دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ۋىلايىتىمىز پاختىلىرىنىڭ ھوسۇلى يۇقىرى، سۈپىتى ئەلا، سېتىلىشى ياخشى بولدى
​كېۋەز تېرىش بېيىش يولىنى ئاچتى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-11-30 11:45:31

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 11 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، ۋىلايىتىمىزدىكى 7 مىليون 500 مىڭ مو پاختىنىڭ  يىغىلىپ بولۇنىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىمۇ ئارقا ـ ئارقىدىن چىقىشقا باشلىدى، پاختىنىڭ ئومۇمىي ھوسۇلى 1 مىليون 26 مىڭ 800 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 13 مىڭ 500 توننا؛ بىرلىك ھوسۇلى (قۇرۇقلۇق كېۋىزى) 137.19 كىلوگىرامغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.78 كلوگىرام ئاشتى.

11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ سەنخې بازىرى خۇڭيۈ كەنتىدىكى پاختىكار جوۋ لۈنرۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم پاختىلىرىنى ساتتى. بۇ يىللىق پاختا كىرىمىنىڭ ئېشىشى ھەققىدە گەپ بولغاندا، ئۇ خۇشاللىقىنى باسالمايتتى. كېۋەز تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى بولغان جوۋ لۈنرۇ  130 مو يەرگە كېۋەز تېرىغان بولۇپ، تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز ئۇرۇقى ئىشلەتكەچكە، ھەر مو كېۋەزدىن 470 كىلوگىرامدىن ئارتۇق پاختا چىقتى.

جوۋ لۈنرۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل پاختىلىرىمىزنى بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى باھادا ساتتۇق، راستىنلا بەك خۇشال بولدۇق، كېلەر يىلى مەن زاكازلىق تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كىرىمىمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا كۈچەيمەن. بۇ يىل ئائىلىمىز پاختىدىن جەمئىي 450 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلدۇق، تېرىش تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەندە، ساپ كىرىم 250 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ.

بۇ يىل ۋىلايىتىمىز پاختىلىرىنىڭ ھوسۇلى يۇقىرى، سۈپىتى ئەلا بولۇپ، بۇ، «بىر ئاساسىي، بىر قوشۇمچە» ئۇرۇق ئىشلىتىش ئەندىزىسىنى كېڭەيتكەنلىكتىن بولدى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇا ۋېيجيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پاختىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بىز بۇلتۇرقى كېۋەز ئۇرۇقى ئىشلىتىشتە «بىر ئاساسىي، ئىككى قوشۇمچە» قىلىش ئەندىزىسى ئاساسىدا، بۇ يىل «بىر ئاساسىي، بىر قوشۇمچە» ئۇرۇق ئىشلىتىش ئەندىزىسىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ، پاختىنىڭ سۈپىتىگە مەنبەدىن باشلاپ كاپالەتلىك قىلدۇق، شۇنداقلا ماشىنا ئارقىلىق يىغىدىغان كېۋەز تېرىش ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، جايلارنىڭ پاختا ھوسۇلىنىڭ ئېشىشى، سۈپىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشىگە كۈچ قوشتۇق.

جۇڭگو پاختىسىدا شىنجاڭنىڭكىگە، شىنجاڭ پاختىسىدا ئاقسۇنىڭكىگە قارىلىدۇ. ۋىلايىتىمىز كېۋەز تېرىش چوڭ رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 7 مىليون 500 مىڭ مو ئەتراپىدا بولۇپ، پاختا دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پاختىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ۋىلايەت پاختا سورتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇش، ماشىنا ئارقىلىق يىغىدىغان كېۋەز تېرىش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىشتىن سىرت، يەنە پاختىنى يىغىش ـ سېتىۋېلىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇخبىرنىڭ زىيارەت داۋامىدا بايقىشىچە، بۇ يىل پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىنغان بولۇپ، ھەرقايسى پاختا كارخانىلىرى باھانى قويۇۋېتىپ سېتىۋالغان، سېتىۋېلىش باھاسى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولغان. شايار ناھىيەسىدىكى بىر پاختا سېتىۋېلىش نۇقتىسىنىڭ مەسئۇلى ياڭ شۆجۈن مۇنداق دېدى: پاختىلارنىڭ سۈپىتى ياخشى، بىز سېتىۋالغان يېڭى پاختىلارغا قارىتا سورتىغا ئاساسەن ئايرىم سېتىۋېلىش، ئايرىم دۆۋىلەش، ئايرىم چىگىت ئايرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئارىلاش سېتىۋېلىش، ئارىلاش دۆۋىلەش، ئارىلاش چىگىت ئايرىشتىن ساقلىنىپ، پاختىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدۇق.

پاختا سۈپىتىنىڭ ئەلالىقى، سېتىش يولىنىڭ ياخشىلىقى تەبىئىيلا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى جەلپ قىلدى، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇرغۇن كارخانا ۋىلايىتىمىزنىڭ پاختىسىنى تالىشىپ سېتىۋالدى. ئاۋات ناھىيەسىدىكى بىر توقۇمىچىلىق كارخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بەي يۈچېڭ مۇنداق دېدى:بىزنىڭ زاكازلىرىمىز بەك كۆپ، پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىمىز شەندۇڭ، جېجياڭ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ، پاختىنىڭ سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەچكە، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلىرىمىز تېخىمۇ كۈچلۈك بازار رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلباھار مەمەت
تەكشۈرگۈچى:جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش