دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىغا بولغان ئۈمىدى تولۇپ تاشتى
​داۋاملىق تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ باياشاتلاشتۇرىمىز
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-22 16:09:10

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى ئون يىل جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تولۇپ تاشقان ئېرىشىش تۇيغۇسى ئىچىدە، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋالماقتا. كۆپچىلىك بەس ـ بەستە يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتىپ، ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ، ئۈمىدىنى بايان قىلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ پات ئارىدا ئېچىلىدىغانلىقىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدى ۋە گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

«پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ، بىز خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» 9 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىشلەمچى يېزىسى ئىشلەمچى كەنتىدىكى دېھقان چېن جيەنخۇانىڭ بۇ سۆزى نۇرغۇن كىشىنىڭ قەلب ساداسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

چېن جيەنخۇا كۆكتاتلىقىدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرغا يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بەردى. چېن جيەنخۇا پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنتىمىزدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. قاراڭ، كەنتىمىزدە ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، مۇھىتمۇ بارغانسېرى گۈزەللەشتى. بىزنىڭ ئۆينى ئېلىپ ئېيتساق، بىز دەسلەپتە 20 مو يەرنى ھۆددىگە ئالغان، ھازىر 50 موغا كۆپەيدى، يىللىق كىرىمىمىزمۇ 150 مىڭ يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز، ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كادىرلارغا رەھمەت ئېيتىمىز. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ، ئىشىنىمەنكى بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ باياشات بولىدۇ!

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن كەنتىمىزدە  بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، توپىلىق يېزا ـ كەنت يوللىرى ئاسفالت يوللارغا ئۆزگەرتىلدى، كېسەك ئۆيلەر ئەمىن ئۆيلەرگە ئايلاندى، بۇرۇن كۆل سۈيى ئىچەتتۇق، ھازىر تۇرۇبا سۈيى ئىچىدىغان بولدۇق، ئوتۇن قالاپ تاماق ئېتەتتۇق، ھازىر تەبىئىي گاز ئىشلىتىدىغان بولدۇق... بۇ ئۆزگىرىشلەر بىز دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ بارغانسېرى باياشاتلىققا چۆمگەنلىكىنى دەلىللەپ بېرىدۇ.» پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ پات ئارىدا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توپقان بازىرى توپقان كەنتىدىكى دېھقان بۇخەلچەم سىدىق ئەتراپىدا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي سۆزلىدى.

بۇخەلچەم سىدىق مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، ئۆيىمىزدە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى تەل، ئىككى بالام مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇيدۇ، بۇ يىللىق كىرىمىمنى ھېسابلاپ كۆرسەم، 7.2 مو ياڭاقلىقتىن 33 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىپتىمەن. ئەر ـ خوتۇن ئىككىمىز مەھەللىمىزدە ئىشلىدۇق، بىر يىلدىن بۇيان، ئىككىمىز ئىشلەپ 40 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل تاپتۇق. بۇ، بىز بۇرۇن ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىشلار ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز، بىز ھەقىقەتەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتتىن كۆپ مىننەتدار.

يان تېلېفونىدىن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ پات ئارىدا ئېچىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرگەن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرى ھاسا كەنتىدىكى دېھقان گۈلنار ئابلىز بۇ خەۋەرنى تېزدىن ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە چىقاردى، ئۇ تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن مۇنداق دېدى: ھازىر بىز ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇپلا قالماي، يەنە تۇرۇبا سۈيى ئىچىۋاتىمىز، ئاسفالت يوللار ئىشىك ئالدىمىزغىچە تۇتاشتى، بىز يەنە ئاپتوموبىل سېتىۋالدۇق، كوممۇنىستىك پارتىيە بىزنى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلىدى. ئىشىنىمەنكى، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ، يولدىشىم ئىككىمىز كېلەر يىلى نەشپۈتلۈكىمىزدە دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كەنتىمىزگە كېلىپ  دەم ئېلىشقا جەلپ قىلىشنى مەسلىھەتلەشتۇق.

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرى ھاسا كەنتىدىكى قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى چېن چاۋچاۋ مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ 10 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، تولىمۇ خۇشال بولدۇم. دۆلىتىمىزنىڭ بارغانسېرى گۈللەپ ياشناپ، بىزگە بولغان ياردىمى، قوللىشىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. ھازىر خىزمەت مۇھىتىمىز ياخشى، خىزمەت قىلىش پۇرسىتىمىزمۇ كۆپ، قۇرۇلۇش ئەترىتىمىزدىكى ھەربىر ئىشچىنىڭ ئايلىق كىرىمى ئاساسىي جەھەتتىن 6500 يۈەندىن يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى كۆپچىلىكنى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. مەن بۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، كۆپچىلىكنى بىللە بېيىشقا يېتەكلەشكە تەييارلىنىۋاتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش