دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش بۈگۈن (9-ئاينىڭ 15-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 11~10 بالغىچە بوران چىقىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 17 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ ​چوڭقۇر ھەمكارلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ۋىلايىتىمىزدىكى جايلار پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ھەر خىل شەكىلدە قانات يايدۇردى ​رىياسەتچىلىكتە يېڭى يۇلتۇزلار يېتىشتۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى ​ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 175 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى مۇقىم، راۋان، ئەلا بولۇش شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى كۈچەيتتى دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «196+762» شىنجاڭدا دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى سىجىل تۆۋەنلىدى، بىراق ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا شەھىرىدە يەنىلا جەمئىيەت قاتلىمىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بار

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

«غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى» ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش
​ -- ۋىلايەتلىك 4 ـ خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 ـ شۇجى جۇڭ شيۇمېي توغرىسىدا
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-22 13:30:34

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز شۈ شيۇفاڭ، فېڭ لېي، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شيۇڭ يەن«بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرۈۋاتقانلار، قولۇمدىكى بۇ چالغۇنىڭ ئىسمى دۇتار... » 9 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىدىكى جيايىن چالغۇ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللا ئىبراھىم قولدا ياسالغان نەپىس چالغۇلارنى تور مەستانىلىرىگە تونۇشتۇرۇۋاتاتتى.

بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگە كىرگىنىمىزدە غېجەك، راۋاب، ساتار قاتارلىق ھەر خىل، ھەر ياڭزا چالغۇلار ئۆي ئىچىگە لىققىدە ئېسىلغان بولۇپ، چالغۇلاردىن باشقا، يەنە نەپىس، نازۇك ئىشلەنگەن چالغۇ مودېللىرىمۇ بار ئىدى.

جاي كەنتىنىڭ «جۇڭگو شىنجاڭ ئەل ئىچى چالغۇلىرىنى قولدا ياساشتىكى بىرىنچى كەنت» دېگەن چىرايلىق نامى بار، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساشقا ماھىر بولۇپ، 2008 ـ يىلى، جاي كەنتىنىڭ چالغۇ ئەسۋابلار ياسىمىچىلىقى دۆلەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

2020 ـ يىلى  12ـ ئايدا، ۋىلايەتلىك  4 ـ خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 ـ شۇجى جۇڭ شيۇمېي كەنتكە كەلگەندىن كېيىن، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بەختىيار ھامۇتنى باشلاپ، دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ چالغۇ ئەسۋابلارنى قولدا ياساش ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللەر يىغىنى ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئارزۇسىنى ھەر تەرەپلىمە ئىگىلەپ، جاي كەنتىنىڭ چالغۇ كەسپىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

زىيارەت ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، جۇڭ شيۇمېي كەنت «ئىككى كومىتېت»ىدىكىلەر بىلەن ئەسلىدىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاساسىدا كۆلەمنى كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى قارار قىلدى.

يۆنىلىش بېكىتىلىپ، نىشان ئايدىڭلاشتى. 2022 ـ يىلى، جۇڭ شيۇمېي تۈر ھەل قىلىش ئۈچۈن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىكتە چېپىپ يۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تۈر مەبلىغىدىن 3 مىليون 500 مىڭ يۈەننى قولغا كەلتۈردى، ئەسلىدىكى 1500 كىۋادرات مېتىرلىق ياساش سېخى ئاساسىدا، ئومۇمىي كۆلىمى 1800 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئىككى ئېغىز چالغۇ ئەسۋابى ياساش سېخىنى يېڭىدىن قۇرۇپ، 100دىن ئارتۇق ئىش ئورنى كۆپەيتىپ، كىشى بېشى ئايلىق ئىش ھەققىنى 3500 يۈەنگە يەتكۈزدى، يىلىغا 15 مىڭ دانە چالغۇ ياسىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭ شيۇمېي يەنە ماشىنا ـ ئۈسكۈنىلەرنى پائال كىرگۈزۈپ، مەشغۇلاتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، جاي كەنتىنىڭ چالغۇ سۈپىتى ۋە مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تەڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، يەرلىك بازار تويۇنغان ئەھۋالدا، ئەنئەنىۋى سېتىش ئەندىزىسىدە سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش قىيىنغا توختىدى. قىسمەن كەنت ئاھالىلىرى قىسقا سىن ئىشلەش ئارقىلىق چالغۇلارنى تونۇشتۇرۇپ ساتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟

كۆپ تەرەپلىمە ئىگىلەش ئارقىلىق، جۇڭ شيۇمېي توقسۇ ناھىيەلىك سودا ۋە سانائەت ـ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، جېجياڭ گەنجيې ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسپىي خادىملىرىنى كەنتكە كېلىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاساسىي بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، 50 نەچچە كەنت ئاھالىسى ۋە يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىسىغا دەرس ئۆتۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ماھارىتىنى يۈزتۇرا چۈشەندۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا تايىنىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشقا  يېتەكلەپ، «چالغۇ كەنتى»نىڭ داڭقىنى چىقاردى.

بەختىيار ھامۇت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇرۇن كەنتىمىزنىڭ چالغۇلىرىنى ئاساسلىقى بازارغا ئاپىرىپ ساتاتتۇق ياكى سودىگەرنىڭ ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىپ سېتىۋېلىشىنى ساقلايتتۇق. ھازىر بىر تور ئارقىلىقلا چالغۇلارنى بېيجىڭ، شاڭخەي، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا سېتىپ چىقىرىپ، سېتىش مىقدارىنى تەدرىجىي ئاشۇردۇق.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جاي كەنتى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق 2000دىن ئارتۇق چالغۇنى سېتىپ، سېتىش كىرىمىنى 1 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى. 2022 ـ يىلى، كەنت بويىچە 30 مىڭ چالغۇ ياسىلىپ، كىشى بېشى  يىللىق كىرىمىنىڭ 19 مىڭ يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەندى.

2022 ـ يىلىنىڭ بېشىدا، جۇڭ شيۇمېي 5 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن كەنتتىكى 347 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ ھويلا ـ ئارانلىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، يۇندى تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

خىزمەت ئەترىتى ئاممىنىڭ «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىدارىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۆلۈم، ئىشخانىلاردىكى تېببىي تايانچلارنى قەرەللىك ھالدا كەنتكە كېلىپ خالىس كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى، يۈرەك ـ مېڭە قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كەنت ئاھالىلىرىنى داۋالىدى ھەم ئۇلارنى قىممىتى 6000 يۈەندىن ئاشىدىغان دورا بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، 500 پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات قوللانمىسى تارقىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، 110 تۈرلۈك قىيىنچىلىق، ئىلتىماس ـ تەلەپنى ھەل قىلدى. ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش توختىماي بېجىرىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبى ئىللىتىلدى.

جۇڭ شيۇمېي تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىللە كەنت ئاھالىلىرىنى جاي كەنتىنىڭ چالغۇ ئەسۋابلارنى قولدا ياساش كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا گۈزەللەشكەن، كەسىپلەر كۈچەيگەن، كەنت ئاھالىلىرى باي بولغان گۈزەل يېزا ـ كەنتنىڭ يېڭى مېلودىيەسىنى ياڭرىتىشقا تىرىشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش