دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

دوۋ ۋەنگۇي ئاۋات ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:
​ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-08-30 13:07:24

1212.jpg

8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇي ئاۋات ناھىيەسى غوروچۆل بازىرىنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسىپ باغچىسىدا كەسىپ باغچىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.      مۇخبىرىمىز جاڭ لۇ فوتوسى                   

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇي ئاۋات ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك.     

ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئاۋات بازىرى خېبىن مەھەللىسى ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى پىكىر يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مەھەللە «چوڭ پارتىيە كومىتېتى»نىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رايونلار بىرتۇتاش پىلانلانغان، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كەلگەن، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىلەنگەن يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى. دوۋ ۋەنگۇي بۇ يەرگە كېلىپ، مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاساسىي قاتلامنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، مەھەللىنىڭ خەلقنى كۆزلەش، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ چوڭ ـ كىچىك ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچ ئارقىلىق ياخشى قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

دوۋ ۋەنگۇي ئاۋات بازىرىنىڭ مەدەنىي مەھەللىسى گۈللۈك ئولتۇراق رايونىدا، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش، شەھەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە شەھەرنى كۆكەرتىش ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش بىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشقا كۈچەپ، ئاھالىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە رازىمەنلىك دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. «شەھەر ئورمان ئىچىدە، سۇ شەھەر ئىچىدە، ئۆي باغچە ئىچىدە، ئادەم مەنزىرە ئىچىدە بولۇش»تىن ئىبارەت باغچىلاشقان شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىگە ئاساسەن، شەھەر مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىدىغان باغچىلاشقان شەھەر بەرپا قىلىپ، شەھەرنىڭ ئوبرازى، دەرىجىسى ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى تېخىمۇ گۈزەل يۇرت ـ ماكاندىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

ئاۋات ناھىيەسى غوروچۆل بازىرىنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسىپ باغچىسىغا بەش خىل مېتال بازىرى، نان كەسىپ باغچىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم نامراتلارنى يۆلەش تۈرى توپلانغان، يېزا بويىچە ناۋايخانا، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى دۇكىنى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى دۇكىنى قاتارلىق تارقاق دۇكان، يايمىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش باشقۇرۇپ تىجارەت قىلىش ئەندىزىسى قوللىنىلغان بولۇپ، يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. دوۋ ۋەنگۇي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نان كەسپى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىچكى تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

دوۋ ۋەنگۇي يەنە غوروچۆل بازىرىنىڭ «كىچىك كىتابخۇمارلار ئۆيى» ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مەركىزىگە كېلىپ، بۇ مەركەزنىڭ سىرتتا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەتىلدە تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى ھەل قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەۋەلىكتىكى ئىشلىتىلمىگەن بايلىقلاردىن ياخشى، جانلىق پايدىلىنىپ، ئىشلىتىلمىگەن بايلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاممىغا ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ بېرىپ، ئىشلىتىلمىگەن بايلىقنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ «جانلىق كاپىتالى»غا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

دوۋ ۋەنگۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تۈرلۈك خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتنى ھەقىقىي ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنى ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك ئىشلاردىن قول سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ھەربىر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىكى ئىدىيەۋى ئاساسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش كېرەك.

دوۋ ۋەنگۇي مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «1+3» نۇقتىلىق خىزمىتىنى چۆرىدەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق تەرەققىياتنىڭ ھەممىسىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈش، ھەممىسىگە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈپ نان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، كىچىك كۆلەملىك تىجارەتنى تۈجۈپىلەشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈشكە ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلارنى پائال كىرگۈزۈپ، ئەۋزەل كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈپ، مەھسۇلات سانىنى ئاشۇرۇپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نان كەسپىنى كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە تېخىمۇ ئۇزاق مېڭىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنى قېلىپلىق، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، نۆۋەت ئالمىشىشنى پۇرسەت قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇللۇق خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك رولى ۋە جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي، ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەر قۇرۇلۇشىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈجۈپىلىك باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، خاسلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شەھەرنىڭ ئىقتىدارى، سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئولتۇراق مۇھىتنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيە پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈپ خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزىلارنىڭ كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈش، ئىختساسلىقلىرىنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەسىنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش