دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

«ئاقسۇ ۋىلايىتى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەزكىرىسى»، «ئۇچتۇرپان ناھىيەسى تەزكىرىسى (2020 ـ 2002)»نى باھالاش يىغىنى ئېچىلدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-09-26 11:59:56

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، «ئاقسۇ ۋىلايىتى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەزكىرىسى»، «ئۇچتۇرپان ناھىيەسى تەزكىرىسى (2020 ـ 2002)»نى باھالاش يىغىنى ئاقسۇ شەھىرىدە ئېچىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋېي جەنخەي، ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ما ۋېنخۇا قاتارلىقلار باھالاش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە باھالاش پىكرىنى ئوتتۇرغا قويدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «گۈللىنىش دەۋرىدىكى تەزكىرىنى تۈزۈش» ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ئۇل خاراكتېرلىك مەدەنىيەت ئىشى، پارتىيەنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەت ئەھمىيىتىگە ۋە چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە بىر تۈرلۈك خىزمەت بولۇپ، قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش باشتىن ـ ئاخىر تەزكىرىنىڭ قىممىتى ھېسابلىنىدۇ. ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تەزكىرە خىزمىتىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، خىزمەت سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك. مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچكە، ياخشى ئىشلەپ، تەزكىرە، يىلنامىلەردىكى سىياسىي مەيدان، سىياسىي قاراش ۋە سىياسىي يۆنىلىشنىڭ ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن ـ نىزاملارنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باھالاش يىغىنىدا سىياسىي ئۆتكەل، قۇرۇلما ئۆتكىلى، تارىخىي ماتېرىياللار ئۆتكىلى، يېزىق ئۆتكىلى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئۆتكىلىنى ياخشى تۇتۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇپ، بىلىش، ئىشىنىش، ئىجرا قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ساقلىغىلى، ئۆرنەك ئالغىلى بولىدىغان نادىر تەزكىرە تۈزۈپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تارىخ ـ تەزكىرە ئىشخانىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ۋىلايىتىمىز تەزكىرە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى دەل جايىدا پىلانلاپ، «ئاقسۇ ۋىلايىتى تەزكىرە ئىشلىرىنىڭ ‹14 ـ بەش يىللىق› تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى تۈزۈپ، يېتەكچى ئىدىيە، ئاساسىي پىرىنسىپ، خىزمەت ئاساسي، ئومۇمىي نىشان ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. ۋىلايەت تەزكىرىسى جەھەتتە، ئۈچ نۆۋەتلىك تەزكىرە كىتابنى پىلانلاش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، ئۈچ نۆۋەتلىك تەزكىرە كىتابنىڭ ماتېرىيالى، رەسىملىرىنى توپلاش، رەتلەش خىزمىتى يەنىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىلدى. يېزا (بازار)، كەنت تەزكىرىسى جەھەتتە، جۇڭگو داڭلىق بازار (كەنت) تەزكىرىسى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، «ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى داڭلىق بازار، داڭلىق كەنت تەزكىرىسى»نى تەھرىرلەپ، 2025 ـ يىلىغا بارغاندا ۋىلايىتىمىزدىكى داڭلىق بازار، داڭلىق كەنت تەزكىرىسى بىلەن تولۇق قاپلاشنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ۋىلايەت، ناھىيە (شەھەر)، كەنت دەرىجىلىك تەزكىرە سارىيى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، بىر تۈركۈم تەزكىرە سارىيى، رايون ئەھۋالى سارىيى، مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت سارىيى قۇرىدۇ. رايون ئەھۋالى تەتقىقاتى جەھەتتە، رايون ئەھۋالى بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىشتىكى ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش