دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش بۈگۈن (9-ئاينىڭ 15-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 11~10 بالغىچە بوران چىقىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 17 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ ​چوڭقۇر ھەمكارلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ۋىلايىتىمىزدىكى جايلار پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ھەر خىل شەكىلدە قانات يايدۇردى ​رىياسەتچىلىكتە يېڭى يۇلتۇزلار يېتىشتۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى ​ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 175 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى مۇقىم، راۋان، ئەلا بولۇش شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى كۈچەيتتى دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «196+762» شىنجاڭدا دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى سىجىل تۆۋەنلىدى، بىراق ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا شەھىرىدە يەنىلا جەمئىيەت قاتلىمىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بار

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

كۈزلۈك يىغىمنىڭ دەل پەيتىدە مول ھوسۇل مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-22 16:14:53

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ خۇڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ليۇ يۈجۇ، گاۋ يۈ، ۋېي بەينىڭئالتۇن كۈزدىكى 9 ـ ئاينىڭ كىرىشى بىلەن، بىر يىلدىكى كۈزلۈك يىغىم مەزگىلى يەنە يېتىپ كەلدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ «ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دېھقانچىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ كۈزلۈك يىغىم بىلەن ئالدىراش بولدى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

كىچىك خاسىڭ چوڭ كەسىپكە ئايلاندى

يىغىش ماشىنىسى ئېتىزدا موكىدەك ئۆتۈپ، توق دان تۇتقان خاسىڭلارنى تولۇق يىغدى، خاسىڭنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى، دېھقانلارنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. بۇ، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ خاسىڭ يىغىشتىكى خۇشاللىنارلىق كۆرۈنۈشى ھېسابلىنىدۇ.

كۇچا شەھىرىدىكى تېرىقچى ئائىلىسى لىن شياۋجۈن مۇنداق دېدى: خاسىڭ تېرىساق ياردەم تولۇقلىمىسى بار، يەنە تېخنىكلار ئىشىك ئالدىمىزغىچە كېلىپ ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بازار باھاسىمۇ مۇۋاپىق. بۇ يىل خاسىڭلار ئوبدان ئوخشىدى، ھوسۇلىمۇ يۇقىرى بولدى، خاسىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئىشەنچىم كامىل.

دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، بازارنى ياغلىقدان بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل ۋىلايىتىمىز جەمئىي 38 مىڭ مو خاسىڭ تېرىپ، كۆلەملەشكەن تېرىش، ماشىنىلاشقان يىغىش، شۇنداقلا دەل جايىدا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق جايلاردا خاسىڭنىڭ ھوسۇلى يۇقىرى بولۇش، سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، مو بېشى ساپ كىرىمىنىڭ 3000 يۈەندىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

ھازىر دەل خاسىڭ يىغىش مەزگىلى بولۇپ، جايلار بىر قولدا خاسىڭ يىغىشنى، يەنە بىر قولدا خاسىڭ سېتىۋېلىش بازىرى بىلەن ئۇدۇللىشىش خىزمىتىنى تەڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، خاسىڭنى دەسلەپكى پىششىقلاش، ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خاسىڭنىڭ 1 ـ ، 2 ـ ، 3 ـ كەسىپ بىلەن يۇغۇرۇلۇشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «كىچىك خاسىڭ»نى «چوڭ كەسىپ»كە ئايلاندۇردى.

نەشپۈتتىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، خۇشبۇي ھىدى باغنى بىر ئالدى

ئاق شەبنەم مەۋسۇمى ئۆتۈپ، مېۋە ـ چېۋىلەر مەي باغلاپ پىشتى. ھازىر 9 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرلىرى بولۇپ، ۋىلايىتىمىزدىكى نەشپۈتلەرنى يىغىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى يېتىپ كەلدى، باغۋەنلەر پەيتنى چىڭ تۇتۇپ يىغىش، سېتىش بىلەن ئالدىراش بولدى، نەشپۈتلۈك باغلار شادلىق كۈلكىلىرىگە تولدى.

9 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، شايار ناھىيەسىنىڭ تويبولدى بازىرى باغۋەنچىلىك مەيدانى كەنتىدىكى بىر نەشپۈتلۈكتە، باغۋەنلەر نەشپۈت ئۈزۈش، ئىلغاش، تور كىيدۈرۈش، جىڭلاش، يەشىككە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى، تۇتاش كەتكەن نەشپۈتلۈك ياپيېشىل تۈسكە كىرگەن، شاخ ـ يوپۇرماقلار باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، پوستى نېپىز، ئىتى چۈرۈك نەشپۈتلەر شاخلاردا مەي باغلاپ پىشقان ئىدى، نەشپۈتنىڭ خۇشبۇي ھىدى دىماغقا ئۇرۇلاتتى.

باغۋەن لى چۈەنشۆ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل يەنە بىر مول ھوسۇللۇق يىل بولدى،40 مو نەشپۈتلۈكنىڭ ھەر موسىدىن 1.4 توننا ئەتراپىدا ھوسۇل ئالدۇق، نەشپۈتنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، سودىگەرلەر بالدۇرلا زاكاز قىلىپ بولدى، مۆلچەرىمچە نەشپۈتتىنلا قىلىدىغان ساپ كىرىم 150 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ.

ۋىلايىتىمىز مول يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقىغا ئىگە بولغاچقا، ۋىلايىتىمىزدىكى نەشپۈتلەر پوستى نېپىز، ئىتى چۈرۈك، تەمى تاتلىق، سۇلۇق بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار نەشپۈت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، نۆۋەتتە، ۋىلايىتىمىز بويىچە نەشپۈت ئۆستۈرۈش كۆلىمى 210 مىڭ موغا يېتىپ، نەشپۈت ۋىلايىتىمىزدىكى «ئالتە چوڭ خاس باغ ـ ئورمان مەھسۇلاتى»نىڭ بىرىگە ئايلاندى، بۇ يىل ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ 420 مىڭ توننىدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

ياڭاق «ئالتۇن تۇخۇم»غا ئايلاندى

ھازىر، ھەرقايسى جايلاردا ياڭاق يىغىش ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ھەممىلا يەردە ياڭاق يىغىۋاتقان، ياڭاق سېتىۋاتقان باغۋەنلەر ئۇچرايتتى، ئالدىراش سىمالار، خۇشال كۈلكىلەردىن مول ھوسۇل شادلىقى نامايان بولاتتى.

باي ناھىيەسىنىڭ توقسۇن يېزىسى ئاراتۇر كەنتىدىكى دېھقان نۇرمەمەت ھەسەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل 14 مو يەردىكى ياڭىقىم ئوبدان ئوخشىدى، ھوسۇلىمۇ ئاشتى، ياڭاقتىن تەخمىنەن 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمەن. ھەر يىلى ھوسۇل بېرىدىغان بۇ «كىچىك يېشىل مېۋە» بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزدىكى «ئالتۇن تۇخۇم»غا، ياڭاق ئۆستۈرۈش ئائىلىمىزنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم مەنبەگە ئايلاندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئەنئەنىۋى زىرائەت تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، ياڭاقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى ھەم باغ ـ ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ياڭاقنى دېھقانلارنىڭ «بېيىش مېۋىسى»گە ئايلاندۇردى.

ھازىرغا قەدەر، ۋىلايىتىمىزنىڭ ياڭاقلىق كۆلىمى 2 مىليون 470 مىڭ موغا يەتكەن بولۇپ، بۇ يىل ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ 500 مىڭ توننىدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. ياڭاق ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ياڭاقتىن ھوسۇل ئېلىش، سېتىش يولى بار بولۇش، كىرىم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا جەلپ قىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش