دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

سۈپەتلىك ماركىنىڭ داڭقى چىقىپ، مەھسۇلاتلار ياخشى سېتىلدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-11-30 11:43:25

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. يەنە بىر مول ھوسۇللۇق يىل بولدى، تۈرلۈك خاس باغ ـ ئورمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ مول ھوسۇل بېرىپ سېتىلىشىغا ئەگىشىپ، باغۋەنلەرنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى قۇمتام تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى قۇمتام مەھەللىسىدىكى بىر ئالمىلىق باغدا، باغۋەن لياڭ پىڭگې خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئالمىلارنىڭ سۈپىتى ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاقسۇ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسىنىڭ داڭقى بار، شۇڭا بۇ يىل ئالمىلار ياخشى سېتىلدى.

« بۇ يىل 25 مو ئالمىلىق بېغىمىزدىن 55 توننا ئەتراپىدا ھوسۇل ئالدۇق، ھازىرقى بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىساق، كىرىمىمىز 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ.» لياڭ پىڭگې شۇنداق دېگەچ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. ئۇ مۇخبىرغا ئالمىلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، ئەمدىلا پىشىشىغا سودىگەرلەرنىڭ زاكاز قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋىلايىتىمىز خاس باغ ـ ئورمانچىلىق چوڭ رايونى بولۇپ، باغ ـ ئورمان كۆلىمى 4 مىليون 500 مىڭ موغا مۇقىملاشتى، بۇ بىرنەچچە يىلدا باغ ـ ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئالما، چىلان، ياڭاق، نەشپۈت ۋە ئۆرۈك، ئۈزۈم قاتارلىق مېۋە ـ چېۋىلەرنىڭ سۈپىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، لياڭ پىڭگېغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ باغۋەن خاس باغ ـ ئورمانچىلىقنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ، بەس ـ بەستە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىدا ماڭدى.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل ۋىلايەت بويىچە چىلان، ياڭاق، ئالمىنىڭ ئوتتۇرىچە ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلەش نىسبىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %65.4، %81.2، %82.4كە يەتكەن. مېۋە سۈپىتى ياخشى بولسا، ياخشى بازار تاپىدۇ. خاس باغ ـ ئورمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭقى ۋە تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر يىلى مول ھوسۇل پەسلىدە، نۇرغۇن سودىگەر ۋىلايىتىمىزگە يىغىلىپ تالىشىپ مال زاكاز قىلىدۇ.

خۇاڭ جىنجى جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن كەلگەن سودىگەر بولۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ خاس باغ ـ ئورمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە كۆزى يېتىپ، ھەر يىلى ئاقسۇغا كېلىپ باغ ـ ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى تالىشىپ سېتىۋالدى، 8 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە مەھسۇلاتلىرى (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسىدە، ئۇ بىر قېتىمدىلا 80 توننا ئالما سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

خۇاڭ جىنجى مۇنداق دېدى: ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ سۈپىتى ياخشى، شۇڭا ئىستېمالچىلار بەك ياقتۇرىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىنى ئاقسۇ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسىنى يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاقسۇ ئالمىسىنى سېتىۋالدىم.

مېۋە ـ چىۋىلەرنىڭ سېتىلىشى ياخشى بولدى، نۆۋەتتە ۋىلايىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جەمئىي 1 مىليون 390 مىڭ توننا مېۋە ـ چىۋە سېتىلىپ، ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ %55ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ياڭاق سېتىش ئاخىرلىشىپ قالدى، خۇڭفۇشى ئالمىسىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىكلىرى ۋە چىلاننىڭ سېتىلىشى يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، باھاسى بۇلتۇرقىدىن سەل يۇقىرى بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلباھار مەمەت
تەكشۈرگۈچى:جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش