دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەت مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئاچتى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2022-01-25 11:23:19

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 1 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ۋىلايەت 2022 ـ يىللىق مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، 2021 ـ يىللىق مالىيە خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، 2022 ـ يىللىق مالىيەنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيسى جيا جىڭلېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2021 ـ يىلى، ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىدا پائال ياخشىلىنىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى، شەھەر ـ بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى، مال باھاسى قاتارلىق ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاندى، ئىقتىساد قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالىشىپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ سۈپىتى يەنىمۇ ئۆسۈپ، ئۈنۈمى ئېشىپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ پايدىسى تولۇق قويۇپ بېرىلدى، قەرز خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىنىپ ۋە تىزگىنلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى «ئۈچ كاپالەت»نى كاپالەتلەندۈرۈش كۈچلۈك بولدى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، مالىيەنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ۋىلايەت، ناھىيەلىك مالىيە تارماقلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مۇقىم بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، 2022 ـ يىللىق مالىيەنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. مالىيە كىرىمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك باج مەنبەسىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ساقلاپ، كىرىم سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مالىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مالىيە چىقىمى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەم كاپالەتلەندۈرۈش، ھەم قىسىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل» خىراجىتى خامچوتىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، مۈلۈك تەقسىملەش ئۆلچىمىنى قاتتىق تىزگىنلەپ ۋە ئىجرا قىلىپ، چىقىمنىڭ سىجىللىقىنى ساقلاپ، چىقىم سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، خەزىنىدىكى پۇلنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خامچوت ئىجراسىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت چىقىمىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مالىيە بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، خامچوت باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شۇ يىللىق خامچوت بىلەن ھېسابقا يۆتكەيدىغان مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى زورايتىپ، ۋاقىتلىق تەكلىپ قىلىنغانلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ كاپالەت» خامچوت ئىجراسىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي تولۇق پۇختىلىشى، مۇستەھكەملىشى كېرەك. ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت قەرزى خەۋپ ـ خەتىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋپ ـ خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تىزگىنلەپ، سىستېمىلىق خەۋپ ـ خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كەسىپ يېتەكچىلىك فوندىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ۋىلايىتىمىز ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللىشى كېرەك. قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە مالىيە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ دەل جايىدىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، خامچوت، نەقچوتنى ئاشكارىلاش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىش بويىچە تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خامچوت نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. مالىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى، خامچوت باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باغچە رايونلىرىنىڭ مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى مالىيە تۈزۈمى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىياسىي قۇرۇلۇشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مالىيە خىزمىتى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەركىزىي خىزمەتكە، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، سىياسىينى ئۆگىنىشنى خىزمەت، تۇرمۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە توغرىلىنىپ، مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ئىجادىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدار ۋە ساپانى ئۆستۈرۈپ، ئۆز كەسپى، ئۆز ساھەسىگە ئالاقىدار يىغىن روھى، سىياسەت، ھۆججەت ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىقتىسادنى ئىلمىي تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىقتىساد خىزمىتى، مالىيە خىزمىتىگە ئائىت نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسەتنى تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاكلىق تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، بىخ ھالىتىدە يوقىتىپ، پاك بولۇپ بۇلغانماي، تۈرلۈك خىزمەتنى پۇختا، چوڭقۇر ئىشلەش كېرەك. ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ 1 ـ سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ ـ ۋەزىپىنى ئىلمىي، ئۆلچەملىك تاماملاپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

يىغىن سىنلىق شەكىلدە ناھىيە (شەھەر)لەرگىچە ئېچىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش