دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

دوۋ ۋەنگۇي ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى
​غايە ـ ئېتىقاد چىڭىتىلىپ، قىزىل تومۇر داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىندى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-08-02 10:49:59

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 7 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇي ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى 1 ـ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، غايە ـ ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە 8 ـ سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى قۇندۇز يۈسۈپ يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

يىغىندا، ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش»تىن ئىبارەت باش تېمىلىق ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى «مەن كىم، كىمگە تايىنىمەن، كىم ئۈچۈن ئىشلەيمەن» دېگەن دەۋرنىڭ سوئالىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھاسىلات ۋە تەسىراتلىرىنى ئېدىتلاپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ـ كۆزىتىپ، ئىدىيە مەنبەسىنى تەھلىل قىلىپ، تەنقىدلەش ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى تەنقىدلەشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىش نىشانى ۋە تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

دوۋ ۋەنگۇي كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدە تارىخ، رېئاللىق، كەلگۈسى تۇتاشتۇرۇلغان، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇ تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئۇ، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بارلىق ئەمەلىيىتى داۋامىدا بارلىققا كەلگەن نەزەرىيە جەۋھىرى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىلمىي كۆرسەتمە، بىزنى چىگىش، مۇرەككەپلىك ئىچىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا، زىددىيەت، خەۋپ ـ خەتەر ئىچىدە غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ھەربىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى، ئاساسىي ماھارىتى، ئەسلىي تېكىستىنى ئۆگىنىپ، ئەسلىي قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق ھەقىقىي تۈردە كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ شانلىق ئەنئەنىسى ۋە ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، پەزىلەتنى تاۋلاپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق «مەن كىم، كىمگە تايىنىمەن، كىم ئۈچۈن ئىشلەيمەن»نى چۈشىنىپ، ساپ قەلبنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاممىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

دوۋ ۋەنگۇي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىققا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلۇغ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەگە سادىق بولۇشنى تۈپ سىياسىي تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى چوڭ ۋەزىيەت»نى باشتىن - ئاخىر كۆڭۈلگە پۈكۈپ، ئۆزىنى ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇ بىلەن زىچ باغلاپ، كىشىلىك غايىنى ئاڭلىق ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلقنى كۆزلەشتەك سەمىمىي ھېسسىياتىنى شەرھلەش كېرەك. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتەك ئېسىل ئىستىلنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جان ـ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ ئاساسىي مەقسەتنى مەھكەم ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۈچەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىپ، «1+3» نۇقتىلىق خىزمەتنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى خىزمەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

دوۋ ۋەنگۇي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر ـ بىرىگە باغلايدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان بولۇپ، ئورنى ئالاھىدە، ئىش ئورنى مۇھىم. سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن ۋىلايىتىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا نامايان قىلىشى كېرەك. پاك ـ تەلەپچان بولۇشتەك ئەخلاق پەزىلەتتە چىڭ تۇرۇپ، يالغۇز تۇرغاندا، باشلىنىشتا، كىچىك ئىشلاردا، دوست تۇتۇشتا ئېھتىياتچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەمتەر ئادەم بولۇپ، پاكىز ئىش قىلىشى كېرەك. پارتىيە ياچېيكىسىنى چىڭ تۇتۇشنىڭ روشەن يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياچېيكا خىزمىتى نىزامى»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بەشتە چىڭ تۇرۇش» تەلىپىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «بىردە باشلامچى بولۇش»، «ئۈچتە ئۈلگە بولۇش» رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ «كۈچلۈك ئالدىنقى قاراۋۇلى» ۋە «مۇستەھكەم ئارقا ھويلىسى»بولۇپ، پارتىيە كومىتېتى خاتىرجەم ، ئامما رازى بولغان نەمۇنىلىك ئورگان بەرپا قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش