دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش تولۇق قاپلىدى، «بۇلۇت» تېرمىنالى كۈچەپ، باشقۇرۇش ـ قوغداشقا ياردەم قىلدى مەملىكەت بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش 796 ئىلتىماس ـ تەلەپ تاپشۇرۇۋېلىندى، بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش توختاپ قالمىدى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى شىنجاڭلىق ئوغلانلار گۇاڭشىدا ئوت ئىچىدىن ئادەم قۇتقۇزدى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە تەسىس قىلىندى ۋىلايەت «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىش، ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى بويىچە مەركەزلىك سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ۋىلايىتىمىزدىكى تۆت كەنت 3 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ـ كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت، بازار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

«پارتىيە قۇرۇلۇشى + ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە»دىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن نام كارتىسى»نى بەرپا قىلىش
​ــ ۋىلايەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ماركىسىزم شۆيۈەنى پارتىيە باش ياچېيكىسى توغرىسىدا
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-07-15 12:59:37

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى 7 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ماركىسىزم شۆيۈەنى پارتىيە باش ياچېيكىسىدىكى پارتىيە ئەزاسى، ئوقۇتقۇچى ما چىخۇي ئالىي مەكتەپتە ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ مائارىپى خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى تۈگمىسىنى ياخشى ئېتىشىگە ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزىمەن.

بۇ بىرنەچچە كۈندە، ما چىخۇي ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇ مەكتەپكە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچى پىدائىيلىرىنىڭ «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئۆزى تەۋە پارتىيە ياچېيكىسىدىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆگەندى ھەم ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ لېكسىيە دوكلاتىنى يېزىپ تەييارلىدى. ما چىخۇي مۇنداق دېدى: بىز يازغان بۇ لېكسىيە دوكلاتىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان ھەم ئەمەلىي ئوقۇتۇش جەريانىدا پايدىلانغىلى بولىدىغان قىلىپ تەييارلىدۇق.

7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ماركىسىزم شۆيۈەنى پارتىيە باش ياچېيكىسى ۋىلايەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. بۇ بارلىق ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارغا زور ئىلھام بولدى. قانداق قىلغاندا ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇ پارتىيە باش ياچېيكىسى «چوڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە» ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشى + ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە»نىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئۇقۇم دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشى + ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە»نىڭ «ئالتۇن نام كارتىسى»نى بەرپا قىلىشنى ۋاسىتە قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرى «قوش باشلامچى بولۇش» ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ ئىلغارلاردىن بولۇشتىكى «ئۈلگىلىك پارتىيە ياچېيكىسى» بەرپا قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتۇشىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ تەڭ ئىلگىرىلىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، ماركىسىزم شۆيۈەنىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئىجادىي تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

ياچېيكىنىڭ كۈچلۈك ياكى كۈچلۈك ئەمەسلىكىدە، «باشلامچىغا قاراش» ئاچقۇچتۇر. ماركىسىزم شۆيۈەنى پارتىيە باش ياچېيكىسىدا جەمئىي ئۈچ پارتىيە ياچېيكىسى بار بولۇپ، كەسپىي ساپاسى جەھەتتە پىشىپ يېتىلگەن، پەن تەتقىقات ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئوقۇتۇش سەۋىيەسى يۇقىرى ئوقۇتۇش ـ تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىرىنى «قوش باشلامچى» ياچېيكا شۇجىلىرى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشى بىلەن ئوقۇتۇش ـ تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى، سىياسىي ئۆگىنىش بىلەن كەسپىي ئۆگىنىش، نەزەرىيە ئۆگىنىش بىلەن ئادەم تەربىيەلەش ئەمەلىيىتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قوش يۆنىلىشلىك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ ئادەم تەربىيەلەش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلدى. ماركىسىزم شۆيۈەنى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يې گاڭ مۇنداق دېدى: ئۈچ پارتىيە ياچېيكىسى پەن تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇشتا بەسلىشىپ، تەڭ ئىلگىرىلەپ، كۆپ قېتىم دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى جەريانىدا قوللىنىلىپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ «جانلىنىشى»نى ئىشقا ئاشۇردى.

ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى قانداق قىلىپ «جانلاندۇرغىلى»بولىدۇ؟ بۇ پارتىيە باش ياچېيكىسى چوڭقۇر تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپىدىكى ھېكايىلەر، دەۋرچانلىقى كۈچلۈك ھېكايىلەرگە ئىنتايىن قىزىقىدىغانلىقىنى، نوقۇل نەزەرىيە ئوقۇتۇشىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بايقىدى. يې گاڭ مۇنداق دېدى: كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۇر ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئابستراكىت تەپەككۇر ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ، شۇڭا بىز مەۋقەنى ئەتراپىمىزدىكى كۆكيار روھىدىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىققا قويۇپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، كۆكيار روھى تور دەرسىدىن 10نى تەسىس قىلدۇق.

يى گاڭ مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلار مۇھىم نۇقتىنى تېپىپ، «كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش»نى باشلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ھېكايە ئاڭلاش»نى ياقتۇرۇشىنى كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، «ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق يېتەكلەش، مەسىلىنى يادرو قىلىش»تىن ئىبارەت تەتقىق قىلىپ ئىزدىنىش شەكلىدىكى مەخسۇس تېمىلاشتۇرۇپ ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدۇق، ئوقۇغۇچىلارنى نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىش، كۆكيارغا مۇناسىۋەتلىك ئويۇنلارنى قويۇشقا تەشكىللەپ، يەرلىك قىزىل بايلىقلارنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى تولۇق قېزىپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇشىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئابستراكىت نەزەرىيە مەسىلىلىرىنى ئوبرازلاشتۇرۇپ، كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتۇشىنىڭ قاراتمىلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردۇق.

يې گاڭ مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلار دەرس سۆزلىگەندە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىن ھېكايىلەرنى تاللاپ سۆزلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دەرسلەردىكى يادرولۇق مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزنىڭ تور دەرسلىرىمىزنىمۇ بېيىتىپ، رەڭدارلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى توردا دەرس ئاڭلاش ۋە تاپشۇرۇق ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بىز يەنە كۇرۇژۇك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نەزەرىيەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى، ئۆگىنىشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق. ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى سىستېمىسىدا پەن لوگىكىسىغا ئەھمىيەت بېرىلسىمۇ، ئەمما ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتكەندە نۇقۇل كىتابقىلا ئېسلىۋالماسلىقى، ئۆزىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىگە تايىنىپ، يېڭى دەرس ئۆتۈش ئەندىزىسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىدىكى مەزمۇننى سىڭدۈرۈشى لازىم.

ماركىسىزم «پارتىيە قۇرۇلۇشى + ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە» ئەمەلىيەت ئوقۇتۇش بازىسىدا، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزم تەرەققىيات تارىخى قاتارلىق مەزمۇنلار دائىم ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز تەمىنلەندى، كۆرگەزمە تاختىلىرى، رەسىملەر ۋە سائەت ـ سائەتلەپ ئۆتۈلگەن توردىكى ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىرىدە تارىخ تېخىمۇ ئېنىق نامايان بولدى، بۇ يەر ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەيدىغان، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان ۋە باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىغان مۇھىم بازىغا ئايلاندى.

يې گاڭ مۇنداق دېدى: ياخشى تەجرىبە ـ ئۇسۇللارنىڭ ئومۇملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى بىزمۇ تۈرلۈك پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، قىزىل ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، قىزىل مەدەنىيەتنى تارقىتىپ، قىزىل «ۋىۋىسكا»لارنى جۇلالاندۇرۇپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشى + ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە»دىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن نام كارتىسى»نى تېخىمۇ چاقنىتىمىز. ماركىسىزم شۆيۈەنى پارتىيە باش ياچېيكىسى ئوقۇ ـ ئوقۇتۇش كوللېكتىپىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجى ۋە ئارزۇسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشىغا بۇرۇنقىدەكلا يېتەكلەپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش