دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەت «100 مىليارد دەرىجىلىك»، «10مىليارد دەرىجىلىك» باغچە رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يولغا قويدى
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2021-11-29 18:51:19


    ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ۋىلايەت «تۈرلەرنى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپلەرنى باغچە رايونىلاشتۇرۇش، باغچە رايونلىرىنى توپلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات پىكىر يولىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزدىكى سانائەت باغچە رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى چىقىرىپ، باغچە رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يولغا قويدى.

    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى باغچە رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆرلەپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر سىجىل ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىپ، باغچە رايونلىرىغا ماكانلاشقان كارخانا 1500دىن ئاشتى، كەسىپلەرنىڭ ئاساسى يەنىمۇ زورىيىپ، باغچە رايونىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى بۇلتۇرقىدىن 6000دىن ئارتۇق كۆپىيىپ، باغچە رايونلىرىنىڭ كېڭىيىش كۆلىمى 320 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئېشىپ، باغچە رايونلىرىدا جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىش ھالىتى بارلىققا كەلدى.

    11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى)دە تولىمۇ ئالدىراشچىلىق مەنزىرە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئاپئاق يىپلار ئۇرچۇققا ئۇچقاندەك يۆگىشىپ، يېپيېڭى ئايلانما توقۇش ماشىنىلىرى تولۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن ئىدى، توپ ـ توپ ئالىي دەرىجىلىك ئىلمە توقۇلما رەختلەر ماشىنىدىن چىقىۋاتاتتى. ھازىر پاختا توقۇمىچىلىقى، ئارىلاش توقۇمىچىلىقى، رەخت توقۇش، كىيىم ـ كېچەكلەرنى بوياش، ئائىلە توقۇمىچىلىقىنى ئاساس قىلغان كارخانىلار ھەممە يەردە قەد كۆتۈرۈشتەك ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى) يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ قاتارلىق تېخنىكىلىق تەركىبى يۇقىرى، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپ تۈرلىرى ۋە كارخانىلارنى كىرگۈزۈشكە كۈچەپ، كەسىپلەرنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، غەربىي شىمالدىكى رەخت بازىسى بەرپا قىلماقتا.

    باغچە رايونلىرى بۇنىڭدىن كېيىن قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟ نۇقتىلىق كەسىپلەر قايسىلار؟ ۋىلايەت باغچە رايونلىرىنىڭ كەسىپ تەرەققىيات لايىھەسىنى تۈزۈش ئارقىلىق، ھەرقايسى باغچە رايونىنىڭ ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى توغرا بېكىتىپ، خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېتەكچى كەسىپلەرنى دەل جايىدا پىلانلاپ، ئەۋزەل كەسىپ توپىنى يېتىلدۈردى. ھازىر، ۋىلايىتىمىزدە نېفىت، تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتىنى يېتەكچى قىلغان، نېفىت، تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتى، يېڭىچە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىق ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرغان كۇچا ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى؛ پاختا توقۇمىچىلىقى، ئارىلاش توقۇمىچىلىقى، رەخت توقۇش، كىيىم ـ كېچەك بوياش كەسپىنى يېتەكچى قىلغان ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى)؛ كۆمۈر، تۇز خىمىيە سانائىتى كەسپىنى يېتەكچى قىلغان باي كەسىپلەر باغچە رايونى؛ يېشىل خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى يېتەكچى قىلغان شايار ئايلانما ئىقتىساد سانائەت باغچە رايونى؛ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق، يېڭىچە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان، نازۇك خىمىيە سانائىتى، زامانىۋى ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنى يېتەكچى قىلغان ئاقسۇ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى؛ نېفىت، تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتىنى يېتەكچى قىلغان، نېفىت، تۇز، كۆمۈر، گاز، نازۇك خىمىيە سانائىتى، بىيو دورا ياساش، يېڭىچە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرغان ئونسۇ كەسىپلەر باغچە رايونى شەكىللەندى.

    ۋىلايەت ھازىر كارخانىلارنىڭ نورمىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ ئىقتىدارنى كېڭەيتىش، تۈرلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، «100 مىليارد دەرىجىلىك»، «10 مىليارد دەرىجىلىك» باغچە رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، «14 ـ بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا « بىر تىرلىيون دەرىجىلىكتىن بىرنى»، «60 مىليارد دەرىجىلىكتىن ئىككىنى»، «50 مىليارد دەرىجىلىكتىن ئىككىنى»، «30 مىليارد دەرىجىلىكتىن بىرنى»، «20 مىليارد دەرىجىلىكتىن بىرنى»، «10 مىليارد دەرىجىلىكتىن ئۈچنى»، «5 مىليارد دەرىجىلىكتىن ئىككىنى» باغچە رايونى بەرپا قىلىشنى قولغا كەلتۈرىدۇ. كۇچا ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 100 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى)، باي كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 60 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش، ئاقسۇ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، ئاقسۇ سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسىپ باغچە رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 50 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش، شايار ناھىيەلىك ئايلانما ئىقتىساد سانائەت باغچە رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 30 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش، ئونسۇ كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 20 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش، ئونسۇ دۆلەت يېزا ئىگىلىكى پەن ـ تېخنىكا باغچە رايونى، توقسۇ سانائەت باغچە رايونى، ئاۋات سانائەت باغچە رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 10 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش، ئۇچتۇرپان سانائەت باغچە رايونى، كەلپىن كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 5 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى)، باي كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ دەرىجىسىنى دۆلەت دەرىجىلىك باغچە رايونىغا ئۆستۈرۈشنى قولغا كەلتۈرىدۇ، ئاقسۇ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، شايار ناھىيەلىك ئايلانما ئىقتىساد سانائەت باغچە رايونى، ئاقسۇ سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسىپلەر باغچە رايونىنى دۆلەت دەرىجىلىك باغچە رايونىغا ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ.

    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋىلايەت «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلەت دەرىجىلىك يېڭىچە سانائەتلەشكەن كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن بىرنى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېڭىچە سانائەتلەشكەن كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن ئىككىنى، دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل باغچە رايونىدىن بىرنى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئاقىل باغچە رايونىدىن ئىككىنى بەرپا قىلىدىكەن.

 


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلباھار مەمەت
تەكشۈرگۈچى:جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش