دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەت 10 مىڭدىن ئارتۇق كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈپ سانىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-11-30 11:49:01

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ھەرقايسى ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق كارخانىنىڭ 2021 ـ يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈپ سانىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى كەڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدىغان.

ئىگىلىنىشىچە، تولۇقلاپ تاپشۇرغانلار بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈپ سانى ئۆسكەن كارخانا ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى ۋە پېنسىيەگە چىققان كارخانا ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى بولۇپ، تولۇقلاپ تاپشۇرغان سۇغۇرتا تۈرى كارخانىنىڭ ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتىسى ئىكەن. تۈپ سانى ئۆسۈشتىن شەكىللەنگەن پەرق سوممىسىنىڭ ئىدارە ـ ئورۇن ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك قىسمىنى ئىدارە ـ ئورۇن، شەخسلەر ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك قىسىمىنى شەخسلەر ئۈستىگە ئالىدىكەن.

ھەربىر ئىشچى ـ خىزمەتچىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شەخسىي ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئاپتونوم رايون 11 ـ ئاينىڭ بېشىدا تارقاتقان جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، خىزمەت تەرتىپىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈپ سانىنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەن چېكىنى تەڭشەشنى تاماملىدى، شۇنداقلا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، ھەربىر كارخانىدىكى ھەربىر ئىشچى ـ خىزمەتچىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈپ سانىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئىشلىدى. ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرى چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا بويىچە تۈرگە ئايرىپ، خادىملارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بۇ يىللىق تۈپ ساننى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملىدى، تولۇقلاپ تاپشۇرۇلغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى 109 مىليون 940 مىڭ يۈەن بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلباھار مەمەت
تەكشۈرگۈچى:جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش