دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

كەلپىن ناھىيەلىك گوچىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شەھرىيار شىرىپ:
​پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ، ياشلىق باھارىمنى جۇلالاندۇرۇپ، ئۇستاز روھىنى تاۋلايمەن
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-10-21 11:11:59

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز ليۇ لى) «ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى نېمە؟ مېنىڭچە، ئوقۇتقۇچى چوقۇم مائارىپ ئىشلىرىنى چەكسىز قىزغىن سۆيۈشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى داۋاملىق ئىللىتىشى كېرەك.» 10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، كەلپىن ناھىيەلىك گوچىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى شەھرىيار شىرىپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچى بولغان 14 يىلدىن بۇيان، مەن باشتىن ـ ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىم بىلەن قىلچە ئۆكۈنمەي، قىلچە ۋايسىماي، دەرس مۇنبىرىدە ياشلىق باھارىمنى تەقدىم قىلىپ ۋە تەر ئاققۇزۇپ، تۈركۈم ـ تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلىدىم.

ئوقۇتۇشنى بېرىلىپ تەتقىق قىلىپ، تالانتىنى نامايان قىلىش

2007 ـ يىلى، شەھرىيار شىرىپ قەشقەر سىفەن شۆيۈەننىڭ ماتېماتىكا كەسپىنى پۈتكۈزدى ھەم «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش»كە تىزىملىتىپ، يۇرتى ئاچال بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئىلتىماس قىلدى. شەھرىيار شىرىپ مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئاتا ـ ئانام ئوقۇتقۇچى، ئوقۇتقۇچى بولۇش مېنىڭ ئارزۇيۇم، ئۆز تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق يۇرتۇمدىكى بالىلارنىڭ ئارزۇسىغا يول ئېچىپ بەرسەم دەيمەن.

2013 ـ يىلى، شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنىدە ئىككى يىللىق تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، شەھرىيار شىرىپ كەلپىن ناھىيەلىك 1 ـ ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەلدى ھەم سىنىپ مۇدىرى بولدى.                                      

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەلگەچكە، بېسىمى ئېغىرلىدى، دەرس تەييارلاش ۋە دەرسخانا بېسىمىدىن باشقا، ئۇ يەنە ۋاقىت چىقىرىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاساسىي بىلىم نۇقتىلىرىنى رەتلەپ، ئاساسى بىرقەدەر ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلمىسا بولمايتتى.

شەھرىيار شىرىپ مۇنداق دېدى: مەن ئوقۇتۇش جەريانىدا، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكىلىق ئاتالغۇلارنى بىلمىگەچكە، چۈشەنمىگەچكە مەسىلىلەرنى يېشەلمەيدىغانلىقىنى بايقىدىم، شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارغا ماتېماتىكىلىق ئاتالغۇلارنى قايتا ـ قايتا تەرجىمە قىلىپ چۈشەندۈرۈپ، مەسىلىنى تەھلىل قىلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرنى يېشىشىگە ياردەم بەردىم.

ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىدىن باشقا، شەھرىيار شىرىپ يەنە تولۇق 2 ـ يىللىق ماتېماتىكا ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسى دەرس تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، دەرس تەييارلاشنىڭ 10 قەدەم ـ باسقۇچىنى تەپسىلىيلەشتۈردى ھەم ئۆلچەملىك دەرس تەييارلاش تەرتىپىنى خىزمەتداشلىرىغا دەپ بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئالغا باستى.

خىزمەتداشلىرىنىڭ نەزەرىدە، شەھرىيار شىرىپ جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغان، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىدىغان، باشقىلار بىلەن ئىتتىپاق ـ دوستانە ئۆتىدىغان ياخشى ئادەم. خىزمەتدىشى مەرىپەت ئابدۇرۇسۇل مۇنداق دېدى: خىزمەت بېسىمى ھەر قانچە چوڭ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئەزەلدىن ۋايساپ باقمىدى، ئۇ بىزگە، مەيلى قانچىلىك چوڭ بېسىم بولسۇن، بىز پائال تاقابىل تۇرۇشىمىز، روھى ھالىتىمىزنى ياخشى تەڭشىشىمىز، ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكىمىز كېرەك، دەيدۇ.

ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىش، سىنىپنى كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلەش

خىزمەتكە قاتناشقان 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ، شەھرىيار شىرىپ بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇشقا ئىرادە باغلىدى. كۆپ يىلدىن بۇيان، ئۇ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئاچال بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، كەلپىن ناھىيەلىك 1 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ، كەلپىن ناھىيەلىك گوچىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولدى، ئۇ ھەربىر سىنىپنى تۇتقاندا، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ بالىسىدەك كۆرۈپ، سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى يېتەكلىدى.

2019 ـ يىلىنىڭ كېيىنكى ئوقۇش مەۋسۇمىدا، شەھرىيار شىرىپ بىر يېڭى سىنىپنى ئۆتكۈزۈۋالدى، بۇ سىنىپ يىللىقلار بويىچە ئىنتىزام، ئۆگىنىش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە بىرقەدەر ناچار سىنىپ ئىدى. بۇ سىنىپقا قارىتا، ئۇ «قالتىس تەدبىر» قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى بارغانسېرى ئوقۇشقا قىزىقىدىغان قىلىپ چىقتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامچانلىقىمۇ كۈچەيدى، ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىنكاسىمۇ ياخشى بولدى. مەۋسۇملۇق ئىمتىھان نەتىجىسى ئەسلىدە يىللىقلار بويىچە ئەڭ ئارقىدا تۇرۇشتىن ئالدىنقى ئۈچىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

شەھرىيار شىرىپنىڭ «قالتىس تەدبىرى» ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىردىشىشتىن ئىبارەت.

شەھرىيار شىرىپنىڭ ئىشخانىسىدىكى تارتمىدا بىر خاتىرە بار بولۇپ، ئۇنىڭغا سىنىپتىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسىم ـ فامىلىسى، ئائىلە ئەھۋالى، ئائىلە ئادرېسى، ئۆيىنىڭ تېلېفون نومۇرى ھەمدە ھەر قېتىملىق سىردىشىشتا ئوقۇغۇچىلار ئىنكاس قىلغان تاپشۇرۇقنىڭ قىيىن نۇقتىسى ياكى ئائىلىسىدىكى ئۇششاق ئىشلار قاتارلىقلار خاتىرىلەنگەن.

شەھرىيار شىرىپ مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئادىتىم، نۇرغۇن خاتىرىنى توشقۇزۇپ بولدۇم. دەسلەپتە، ئوقۇغۇچىلار مېنى يات كۆرۈپ، ماڭا گەپ قىلىشنى خالىمايتتى، مەن ئۇلار بىلەن ئىختىيارىي پاراڭلىشىپ، دوست بولۇپ، ئۇلار بىلەن بولغان ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇردۇم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقى بولسا، ئامال قىلىپ ياردەم بەردىم، بۇنىڭ بىلەن تەدرىجىي ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىسى كۈچەيدى. ھەپتە ئاخىرىدا، مەن يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇقنى چۈشەندۈرۈپ قويىمەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ۋە ئائىلە مۇھىتى قاتارلىقلارنى ئىگىلەيمەن.

سىنىپنى ئادەتتىكى باشقۇرۇش داۋامىدا، شەھرىيار شىرىپ ھەربىر ئىنچىكە ھالقىنى كۆڭۈل قويۇپ بايقىدى، ئايرىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن كەچتە تاماق يېمەي، نان يەپلا قورساق تويغۇزۇۋاتقانلىقىنى بايقىغاندا، ئۇلارنىڭ تاماق كارتىسىغا تۇيدۇرماي پۇل قاچىلاپ قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 10 دەك ئوقۇغۇچىغا ياردەم بەردىم. ئۇلارنىڭ غورۇرىغا تېگىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئېيتمىدىم. مەن پەقەت ئۇلارنىڭ قورسىقىنىڭ ئاچ قالماسلىقىنى، كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خالىس كۆڭۈل بۆلۈپ، قەلبلەرنى ئىللىتىش

شەھرىيار شىرىپنىڭ ۋېيشىن دوستلار تىزىملىكىدە ئۇ ئوقۇتقان نۇرغۇن ئوقۇغۇچى بار. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگىنىگە كۆپ يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىش، يېقىنقى ئەھۋالىنى ئۇنىڭغا ئېيتىشنى ئادەت قىلىۋالغان.

ئوقۇغۇچى ئەنۋەر باۋدۇن 2016 ـ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئىدى. ئۇ تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاتا ـ ئانىسى ئاجرىشىپ، ئاپىسى قايتا توي قىلغاچقا، ئۇنى چوڭ دادا ـ چوڭ ئاپىسى بېقىپ چوڭ قىلغان. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3 ـ يىللىقىغا چىققاندا، ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا ئوقۇغۇسى كەلمەي قالدى، شەھرىيار شىرىپ چوڭقۇر سىردىشىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئوقۇش ماتېرىياللىرى سېتىۋالالمىغانلىقىنى، ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن تەقدىردىمۇ ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدى. شەھرىيار شىرىپ ئۇنىڭغا قوشۇمچە ئوقۇش ماتېرىيالى ئېلىپ بەردى ھەم ئۇنىڭ ئەھۋالىنى مەكتەپكە ئىنكاس قىلدى، مەكتەپمۇ ئۇنىڭغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى ھەل قىلىپ بەردى.

ئەنۋەر باۋدۇن مۇنداق دېدى: شۇ يىلى 4 ـ ئايدا، مۇئەللىم شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنىنىڭ سىفەن ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز تەربىيەلەش توغرىسىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى كۆرۈپ، مېنى سىناپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇردى ھەمدە ماڭا 500 يۈەن بەردى، مەن قەشقەرگە بېرىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ بىرىنچى بولۇپ، بۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىندىم.

ھازىر ئەنۋەر باۋدۇن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: ماڭا نىسبەتەن، شەھرىيار مۇئەللىم مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇملا بولۇپ قالماستىن، يەنە مېنىڭ يېقىن ئاغىنەم، قېرىندىشىم.

ئوقۇغۇچى سۇلتان غۇپۇرمۇ شەھرىيار شىرىپتىن ئىنتايىن مىننەتدار. ئائىلە سەۋەبىدىن، ئۇنى كىچىكىدىنلا بوۋا ـ مومىسى بېقىپ چوڭ قىلغان ئىدى، بوۋا ـ مومىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى يالغۇز ياشىدى. بىر شەنبە كۈنى، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى توك سىمى كونىراپ كەتكەچكە ئۆيىگە ئوت كېتىپ، يوتقان ـ كۆرپىسى ۋە كىيىم ـ كېچەكلىرى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتتى. بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، شەھرىيار شىرىپ 1 ـ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ، ئۇنىڭغا يېڭى كىيىم ئېلىپ بەردى ھەم بۇ ئەھۋالنى ئۆز ۋاقتىدا مەكتەپ رەھبەرلىرىگە دوكلات قىلىپ، ئۇنىڭ ياتاق ـ تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى.

شەھرىيار شىرىپ سىنىپتىكى ھەربىر بالىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى مۇئامىلە قىلدى، ھەتتا ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش ۋە قىشلىق، يازلىق تەتىلدىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ غېمىنى يېدى. مۇشۇنداق قىلغاچقا، ئىككى قىزىغا ھەمراھ بولغان ۋاقتى بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى، بۇ، شەھرىيار شىرىپنىڭ ئەڭ چوڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشى.

شەھرىيار شىرىپ مۇنداق دېدى: چوڭ قىزىم 12 ياشقا، كىچىك قىزىم سەككىز ياشقا كىردى، ئايالىمنىڭ خىزمىتى بىرقەدەر ئالدىراش، دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدۇ، بالىلىرىم كۆپىنچە ئۆزىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالىدۇ. بەزىدە يېرىم كېچىدە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولمىغىنىنى كۆرسەم بەك ئاچچىقىم كېلىپ كېتىدۇ ھەم بەك خىجىل بولۇپ قالىمەن.

14 يىلدىن بۇيان، شەھرىيار شىرىپ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى، ناھىيە دەرىجىلىك «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى، دېگەن ناملارغا ئېرىشتى. شەھرىيار شىرىپ مۇنداق دېدى: مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ شان ـ شەرەپ بۇ مۇكاپاتلار ئەمەس، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان چاغدا خۇشاللىقىنى 1 ـ ۋاقىتتا ماڭا ئېيتىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھەرقانچە كۆپ بەدەل تۆلىسەممۇ ئەرزىيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش