دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

پۈتۈن دائىرىلىك راۋان بېجىرىش خەلققە، كارخانىلارغا قولايلىق ياراتتى
ـــ ۋىلايىتىمىزنىڭ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدىكى ئومۇمىي بايان (4)
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-11-30 12:20:53

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز خۇ شىياۋشياۋ  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ شياۋۋېن) پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ۋىلايەت خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا قويۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ باشقا جايدا ئىش بېجىرىشتىكى «كۆپ جايغا قاتراش»، «ئۇياق ـ بۇياققا قاتراش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ۋىلايەتلىك، ئاقسۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالى (ئەسلىدىكى ئاقسۇ شەھەرلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى) ئارىسىدا «بىر شەھەردە راۋان بېجىرىش»تىن «ۋىلايەت بويىچە راۋان بېجىرىش»نى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۈرۈمچى بىلەن ۋىلايىتىمىز ئوتتۇرىسىدا كۆپ بېجىرىلىدىغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىگە ئائىت ئىش تۈرلىرىدە «ۋىلايەت، شەھەر ئارا راۋان بېجىرىش»نى ئالدى بىلەن سىناق يولغا قويۇشتىن «شىنجاڭ بويىچە راۋان بېجىرىش»نى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش، «يىپەك يولىدا راۋان بېجىرىش»نى ئىلگىرى سۈرۈشنى «ئۆلكىلەر ئارا راۋان بېجىرىش» تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا سىڭدۈرۈپ، 

ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە «پۈتۈن رايوندا راۋان بېجىرىش»نى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى.

«بىر شەھەردە راۋان بېجىرىش»نى ئىجادىي يولغا قويدى

2018 ـ يىلىنىڭ بېشىدا، ۋىلايەتلىك، ئاقسۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالى ئايرىم - ئايرىم ھالدا شەھەرنىڭ شەرقى ۋە غەربىدە تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تىزىملىتىش، باج تاپشۇرۇش قاتارلىق كۆزنەكتە بېجىرىدىغان ئىشلىرى پەقەت ئاقسۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىدا بېجىرىلدى، ئەمما خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ۋاقىتلىق ئىگىلەپ ئىشلىتىدىغان يېشىللىقنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق ئىشلار بولسا ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىدىلا بېجىرىلىدىغان بولدى، كارخانىلار ۋە ئامما ئىش بېجىرىشنىڭ قولايسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشتى ۋە ئۇنى يۇقىرىغا ئىنكاس قىلدى.

ۋىلايەت مەۋقەنى كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا قويۇپ، «بىر شەھەردە راۋان بېجىرىش» بويىچە ئىسلاھ قىلىش پىكىر يولىنى بېكىتتى. ئاۋۋال ئاساننى كېيىن تەسنى، ئاۋۋال كۆپ بېجىرىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى بېكىتىپ، ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىش پىرىنسىپى بويىچە، ۋىلايەتلىك، ئاقسۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىنىڭ «بىر شەھەردە راۋان بېجىرىش» خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا خىزمەتچى خادىم ئەۋەتىپ مۇقىم ئىش بېجىرىش، ساھەگە چېتىشلىق تارماقلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ھاۋالە قىلىش، ئىككى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىدىكى ئۇنىۋېرسال كۆزنەكتە قوبۇل قىلىشقا ھاۋالە قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، كەسىپنى تور سىرتىدا قوبۇل قىلىپ بېجىردى. ۋىلايەتنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تور سۇپىسىغا تايىنىپ، 458 تۈرلۈك ئىشنى ۋىلايەت، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىدا «بىر شەھەردە راۋان بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى، «ئالاقە تورى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى تېز يوللانمىسى» ئارقىلىق بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش نەتىجىسىنى يوللانما قىلىپ ھەقسىز يەتكۈزۈپ، «بىر شەھەردە راۋان بېجىرىش» ئىش تۈرلىرىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش، ئەڭ تېز بولغاندا بىرلا قېتىمدا يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«ۋىلايەت بويىچە راۋان بېجىرىش»نى سىجىل يولغا قويدى

يېقىندا، ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى تيەن ئەپەندى ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىنىڭ «ۋىلايەت بويىچە راۋان بېجىرىش» ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كۆزنىكىدە كەسىپ بېجىرىۋېتىپ مۇنداق دېدى: مەن بۇرۇن كۇچا شەھىرىدە ئىشلەيتتىم، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئاقسۇ شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن، «ۋىلايەت بويىچە راۋان بېجىرىش» ئارقىلىق ياشانغانلار ئېتىبار كارتىسىنى ئاقسۇ شەھىرىدىلا ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىۋاتىمەن، بەك قولايلىق ئىكەن.

«بىر شەھەردە راۋان بېجىرىش»تىكى پىشقان تەجرىبىلەرگە ئاساسەن، ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ـ ئىسلاھات كومىتېتى، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى، باج ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار 2019 ـ يىلىنىڭ بېشىدا «ۋىلايەت بويىچە راۋان بېجىرىش»نى ئالدى بىلەن يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى كۆپ بېجىرىلىدىغان 100 تۈرلۈك ئىشنى «ۋىلايەت بويىچە راۋان بېجىرىش»تە كېڭەيتىپ قوللىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى باشلامچىلىق بىلەن، ۋىلايەتلىك بىر گەۋدىلەشكەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تور سۇپىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، «ۋىلايەت بويىچە راۋان بېجىرىش» ۋە «ھەممىدىن مەسلىھەت بېرىش» ئەندىزىسىنى يولغا قويدى. «ۋىلايەت بويىچە راۋان بېجىرىش» ئەندىزىسى قوبۇل قىلغۇچى خادىملارنىڭ رايون، تارماق ھالقىپ كەسىپ قوبۇل قىلىش، تىزىملىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ «ھەممىدىن مەسلىھەت بېرىش» ئەندىزىسى «بىلىم ئامبىرى» قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، رايون، تارماق ھالقىغان كەسىپلەرنى قوبۇل قىلىش، تىزىملاشنى سانلىق مەلۇمات تىرىكىگە ئىگە قىلدى.

2021 ـ يىلى، ۋىلايەت «ۋىلايەت بويىچە راۋان بېجىرىش»نى دائىملاشتۇرۇشنى بېكىتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە «ۋىلايەت بويىچە راۋان بېجىرىش»نى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قاتلام ـ دەرىجە پاسىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، «ۋىلايەت بويىچە راۋان بېجىرىش» ئىش تۈرلىرىنى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدە بىرتۇتاش قوبۇل قىلىش، سىستېما ئىچىدە ئايلاندۇرۇپ بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنداقلا، سۇپىنىڭ كەسىپ تىزىملاش ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىش تۈرلىرىنى ئۆلچەملىك رەتلەشنى قانات يايدۇرۇش، تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىغان خادىملار شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئالاقىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، «ۋىلايەت بويىچە راۋان بېجىرىش» ئىش تۈرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە قايتۇرۇلۇش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتتى. ھازىرغا قەدەر، «ۋىلايەت بويىچە راۋان بېجىرىش» ئىش تۈرى 541گە يەتتى.

«ۋىلايەت، شەھەر ئارا راۋان بېجىرىش»نى ئالدى بىلەن يولغا قويدى

11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن شوپۇر ياڭ ئۇستام مۇنداق دېدى: بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك كىنىشكە ـ ئىسپاتلارنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ئەكىلىپ، ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا كېلىپ تاشيول يولۇچى توشۇش شوپۇرى سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇش كەسپىنى بېجىرەتتىم، ھازىر بىۋاسىتە توردىلا بېجىرگىلى بولىدىغان بولدى، بۈگۈنى ئىلتىماس قىلساق شۇ كۈنى بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرغىلى بولىدۇ، ئالماشتۇرۇلغان يېڭى كىنىشكىنى پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېرىدۇ. «ۋىلايەت، شەھەر ئارا راۋان بېجىرىش» بىزنىڭ ۋاقىت، يول خىراجىتى تەننەرخىمىزنى زور دەرىجىدە تېجەپ بەردى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنى «شىنجاڭ ئىچىدە راۋان بېجىرىش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەر قىلدى، ئىككى جاي كېلىشىپ بىردەكلىك ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، 4 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى «ئۈرۈمچى . ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋىلايەت، شەھەر ئارا راۋان بېجىرىش ھەمكارلىق كېلىشىمى»نى ئىمزالاپ، شىنجاڭ بويىچە «ۋىلايەت، شەھەر ئارا راۋان بېجىرىش»نى ئالدى بىلەن يولغا قويدى.

ۋىلايەت ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۆلكىلەر ئارا راۋان بېجىرىش» تۈگۈن سىستېمىسىغا تايىنىپ، تۇنجى تۈركۈمدە توققۇز تارماققا چېتىشلىق كۆپ بېجىرىلىدىغان 67 تۈرلۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىش تۈرىنى «ئۈرۈمچى ـ ئاقسۇ ئارا راۋان بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى ھەم توردا ۋە تور سىرتىدا ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، «راۋان بېجىرىش» كۆزنەكلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خىزمەتچى خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تەرتىپىنى سىستېمىلىق قايتا بېكىتىش ئارقىلىق، «پۈتۈن مۇساپىلىك توردا بېجىرىشنى ئاساس قىلىش، باشقا جايدا ۋاكالىتەن قوبۇل قىلىپ ۋاكالىتەن بېجىرىشنى قوشۇمچە قىلىش شەكلىنى قوللىنىپ، ئىككى جايدىكى كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشتە «پەرقسىز قوبۇل قىلىش، ئوخشاش ئۆلچەمدە بېجىرىش»، «ئۆز جايىدا بىر قېتىمدىلا بېجىرىش»ىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنى ئەلا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك باشقا جايدا بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. 4 ـ ئايدىن بۇيان «ئۈرۈمچى ـ ئاقسۇ ئارا راۋان بېجىرىش» بويىچە جەمئىي 1900دىن ئارتۇق ئىش تۈرى ئورتاق بېجىرىلدى.

«ئۆلكىلەر ئارا راۋان بېجىرىش»نى بېيىتتى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى

ۋىلايەتلىك ۋە ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زاللىرىغا كىرسەك، «ئۆلكىلەر ئارا راۋان بېجىرىش» ئىش تۈرى كۆزنىكىنى ھەم مۇناسىپ خىزمەتچى خادىم ۋە ئەسلىھە سەپلەنگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ «ئۆلكىلەر ئارا راۋان بېجىرىش» ئىش تۈرلىرىنى قوبۇل قىلىپ بېجىرىش خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز. ۋىلايەت «ئۆلكىلەر ئارا راۋان بېجىرىش» بويىچە پوچتىدىن ئەۋەتىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ ماتېرىياللارنى پوچتىدىن ئەۋەتىشىگە قولايلىق يارىتىپ، «تېز يوللانمىنى قاترىتىش»نى «ئاممىنى قاترىتىش»نىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق بىر گەۋدىلەشكەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تور سۇپىسىنىڭ «رايون بويىچە راۋان بېجىرىش» تۈگۈنىگە تايىنىپ، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق «يىپەك يولىدا راۋان بېجىرىش» كېلىشىمى ئىمزالىغان ئۆلكە، رايونلارنىڭ «ئۆلكىلەر ئارا راۋان بېجىرىش» ئىش تۈرلىرى كۆزنىكىدە رايون ھالقىپ تىزىملاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئۆلكىلەر ئارا راۋان بېجىرىش» مۇلازىمەت شەكلىنى بېيىتتى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى.

«ئۆلكىلەر ئارا راۋان بېجىرىش» ئىش تۈرى كەسىپلىرىنى بېجىرىش قائىدىسى، ئىلتىماس قىلىش ماتېرىيالى، تەكشۈرۈش ئامىلى قاتارلىق مەزمۇنلارغا ئاساسەن، ناھىيە (شەھەر)لەر، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلار «ئازايتىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئازايتىش» پىرىنسىپى بويىچە، ئىش تۈرى كەسىپلىرىنى بېجىرىش قائىدىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئىلتىماس قىلىش شەرتى، ئىلتىماس قىلىش ماتېرىيالى، ئىلتىماس قىلىش شەكلى، بېجىرىش سۈرۈكى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى قاتارلىق ئامىللارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بېجىرىش تەرتىپى ۋە بېجىرىش كۆرسەتمىسىنى بىرلىككە كەلتۈردى. ھازىرغا قەدەر، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىگە ئائىت 101 ئىش تۈرىنى «ئۆلكىلەر ئارا راۋان بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ چۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن دائىرىلىك راۋان بېجىرىش»نى تىرەك قىلىش ئۈچۈن، بىز ۋىلايەت، ناھىيە (شەھەر)، يېزا ـ بازار (كوچا باشقارمىسى)، كەنت (مەھەللە)تىن ئىبارەت تۆت دەرىجە بىر گەۋدىلەشكەن  ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تور سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق بىر گەۋدىلەشكەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تور سۇپىسى بىلەن يوچۇقسىز ئۇدۇللىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىش تۈرلىرىنى بېجىرىشتىكى تەۋەلىك چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىكى توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ باشقا جايدا ئىش بېجىرىشتە «دەرھال بېجىرىش، توردا بېجىرىش، ئۆز جايىدا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش، داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى «باشقا جايدا بېجىرىش»، «ئۆز جايىدا بېجىرىش» ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلباھار مەمەت
تەكشۈرگۈچى:جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش