دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش بۈگۈن (9-ئاينىڭ 15-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 11~10 بالغىچە بوران چىقىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 17 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ ​چوڭقۇر ھەمكارلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ۋىلايىتىمىزدىكى جايلار پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ھەر خىل شەكىلدە قانات يايدۇردى ​رىياسەتچىلىكتە يېڭى يۇلتۇزلار يېتىشتۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى ​ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 175 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى مۇقىم، راۋان، ئەلا بولۇش شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى كۈچەيتتى دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «196+762» شىنجاڭدا دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى سىجىل تۆۋەنلىدى، بىراق ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا شەھىرىدە يەنىلا جەمئىيەت قاتلىمىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بار

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى
​دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، خەلقنى كۆزلەش كېرەك
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-22 16:11:34

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى ( مۇخبىرلىرىمىز جاڭ لۇ، پەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تاڭ شياۋجياڭ، خۇ جىنرۇڭيېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. كەڭ كادىرلار، ئامما بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.

ۋىلايىتىمىزنىڭ خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى:

خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي، چىڭ ساقلاش كېرەك

9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پۈتۈن سىستېمىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئەمەلىي نەتىجە ـ ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىشقا سەپەرۋەر قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، تۆۋەن تۇرمۇش ئوبيېكتلىرىنى ئىلمىي، ئۆلچەملىك، دەل جايىدا بېكىتىپ، ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈش، تەستىقلاش تەرتىپلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، «يەككە كاپالەت»، «تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى تەدرىجىي چېكىندۈرۈش مۇددىتى»، «قىسمەن كىرىمنى ئائىلە كىرىمىگە قوشۇپ ھېسابلىماسلىق»، «ئىشقا ئورۇنلىشىش تەننەرخىنى چىقىرىۋېتىش» قاتارلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش كاپالەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش؛ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۇبيېكتلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھوقۇقىنى يېزا ـ بازار(كوچا باشقارمىسى)لارغا چۈشۈرۈپ بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەتلەندۈرۈش؛ «ياشانغانلار، بالىلار»غا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ھەم يېتىم بالىلار، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلار مۇلازىمىتى كاپالەت خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش؛ ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ۋە دەپنە ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆيلىنىشنى تىزىملاشتا «ۋىلايەت ئىچىدە بىرتۇتاش بېجىرىش»، «پۇقرالار تۈگەپ كەتكەندىن كېيىنكى بىر ئىش» خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش؛ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى نىشان قىلىپ، شەھەر، يېزا، مەھەللە ئىدارە قىلىش، مەھەللە مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىزچىللىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش؛ خەلق ئىشلىرى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتى، سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرىنىڭ بالدۇر ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئىشلىرى پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى ۋە مۇلازىمەت سورۇنلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلمىي، دەل جايىدا، ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

ۋىلايىتىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسى:

مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ۋىلايىتىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، يىغىن روھىنى ئەمەلىي خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشتى. ھازىرغىچە، ۋىلايىتىمىزدىكى مائارىپ سىستېمىلىرى 1113 مەيدان (قېتىم) كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى، ئۆگىنىش 50 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى ـ خىزمەتچىنى قاپلىدى.

ۋىلايىتىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلىپ سۆز قىلىپ، ھېس قىلغانلىرى، تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى يەنىمۇ تولۇق ئۆزلەشتۈردى. كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئاساسىدا، يىغىن روھىنى ئۆگىنىشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىشلەش جەريانىدا ئۆگىنىش، ئۆگىنىش جەريانىدا ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك مۆلچەر نىشاننى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، يەتكۈزۈشنى «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەربىيەلەشلىرى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش»، «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى كۈچەيتىش، خىزمەتلەرنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلەيدۇ. ئومۇمىي يىغىن روھىنى رەھبىرىي كادىرلار دەرس مۇنبىرىدە ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسى سۆزلەش، پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرى ئۈلگىلىك پارتىيە دەرسى ئۆتۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىدۇ ھەم ئۇنى ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىغا قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزىدۇ؛ ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى، ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى، دوۋيىن قاتارلىق سۇپا، شۇنداقلا مەكتەپ رادىيوسى، مەكتەپ كۆزنىكى، تەشۋىقات ئىستونى، ئۆگىنىش مەخسۇس ئىستونى قاتارلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنى ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدۇ.

ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتى:

ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك

9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ۋىلايىتىمىزدىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى سىستېمىسى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى، پىيونېرلار تەشكىلاتلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، يىغىننىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىللىشى؛ ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنى توپقا، تۈرگە ئايرىپ، كۆپ خىل شەكىلدە ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى تېزدىن كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارغا يەتكۈزۈشى؛ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ياشلار ـ ئۆسمۈرلەرنى ئىدىيەۋى ـ سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ياشلار ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر دوستلىشىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر ئىدېئولوگىيەسى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش