دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش بۈگۈن (9-ئاينىڭ 15-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 11~10 بالغىچە بوران چىقىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 17 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ ​چوڭقۇر ھەمكارلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ۋىلايىتىمىزدىكى جايلار پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ھەر خىل شەكىلدە قانات يايدۇردى ​رىياسەتچىلىكتە يېڭى يۇلتۇزلار يېتىشتۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى ​ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 175 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى مۇقىم، راۋان، ئەلا بولۇش شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى كۈچەيتتى دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «196+762» شىنجاڭدا دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى سىجىل تۆۋەنلىدى، بىراق ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا شەھىرىدە يەنىلا جەمئىيەت قاتلىمىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بار

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

1 ـ ئايدىن 8 ـ ئايغىچە ۋىلايىتىمىز بويىچە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %87.24 ئاشتى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-22 16:13:14

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 8 ـ ئايغىچە، ۋىلايىتىمىز بويىچە ئىجرا قىلىنغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى جەمئىي 815 بولۇپ، 84 مىليارد 980 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلىشىپ، يىللىق سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا 97 مىليارد 380 مىليون يۈەن مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نىشان ـ ۋەزىپىسىنىڭ %87.27ى تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %87.24 ئاشقان؛ 638 تۈردە توختام ئىمزالاپ، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 226 مىليارد 487 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىللىق سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا 180 مىليارد يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالاش نىشان ـ ۋەزىپىسى %125.83 تاماملانغان، ۋەدىگە ئەمەل قىلىنغان تۈر 550 بولۇپ، ۋەدىگە ئەمەل قىلىنىش نىسبىتى %86.21كە، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 49 مىليارد 55 مىليون يۈەنگە، مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %21.66كە يەتكەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىن ئىبارەت «1 ـ نومۇرلۇق قۇرۇلۇش»تا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىش تەدبىرلىرىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنىڭ داۋاملىق يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ۋىلايىتىمىز مۇقىم تۇرۇپ سودىگەر چاقىرىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سودىگەر چاقىرىشنىڭ ئۇچرىشىش دائىرىسىنى پائال كېڭەيتىپ، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى، بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېي، سىچۇەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق رايونلاردىكى نۇقتىلىق كەسىپلەر بىلەن دەل جايىدا ئۇدۇللاشتى؛ پائال تەييارلىق قىلىپ جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، جۇڭگو ـــ ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسى قاتارلىق دۆلىتىمىز ئىچىدىكى مۇھىم، زور كۆرگەزمىلەرگە قاتنىشىپ، سودىگەر چاقىرىش بويىچە تونۇشتۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى؛ سودىگەر چاقىرىشتا مەسلىھەت ئېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كەسپىي سودىگەر چاقىرىش ئاپپاراتى ۋە جەمئىيەت كۈچلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر مەنبەسى ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتتى؛ مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىستراتېگىيەسىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ بىر تۈركۈم تۈرلىرى بىلەن پائال ماسلىشىپ، خېنەن ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ تەبىئىي گازدىن يىلىغا 200 مىڭ توننا BDO ئىشلەپچىقىرىش تۈرى، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ 200 مېگاۋاتلىق يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تۈرىدە ئوڭۇشلۇق كېلىشىم ئىمزالاپ ماكانلاشتۇردى؛ ھۆكۈمەتنىڭ كەسىپلەرنى يېتەكلەش فوندى سۇپىسىغا تايىنىپ، «فوندقا سودىگەر چاقىرىش»تىكى يېڭى تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

ۋىلايىتىمىز جېجياڭ ئۆلكىسى يولغا قويغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياسىمىچىلىقتا «قەپەزنى بوشىتىپ قۇشنى ئالماشتۇرۇش، سۇمۇرغنى تاۋلاپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش» بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى پۇرسەت قىلىپ، «سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بىلەن كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ زىچ بىرلەشتۈرۈلۈشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كەسىپلەر گۇرۇپپىسى ۋە ناھىيە (شەھەر)لىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابلىرى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، «10 مىليارد يۈەنلىك 100 تۈرگە مەركەزلىك سودىگەر چاقىرىش» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جېجياڭ بىلەن ئاقسۇنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى ئۆزئارا تولۇقلاش، كەسىپلەر ھەمكارلىشىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى چىڭ تۇتتى. نۆۋەتتە، ۋىلايىتىمىز جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ھەرقايسى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى (جەمئىيىتى) بىلەن بىرلىكتە سودىگەر چاقىرىش بويىچە تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن 31 مەيدان ئۆتكۈزۈپ، مەبلەغ سېلىش مۇددىئاسى بار 65 كارخانا بىلەن ئۇدۇللىشىپ، 860 مىليون يۈەنلىك سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سېلىنما كېلىشىمى ئىمزالىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمە يۇقىرى نۇقتىدىن لايىھەلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، 25 كۈن ئىچىدە ئاقسۇ شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بولۇپ سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشنى تاماملاپ، «كۈندە ئۇدۇللىشىش، ھەپتىدە ئالغا سىلجىتىش، ھەر ئايدا كېلىشىم ئىمزالاش، ھەر پەسىلدە ئىش باشلاش»تەك ياخشى ۋەزىيەتنى ئىشقا ئاشۇردى. 7 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى ۋىۋىسكا ئېسىلغاندىن بۇيان، ۋىلايەتلىك سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزى زىيارەتكە كەلگەن سودىگەردىن جەمئىي 615 تۈركۈم (قېتىم)دە 3782 ئادەم (قېتىم)نى كۈتۈۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە كارخانىلاردىن 551 تۈركۈم(قېتىم)دە 2546 ئادەم (قېتىم) زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 46نى ئىمزالاندى، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 211 مىليارد 833 مىليون يۈەنگە يەتتى. «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 2022 ـ يىللىق سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يېتەكچى پىكرى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاش ۋە نېسى قالغان ھېساباتنى تۈگىتىش خىزمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، كېلىشىپ بېكىتىلگەن 211 ئىش تۈرىنى نەقلەشتۈرۈپ، 1 مىليارد 423 مىليون يۈەن قوللاش مەبلىغىنىڭ نەقلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ سودىگەر چاقىرىش تۈرلىرىدە كېلىشىم ئىمزالاشنى باھالاش ـ تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئالغا سىلجىتىش مۇلازىمەت مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈر مۇلازىمىتى، مۇھىم ئامىللار كاپالىتى ۋە سىياسەتنى نەقلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرنىڭ ئايلىنىش نىسبىتى ۋە مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش