دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايىتىمىز مۇقىم تۇرۇپ سودىگەر چاقىرىشتا 37 مىليارد 561 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالىدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-10-21 11:08:48

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. بۇ يىلدىن بۇيان، ۋىلايىتىمىز مۇقىم تۇرۇپ سودىگەر چاقىرىش كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىپ، «بىر تۈركۈمدە سۆھبەتلىشىش، بىر تۈركۈمدە كېلىشىم ئىمزالاش، بىر تۈركۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىر تۈركۈمگە ئەگىشىش»تەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، ۋىلايىتىمىزدە مۇقىم تۇرۇپ سودىگەر چاقىرىش بويىچە 87 تۈردە ئوڭۇشلۇق كېلىشىم ئىمزالىنىپ، كېلىشىم ئىمزالاش سوممىسى 37 مىليارد 561 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

شۇ كۈنى، توقسۇ ناھىيەلىك يېنىك سانائەت باغچە رايونىدا، شىنجاڭ لىشىن يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسى سانائەت رايونىنىڭ يىلدا 10 مىڭ توننا قاتتىق پوستلىق مېۋە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، سېخنىڭ ئىچى ئالدىراشچىلىققا تولغان ئىدى.

بۇ تۈردە ئىمپورت قىلىنغان ئىلغار ئايرىپ تاللاش ئۈسكۈنىسى ۋە ئالاھىدە پىششىقلاش ھۈنەر ـ سەنئىتىگە تايىنىپ، تېرىقچىلىق ئورنىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، سورتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئەۋزەللىكى، ئىلغار تېرىش تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق چەت ئەللەرنىڭ قاتتىق پوستلىق مېۋە بازىرىدىكى مونوپوللۇق ۋەزىيەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، يېڭىچە پارچە سېتىش بۆسۈش نۇقتىسى قىلىنىپ، شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتى، تور ۋە تور سىرتىدىن ئىبارەت سېتىش يوللىرى تۇتاشتۇرۇلىدۇ. 2022 ـ يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، بۇ تۈرنىڭ يىللىق قاتتىق پوستلىق مېۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ 5000 توننىغا، ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 100 مىليون يۈەنگە، پايدا ـ بېجىنىڭ تەخمىنەن 2 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەندى.

بۇ يىل كىرگەندىن بېرى، ۋىلايەت بارلىق خادىملار سودىگەر چاقىرىشتەك ۋەزىيەتنى پائال يارىتىپ،كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىلەرگە پائال قاتنىشىش، كىچىك تارماق ئەترەتلەر سودىگەر چاقىرىش، مەخسۇس مەيدان سودىگەر چاقىرىش ـ تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى.

كارخانىلارغا «كۆڭۈلنى تىنچلاندۇرۇش كومىلىچى» يېگۈزۈپ، تۈرنى بالدۇر كىرگۈزۈش، بالدۇر قۇرۇش، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ۋىلايىتىمىزدىكى مۇقىم تۇرۇپ سودىگەر چاقىرىش گۇرۇپپىلىرى ئاقسۇنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە تۈرلۈك تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى. ئۇنىڭدىن سىرت، سودىگەر چاقىرىش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، «ئادەتتىكى سودىگەر چاقىرىش»تىن «دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىش»قا، «سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش»تىن «سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ تاللاش»قا، «مەبلەغ تۈرىگە ئېتىبار بېرىش»تىن «مەبلەغ ۋە ئەقىل جەلپ قىلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش»كە ئۆزگىرىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى.

ۋىلايەتلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى تۇرغۇن راخمان مۇنداق دېدى: ئالدىنقى سەپتىكى تۆت مۇقىم تۇرۇپ سودىگەر چاقىرىش مەركىزىنىڭ سودىگەر چاقىرىش مەخسۇس خادىملىرى كارخانىلارنى پائال زىيارەت قىلدى، ئارقا سەپتىكىلەر ماسلاشتۇرۇپ، بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، تۈرنى كىرگۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈردى، ھازىر ۋىلايىتىمىزنىڭ مۇقىم تۇرۇپ سودىگەر چاقىرىش گۇرۇپپىلىرى  10مىڭ 62 كارخانىنى زىيارەت قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 856 كارخانا ئاقسۇغا كۆزدىن كەچۈرۈشكە كېلىش مۇددىئاسىنى بىلدۈردى، 398 كارخانا ئاقسۇغا كېلىپ نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش