەلالاشتى... ئاقسۇدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەرلىك كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىدە يۈزبەرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم. 10 يىلدىن بۇيان، ۋىلايەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قىلىشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك ئامال ـ چارىلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كۆپەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشى، خەلق قەلبىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ «مۇقىم» بولۇشتەك ياخشى ھالىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ: بۇ يىل، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش كۆلىمى 248 مىڭ 600 ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، 2012 ـ يىلىدىكىدىن 2.1 ھەسسە ئاشتى، شەھەر ـ بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %3 ئىچىدە كونترول قىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتى سىجىل ئۆستى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

  بۇ 10 يىل، ئاقسۇنىڭ تېخنىك ئىشچىلار مائارىپى ئۇچقاندەك ئالغا باسقان 10 يىل بولدى. ۋىلايەت ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 1 مىليارد 159 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاقسۇ تېخنىك شۆيۈەنى، ئاقسۇ سانائەت تېخنىكى شۆيۈەنى ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدىن توققۇزنى قۇرۇپ، ئامما زاكاز قىلىش، كارخانا زاكاز چۈشۈرۈش، ھۆكۈمەت پۇل تۆلەشتىن ئىبارەت تەربىيەلەش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ كەسىپ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسىپتىن 90نى تەسىس قىلدى، تەربىيەلەش بويىچە سىغدۇرۇش مىقدارى 98 مىڭ 500 ئادەمگە يېتىپ، 2012 ـ يىلىدىكىدىن 47 ھەسسە ئاشتى، 10 يىلدا جەمئىي 923 مىڭ 800 ئادەم (قېتىم)نى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىدى، تەربىيەلەنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %95تىن ئاشتى، زور تۈركۈم ئامما تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ماھارەت ئىگىلەپ خىزمەت تاپتى.

  بۇ 10 يىل، ئاقسۇدا ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار «ئارقا ـ ئارقىدىن يېتىشىپ چىققان» 10 يىل بولدى. ۋىلايەت كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەبلەغ سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئىقتىدارىغا ئىگە كەسپىي (تېخنىك ئىشچى) مەكتەپلەر ۋە مەكتەپ ـ كارخانا ھەمكارلىقى ئەمەلىي مەشىق بازىلىرىغا تايىنىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسىدىن توققۇزنى، تېخنىكا ئۇستىسى خىزمەت ئىشخانىسىدىن ئالتىنى، كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى بويىچە كوللېكتىپ مەشىق قىلىش بازىسىدىن بىرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىغا ئىگە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسىدىن 10نى، تېخنىكا ئۇستىسى خىزمەت ئىشخانىسىدىن 10نى قۇرۇپ، كارخانا، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ماھارەت مەشىقى، كەسپىي سالاھىيەتنى باھالاش، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، ماھارەت مۇسابىقىسى ۋە تېخنىكا جەھەتتىن قوللاشنى قانات يايدۇرۇشىنى كۆپ مەنبەلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. 10 يىلدىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار141 مىڭ 200گە يېتىپ، ئىقتسادىي تەرەققىياتنى ئىختىساسلىقلار تىرىكىگە ئىگە قىلدى.

  بۇ 10 يىلدا، ئاقسۇنىڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئادەتتىكى سەۋىيەدىن ئۇچۇرلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشقا سەكرىدى. ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسى تېخىمۇ تاكامۇللىشىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى كەسىپ باغچىسىدىن ئىككىسى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پونكىتىدىن 10ى، ئۆلچەملەشكەن ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىدىن 10ى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت كۆزنىكىدىن 1530ى قۇرۇلۇپ، مۇلازىمەت دائىرىسى كېڭىيىپ، ماسلىشىش ئۈنۈم ـ نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاقسۇ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش تورى، دوۋيىن سۇپىسى، ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىق تور مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق، ئاممىنى ئىش ئورنى تەۋسىيە قىلىش، كەسپىي جەھەتتىن يېتەكلەش، سىياسەت تەشۋىق قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن دائىملىق تەمىنلەپ، توردا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش توختىماسلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى توختاپ قالماسلىق ئىشقا ئاشتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تۈرلۈك خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىدىن 327 مەيدان (قېتىم)، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىش ئورنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدىن 57 مەيدان (قېتىم) ئۆتكۈزۈلۈپ، 54 مىڭ 700 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، 11 مىڭ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىلدى.

10 يىل، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى مۇھىم بىر باسقۇچلۇق تەرەققىيات مۇساپىسى.

10 يىل، مول نەتىجىگە تولغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى بىر پارچە جاۋاب قەغىزى.

  بىز يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق توپنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشسىزلىق خەپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش زىددىيىتىنى پەسەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇش، كىشىلەر خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشىمىز!

(ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى مەخمۇت ئەھەت ئاغزاكى بايان قىلدى، مۇخبىرىمىز جاۋ شيا رەتلىدى)

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش