دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش بۈگۈن (9-ئاينىڭ 15-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 11~10 بالغىچە بوران چىقىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 17 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ ​چوڭقۇر ھەمكارلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ۋىلايىتىمىزدىكى جايلار پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ھەر خىل شەكىلدە قانات يايدۇردى ​رىياسەتچىلىكتە يېڭى يۇلتۇزلار يېتىشتۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى ​ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 175 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى مۇقىم، راۋان، ئەلا بولۇش شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى كۈچەيتتى دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «196+762» شىنجاڭدا دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى سىجىل تۆۋەنلىدى، بىراق ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا شەھىرىدە يەنىلا جەمئىيەت قاتلىمىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بار

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، ئاممىنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-22 13:28:08

ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىغان ئايال ئۆزىنى ئۇزۇن يىلدىن بۇيان قىيناپ كەلگەن يولدىشىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدى، ئۇ شادلاندى؛ دېھقان ئىشلەمچىلەر نېسى قالغان ئىش ھەققىنى ئاخىرى ئالدى، ئۇلار شادلاندى؛ باغۋەنلەر ساتقان مېۋىلىرىنىڭ پۇلىنى ئالالىدى... ئۇلارنىڭ شادلىق تەبەسسۇملىرىنى كۆرۈپ ئىچ ـ ئىچىمدىن چەكسىز مەمنۇن بولدۇم.

بۇ يىل ئادۋوكاتلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا 20 يىل بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەت ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى ئەمەلىي گەۋدىسى، قىزىق لىنىيەسى، توردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سۇپا قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى قولايلىق، كەسپىي، ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.

مەيلى ئاياللار، بالىلار، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپى بولسۇن ياكى قىيىنچىلىقى بار ئامما، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار بولسۇن، ئاممىنىڭ ياردەم ساداسى قەيەردىن چىقسا، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى كاپالىتى شۇ يەرگە يېتىپ باردى.

ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى مەركىزى يېزا ـ بازارلاردا تەسىس قىلىنغان قانۇن مۇلازىمىتى پونكىتى ۋە كەنتلەردە تەسىس قىلىنغان قانۇن مۇلازىمىتى ئىشخانىسى ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتىدىكى ئەمەلىي گەۋدە سۇپىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇ يەرلەردە مەخسۇس خىزمەتچىلەر ئاممىنى قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بارلىق ئادۋوكاتلار ھەربىر كەنت، مەھەللە، كوچا باشقارمىسى بىلەن قانۇن مەسلىھەتچىسىلىك توختامى ئىمزالىدى. نۆۋەتتە، ۋىلايەت بويىچە ھەربىر كەنت، مەھەللىنى قانۇن مەسلىھەتچىسى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشتى. ۋىلايىتىمىزدىكى 400گە يېقىن ھەر مىللەت ئادۋوكات بۇ خىزمەتكە قاتنىشىپ، قانۇن مەسلىھەتچىسىلىك توختامى ئىمزالاپ بۇ ئەمەلىي گەۋدە قانۇن مۇلازىمىتى سۇپىلىرىغا قەرەللىك بېرىپ، ئاھالىلەرگە قانۇننى تەشۋىق قىلىپ، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىپ، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ، ئاممىنى ئۆيىدىن چىقمايلا قولايلىق، ئەلا سۈپەتلىك قانۇن مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ قىزىق لىنىيە سۇپىسى ئاساسلىقى «12348» قانۇن مۇلازىمىتى قىزىق لىنىيەسى بولۇپ، ھەربىر مەھەللە (كەنت) ئادۋوكاتلارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئاممىغا ئاشكارىلىدى. ئاممىنىڭ قانۇن جەھەتتە سورايدىغان سوئالى بولسا بۇ قىزىق لىنىيەگە تېلېفون قىلسا بولىدۇ، تېلېفون قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل ئادۋوكات ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قانۇن مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىدۇ. تور سۇپىسى دەل «12348 جۇڭگو قانۇن تورى» بولۇپ، «جۇڭگو قانۇن مۇلازىمىتى تورى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاممىنىڭ بۇ تور بېكىتىگە كىرىپ «ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشى»، «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى بېجىرىشى»، «قانۇن ياردىمى سورىشى» ئىنتايىن قولايلىق.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش باش نىشانى ۋە مۇھىم، زور ۋەزىپىسىدە، «قانۇن ياردىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن مەسىلىلىرىگە يولۇققاندا ياكى قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغاندا ئۈنۈملۈك قانۇن ياردىمىگە ۋاقتىدا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. 2021 ـ يىلى دۆلەت «قانۇن ياردىمى قانۇنى»نى ئېلان قىلىپ، قانۇن ياردىمى بېرىش شەكلىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، قانۇن ياردىمى بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قانۇن كاپالىتى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ قولايلىق مۇلازىمەت تەدبىرى بىلەن تەمىنلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ دەل ۋاقتىدا، قولايلىق، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇن ياردىمى مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشىنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

«قانۇن ياردىمى قانۇنى» يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، قىيىنچىلىقى بار ئامما قانۇن ياردىمىگە ئىلتىماس قىلماقچى بولسا مەھەللە «ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئىسپاتى» چىقىرىپ بېرەتتى، قىيىنچىلىقى بار بەزى ئاممىنىڭ بۇنىڭدىن بېشى قاتاتتى. ئاممىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، «قانۇن ياردىمى قانۇنى»دا «ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئىسپاتى تاپشۇرۇش» «ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى ئەينەن چۈشەندۈرۈش»كە ئۆزگەرتىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئاممىنىڭ قانۇن ياردىمىگە ئىلتىماس قىلىشى كۆپ قولايلىقلاشتى، ھازىر ۋىلايىتىمىزدىكى ھەربىر ناھىيە (شەھەر)دە قانۇن ياردىمى مەركىزى تەسىس قىلىندى، مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىمۇ قانۇن ياردىمى كۆزنىكى تەسىس قىلىنىپ، ئامما ئۈچۈن مەخسۇس قانۇن ياردىمى مۇلازىمىتىنى بېجىردى.

(ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ۋىلايەتلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ جۈگۇڭ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى تيەن لې ئاغزاكى بايان قىلدى،  مۇخبىرىمىز تاڭ خۇارۇڭ رەتلىدى)

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش