دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەت شىنجاڭ ناۋايلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتتى
​نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-09-26 12:05:32

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، ئاقسۇ نان كەسىپ باغچە رايونىدىكى ناۋاي ئېلشات تۇرغۇن مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەردە ئۈچ تونۇرنى كۆتۈرە ئالدىم، سەككىز خىزمەتچىم بار، ھەر ئايلىق كىرىمىم 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ.

ئېلشات تۇرغۇن ئەسلىدە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يېڭىبازاركوچا باشقارمىسىدىكى بىر ناۋايخانىدا نان ياقاتتى، 2020 ـ يىلى ئاقسۇ نان كەسىپ باغچە رايونى قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ بۇ يەرگە كېلىپ تونۇر كۆتۈرە ئالدى.

«ئۈچ كۈنگىچە گۆش يېمىسەك مەيلى، بىر كۈن نانسىز ئۆتەلمەيمىز.» ئاقسۇدا ئىزچىل ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ گەپتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نان ئاقسۇ خەلقىگە نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ ئىستېمالىدا كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەت رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، نان كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، شىنجاڭ ناۋايلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، نان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ماھارەت «ئېقىن سۈيى» بىلەن تەمىنلىدى.

مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2020 ـ يىلدىن بۇيان ۋىلايەت شىنجاڭ ناۋايلىرىنى 6200 ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق تەربىيەلەپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك شىنجاڭ ناۋايلىرى يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسىدىن بەشنى، ماھارەتلىك ئۇستاملار خىزمەتخانىسىدىن ئۈچنى قۇرغان، ۋىلايەت دەرىجىلىك شىنجاڭ ناۋايلىرى يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسىدىن بىرنى يېڭىدىن قۇرغان، 44 نەپەر ناۋاي شەرەپ بىلەن شىنجاڭ ناۋايلىرى يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساس ئىگىسى نامىغا ئېرىشكەن.

رىشىت ھىمىت كۇچا شەھىرىنىڭ ئىشخالا بازىرى تۆۋەن بىجاق مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق ئاھالە بولۇپ، 1979 ـ يىلدىن باشلاپ كۇچا چوڭ نېنى يېقىش ھۈنىرىنى ئۆگىنىشنى باشلىغان، ياققان نانلىرى چوڭ، نېپىز، چۈرۈك، يېيىشلىك بولغانلىقتىن نامى يىراق ـ يېقىنغا تارقالغان، 2010 ـ يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇندەرىجىسىدىكى تۈرنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسى بولغان. بۇلتۇر 12 ـ ئايدا، ئۇ شىنجاڭغا ۋاكالىتەن 1 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى «جۇڭخۇا تەڭداشسىز ھۈنىرى» نەق مەيدان كۆرەك پائالىيىتىدە كۇچا چوڭ نېنىنى يېقىش ھۈنىرىنى كۆرسەتتى، شۇنداقلا بۇلتۇر ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن شىنجاڭ ناۋايلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكا ئۇستىسى بولۇپ بېكىتىلدى. رىشىت ھىمىت مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ ھۈنىرىمگە بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈش، مەن بۇ ھۈنەرگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە نان يېقىش ھۈنىرىمنى ئۆگىتىمەن.

شىنجاڭ ناۋايلىرىنى تەربىيەلەش مەززىلىك ناننى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاماق ئۈستەللىرىگە چىقاردى، شۇنداقلا ناۋايلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا «مائاش» ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاتا قىلدى. ۋىلايىتىمىزدىكى نان پىششىقلاش كارخانىلىرى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ئومۇميۈزلۈك «تۆۋەن كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىش + زاكاز + پايدا ئايرىپ بېرىش»تىن ئىبارەت مائاش رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى قوللىنىپ، ھەقىقىي پايدا يەتكۈزۈش ئارقىلىق ناۋايلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاتتى. شۇنداقلا، نان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تۈرىنى يولغا قويۇش، مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچىنى ئالدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەر پاي قوشسا پايدا ئايرىپ بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پۈتۈن ۋىلايىتىمىزدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 900دىن ئارتۇق ئائىلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى نان كەسپى ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش