دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

دوۋ ۋەنگۇي ۋىلايەتنىڭ «1 ـ ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمىنى تەبرىكلەش بويىچە ئېچىلغان سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:
​ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولغان ئارمىيە ـ ھۆكۈمەت، ئارمىيە ـ خەلق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-08-02 10:48:19

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 7 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، ۋىلايەت «1 ـ ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 94 يىللىقىنى بىللە تەبرىكلىدى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى دوۋ ۋەنگۇي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمىگە ۋاكالىتەن، ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدىكى بارلىق كوماندىر ـ جەڭچىلەر، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى، زاپاس ھەربىيلەر ۋە كەڭ خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، ئارمىيەدىن پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، ئىنقىلاب ئىشلىرىدا يارىلانغان، مېيىپ بولغان ھەربىيلەر، زاپاس ھەربىيلەر ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چىن جيايوۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاقسۇ شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ جېڭۋېيسى ۋاڭ بىن، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەمەرجان ئىمىن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

دوۋ ۋەنگۇي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كونكرېت ئەمەلىيىتى جەريانىدا، ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق قىسىملار قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، مەركەزنى چۆرىدەش، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئەسكەرنى چېنىقتۇرۇپ جەڭگە تەييارلىق قىلىشنى قاتتىق چىڭ تۇتۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىككىنى ھىمايە قىلىپ ئورتاق بەرپا قىلىش، دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلەش، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەردە، يۈكنىڭ ئېغىرىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ۋىلايىتىمىز تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشتى.

دوۋ ۋەنگۇي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە قوراللىق كۈچلەرنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى، فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ ئوفىتىسېر ـ ئەسكەرلەرنى داۋاملىق تۈردە « تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ،  «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا پارتىيە بايرىقىنى بايراق، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشىنى يۆنىلىش، پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىشى كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ ساداسى ئارقىلىق ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشى، قىممەت قارىشى يۆنىلىشى، ھەرىكەت قائىدىسىنى يېتەكلەپ، كەڭ ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇپ قالماي، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشقا يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشتەك ئۆزگەرمەس ئارمىيە روھىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ھەربىيلەر جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى كۈچەيتىپ، «تۆتتە چىڭ تۇرۇشنى تۇتۇش» تەلىپى بويىچە، ئارمىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىك كۈچى، تەشكىلىي كۈچى، ئىجرا قىلىش كۈچىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان، غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان، قانۇن ـ ئىنتىزامى قاتتىق، ئىستىلى دۇرۇس بولغان ئېغىر سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئاساسىي قاتلامنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. قانۇن بويىچە ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش بىلەن ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن بولغانكەن جەزمەن تايىنىش، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى جەزمەن سۈرۈشتە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەيدىغان، ئورگانلار قانۇن بويىچە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، قىسىملار قانۇن بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

دوۋ ۋەنگۇي مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: غەلىبىلىك جەڭ قىلىشتىكى 1 ـ مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەڭ قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جەڭگىۋارلىق روھىنى ئاشۇرۇپ، جەڭ قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، ئاتاكىغا ئۆتەلەيدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى چىڭىتىپ، ئەسكەرلەرنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم. ئىككىنى ھىمايە قىلىش بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قىسىم قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك يۈزلىنىۋاتقان ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى پائال ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش لازىم. ئارمىيەنى ھىمايە قىلىپ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ھەقىقىي، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ۋە يۆلەش، ئېتىبار بېرىش ئوبيېكتلىرى دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، يارىلانغان، مېيىپ بولۇپ قالغان ھەربىيلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ھەربىيلەرگە ئەگىشىپ كەلگەن ئائىلە تەۋەلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، «كېيىنكى ئىش، ئائىلە، ئەۋلاد» مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش لازىم. ئىنقىلابىي قەھرىمانلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەربىي قەھرىمان ـ نەمۇنىچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىلغارلىق ئىش ئىزلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى، ھەربىيلەرنى ئۇلۇغلاش، قەھرىمانلارغا چوقۇنۇشنى پۈتۈن جەمئىيەتتىكى ياخشى كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئارمىيە بىلەن يەرلىك، ئارمىيە بىلەن خەلق ئورتاق بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىسىمنىڭ ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيە ـ خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يەرلىكنىڭ ئېھتىياجى، ئاممىنىڭ تەقەززاسى بىلەن قىسىمنىڭ ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش كېرەك. ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش، ئوقۇشقا، مائارىپقا ياردەم بېرىش، ئىككىنى ھىمايە قىلىپ ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولغان ئارمىيە ـ ھۆكۈمەت، ئارمىيە ـ خەلق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش لازىم.

سۆھبەت يىغىنىدا، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق قىسىملار، قىسىمدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر تەجرىبە ئالماشتۇرۇش سۆزى قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش