دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش بۈگۈن (9-ئاينىڭ 15-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 11~10 بالغىچە بوران چىقىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 17 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ ​چوڭقۇر ھەمكارلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ۋىلايىتىمىزدىكى جايلار پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ھەر خىل شەكىلدە قانات يايدۇردى ​رىياسەتچىلىكتە يېڭى يۇلتۇزلار يېتىشتۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى ​ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 175 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى مۇقىم، راۋان، ئەلا بولۇش شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى كۈچەيتتى دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «196+762» شىنجاڭدا دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى سىجىل تۆۋەنلىدى، بىراق ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا شەھىرىدە يەنىلا جەمئىيەت قاتلىمىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بار

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

مەۋقەنى ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ تۆھپە قوشۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ كاتتا يىغىننى كۈتۈۋالىمىز
ۋىلايىتىمىزنىڭ سىياسىي ـ قانۇن سىستېمىسىدىكى كەڭ كادىرلار تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالماقتا
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-21 20:04:21

20ـ قۇرۇلتاينى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋالايلى 

       ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى ئالتۇن كۈزدىكى مول ھوسۇل مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ 10 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋىلايىتىمىزنىڭ سىياسىي ـ قانۇن سىستېمىسىدىكى كەڭ كادىرلار چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدى ۋە ناھايىتى روھلاندى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ تولۇق غەيرەت بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ۋە ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

ئاقسۇ شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پۈتۈكچىسى تيەن جىن مۇنداق دېدى: تەپتىشلەر ئۆيلەرگىچە بېرىپ يىغىلىپ قالغان دېلولارنى مۇرەسسە قىلدى، تەپتىش قىلىشنى ئېچىۋېتىش كۈنى ئالقىشقا ئېرىشتى، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەۋاسى «دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ» ئاممىنى قوغدىدى...  

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ئىككى دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھەربىر جانلىق جىنايى ئىشلار تەپتىشلىكى، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەۋاسى دېلولىرى ئارقىلىق بۇرچىنى زىممىگە ئېلىشنى جانلىق شەرھلەپ بەردى. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى كۈتۈۋېلىنىۋاتقان پەيتتە، مەن مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ئۆلچىمى بىلەن ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئاددىي ئىش ئورنۇمدا تىرىشىپ ئالاھىدە نەتىجە يارىتىمەن.

مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىياسىي خىزمىتىدە نەتىجىسى گەۋدىلىك شەخس، ئاقسۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى جىن يەنگۇي مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، مەن مەۋقەنى داۋاملىق ئىش ئورنۇمغا قويۇپ تۆھپە قوشۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ ياخشى نەتىجە يارىتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ساقچىلارغا كۆيۈنۈش، ساقچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «پارتىيەگە سادىق، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىدىغان، ئىنتىزامدا قاتتىق» يۇقىرى ساپالىق، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى پولات قوشۇنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمەن.

كەلپىن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ليۇ يۈن مۇنداق دېدى: 2019 ـ يىلى 12 ـ ئايدا، مەن تەشكىلنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممەمگە ئېلىپ، مۇقەددەس بۇرچنى ئادا قىلىش ئۈچۈن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇجوۋ شەھىرىدىن كەلپىن ناھىيەسىگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدىم. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش جەريانىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان، ئەمگەكچان، باتۇر، قەيسەر، تىز پۈكمەس روھىدىن تەسىرلەندىم، قەلبىم تاۋلىنىش بىلەن بىللە، شىنجاڭغا مۇلازىمەت قىلىش، شىنجاڭغا ئۆزۈمنى بېغىشلاش ئىرادەم تېخىمۇ چىڭىدى. مەن بۇرچۇمنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھاياتىمدىكى ئاخىرقى خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىپ، قۇربىمنىڭ يېتىشىچە كۈچەپ، كەلپىن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق «ئائىلىدىن ئايرىلىپ دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، چىن ھېسسىيات بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش»تىن ئىبارەت قەسىمىمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «خۇجوۋ بىلەن كەلپىن بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش»تەك چوڭقۇر دوستلۇقنى ساقلاپ، تېخىمۇ قەيسىرانە روھ ۋە تېخىمۇ قەتئىي ھەرىكەت بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش